ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان  ئۇچۇر تىزگىنلەش  يېڭى قانۇن-نىزاملىرى توغرىسىدا

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار                                      

خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسى (خ ك پ) باشقۇرۇشىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن 2025-يىلى 26-نويابىردا قوبۇل قىلىنغان ۋە 2026-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)، ئادەتتىكى بىر مەمۇرىي تەرتىپنامە تېكىستى بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەن، تارىخىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن   خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مەيدان ئوقۇغانلىقتۇر. بۇ ھۆججەت، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سىستېمىلىق بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسەتلىرىنىڭ ئۈستىنى يېپېۋېتىش مەقسىتى ئۈچۈن «قانۇنىي» بىر پەردە خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ، ئىشغالچى ھاكىمىيەتنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ۋە «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئۇقۇملىرىنى، رايوندىكى ھەر تۈرلۈك  ئەقەللى ئىنسانىي ھەرىكەتنى، ئۇچۇر ئېقىمىنى ۋە  نورمال ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلىش تىرىشچانلىقىنى بوغۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ بىرەر قورالغا ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ ئەڭ ئەمەلىي ۋە يېڭى ئىسپاتىدۇر. نىزامنىڭ قوبۇل قىلىنىش ۋاقتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان تونۇشى ئاشقان بىر مەزگىلگە توغرىلىنىشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى «ئىچكى ئىشلار» ۋە «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىش ئارقىلىق دۇنيادىن ئايرىۋېتىش ئىرادىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ نىزام، شەرقىي تۈركىستاننى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان مەۋجۇت ئىجرائاتلارنى «قانۇنىي» ئاساسقا ئىگە قىلىش جەريانىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىدۇر. تېكىستنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلگەن «پارتىيە رەھبەرلىكى»، « بىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكى» تەكىتلىرى، مەزكۇر قانۇننىڭ تېخنىكىلىق بىر بىخەتەرلىك تەدبىرى بولۇشتىن زىيادە، ئىدېئولوگىيەلىك بىر ھۆكۈمرانلىق قورالى ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن بۇيان ئەۋجىگە چىققان جازا لاگېرلىرى رېئاللىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرى، بۇ قانۇن سايىسىدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ جىنايەتلەرگە ئالاقىدار ھەر قانداق دەلىل-ئىسپاتنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى «جاسۇسلۇق» ۋە « دۆلەت سىرىنى ئاشكارىلاش» دەپ بېكىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ نىزام، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مەخپىيەتلىكىنى قوغدىشىدىن زىيادە، بىر جىنايەت گۇرۇھىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىش خاتىرىسى سۈپىتىدە ئوقۇلۇشى كېرەك.

ئۇيغۇر خەلقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ نىزام، ياشاش بوشلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي تارايتىلىشى، ھەتتا نەپەس ئېلىشنىڭمۇ دۆلەتنىڭ رۇخسىتىگە باغلىنىشى ۋە ھەر بىر شەخسنىڭ يوشۇرۇن جىنايەتچى ياكى خائىن دەپ قارىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. «مەخپىيەتلىك» ئۇقۇمىنىڭ چېگراسىنىڭ مۇجمەللەشتۈرۈلۈشى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلالاشنىڭ يولىنى ئاچماقتا ۋە جەمئىيەتتە چوڭقۇر ئەندىشە ئۇرۇقىنى چاچماقتا. دۆلەت، پۇقراسىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، پۇقراسىدىن دۆلەتنى قوغداش دەرىجىسىگە پۈتۈنلەي ئۆتكەن، خەلقنى «تەھدىت ئامىلى» دەپ قارايدىغان بىر گۇمانخور (paranoyak) قۇرۇلمىغا ئايلانغان. بۇ نىزام بولسا، مەزكۇر گۇمانخورلۇقنىڭ قانۇن ماددىلىرىغا تۆكۈلگەن شەكلى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئاخىرقى رىشتىلىرىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاشنى نىشان قىلماقتا.

شۇنى ئوچۇق بايان قىلىش كېرەككى، 2026-يىلى 1-مارتتا ئىجرا قىلىنىش باشلىنىدىغان بۇ نىزام، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى، يەنى «ئەسلىمە قىرغىنچىلىقى» ۋە «سۈكۈت» باسقۇچىنىڭ باشلانغۇچى بولىدۇ. جىسمانىي مەۋجۇتلۇقى تەھدىت ئاستىدا تۇرغان بىر مىللەتنىڭ، ئەمدىلىكتە بار بولغان رىئاللىقنى تىلغا ئېلىش ھەققىمۇ «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى» باھانىسى بىلەن قولىدىن تارتىۋېلىنماقتا. بۇ ئانالىز، مەزكۇر نىزامنىڭ ماددىلىرىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قۇرلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان زۇلۇم مېخانىزمىنى، تېخنىكىلىق نازارەت پىلانلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئايرىۋېتىش نىشانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ كۆزى بىلەن ئاشكارىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىدېئولوگىيەلىك ئاساس: « بىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» ۋە پارتىيەنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى

نىزامنىڭ «ئومۇمىي پىرىنسىپلار» ناملىق بىرىنچى بۆلۈمى، قانۇننىڭ روھى بولغان سىياسىي ئىدېئولوگىيەنى ئىككىلىنىشكە ئورۇن قالدۇرمايدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا. بولۇپمۇ 3-ماددا، مەخپىيەتلىك خىزمەتلىرىنىڭ «خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە» ۋە « بىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىدە» ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇماقتا. بۇ ئىپادە، شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىدا ھاياتىي بىر خەتەردىن خەۋەر بېرىدۇ؛ چۈنكى « بىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى»، بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تۈپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، تىللىرىنى ۋە دىنلىرىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ رەسمىي نامىدۇر. بۇ ماددىنىڭ قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى، «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» باھانىسىنىڭ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى يۆنۈلۈشتىكى ھەر تۈرلۈك مەدەنىي ۋە دىنىي بىلىملەرنىڭ باستۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق جاكارلىنىشىدۇر.

«مەخپىيەتلىكنى پارتىيە باشقۇرىدۇ» پىرىنسىپىنىڭ 3-ماددا ئارقىلىق قانۇنىي مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستاندا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ئەمەس، بەلكى پارتىيە كومىسسارلىرىنىڭ خالىغانچە ئىرادىسىنىڭ ئاساس ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن، نېمىنىڭ سىر بولۇپ نېمىنىڭ ئەمەسلىكىگە قانۇنلار ياكى سوت مەھكىمىلىرى ئەمەس، شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قاراپ كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرى قارار بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال، قانۇننىڭ كۈچىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ ۋە  ئەمەلدارلارنىڭ ھەر تۈرلۈك  يولسىز ھەرىكىتىنى نازارەتتىن خالىي قىلىدۇ. بىر ئۇيغۇر مەمۇرنىڭ، پارتىيەسىدىن كەلگەن ئاغزاكى بىر يوليورۇقنى سۈرۈشتۈرۈشىمۇ   مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدار تەرىپىدىن «مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىش» دەپ قارىلىشى، جازالىنىشى مۇمكىن.

نىزامنىڭ كىرىش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىك قارىشى»، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى رېجىم (تۈزۈم) نىڭ مەۋجۇتلۇقىغىلا باغلاپ تەڭلەشتۈرىدىغان بىر تەلىماتتۇر. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ تەلىمات، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ دەل ئۆزىلا بىر «بىخەتەرلىك تەھدىتى» دەپ بېكىتمەكتە. شۇڭلاشقا بۇ نىزام، دۆلەتنىڭ ھەربىي ياكى دىپلوماتىك سىرلىرىنى قوغداشتىن زىيادە، رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىرىنى ۋە تاكتىكىلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. «ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك» نىشانى، ئەمەلىيەتتە رايوندىكى قارشىلىقنىڭ پۈتۈنلەي سۇندۇرۇلۇشى ۋە مۇتلەق بىر سۈكۈتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى نىشانىنى نىقابلىماقتا.

نىزام، 4-ماددا ئارقىلىق رايونلۇق مەخپىيەتلىك خىزمەتلىرى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلارنى بەرمەكتە. بۇ گۇرۇپپا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىرىنى يەرلىكتە ئىجرا قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورگان دەپ بېكىتىلگەن. بۇ قاتلاملىق قۇرۇلما، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق دائىرىسىنى پۈتۈنلەي نۆلگە چۈشۈرۈپ، بېيجىڭدىن كەلگەن بۇيرۇقلارنىڭ شەرتسىز ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئاپتونوم» نامى، بۇ مەركەزچى ۋە مۇستەبىت قۇرۇلما ئىچىدە پۈتۈنلەي مەنىسىزلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان بىۋاسىتە بېيجىڭغا قاراشلىق بىر مۇستەملىكە ۋالىيلىقى سالاھىيىتىدە باشقۇرۇلماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، 6-ماددىدا كۆرسىتىلگەن «مەخپىيەتلىك تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسى» ۋەزىپىسى، ئىدېئولوگىيەلىك مېڭە يۇيۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر. دۆلەت، پەقەت ئۇچۇرنى يوشۇرۇش بىلەنلا قالماي، خەلقنىڭ زېھنىگە «نېمىنى بىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى» ۋە «نېمىنى سۆزلىمەسلىكى ، سورىماسلىقى كېرەكلىكىنى» ئويۇپ يېزىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ تەربىيەلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېڭىدا، دۆلەتنىڭ ھەر قانداق نەرسىنى بىلىدىغانلىقى ۋە ھەر نەرسىنى كۆرىدىغانلىقى قورقۇنچىنى  يەرلەشتۈرۈپ، پىسخىكىلىق بىر تەسلىمىيەت يارىتىشنى مەقسەت قىلماقتا.    بىلمەك  جىنايەت، نادانلىق بولسا پەزىلەت دەپ قارىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي تەرتىپ قۇرۇلماقتا.

ئىجتىمائىي كۆزىتىشنىڭ قىلدام  تومۇرلىرى: مەھەللە بېسىمى ۋە چېقىمچىلىق تورى

بۇ نىزامنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرەپلىرىدىن بىرى، مەخپىيەتلىك ۋە ئىستىخبارات مەسئۇلىيىتىنى دۆلەت ئورگانلىرىدىن چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغا، مەھەللىلەرگە ۋە ھەتتا ئائىلە ئىچىگىچە يۈكلىشىدۇر. 5-ماددا ۋە 8-ماددا، «ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلىرى» (مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى) نىڭ مەخپىيەتلىك خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىنى ۋە «قۇلاق»لار نىڭ بېكىتىلىشىنى مەجبۇرىي قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئەمەلىيىتىدە بۇ كومىتېتلار، نۆۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىگە ھەر ۋاقىت  بىمالال  كىرىدىغان، كىمنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، كىمنىڭ ئۆيىدە قايسى كىتابنىڭ بارلىقىنى، كىمنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقىنى بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى دوكلات قىلىدىغان بىرەر نازارەت پونكىتىدۇر. بۇ قانۇن بىلەن بىرلىكتە، مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش» نامى ئاستىدا قانۇنلاشتۇرۇلماقتا ۋە قانۇنىي بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلانماقتا.

نىزام، پۇقرالارنى دۆلەتنىڭ بىرەر جاسۇسى بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا. 8-ماددىدىكى «ھەر قانداق پۇقرا ۋە تەشكىلات، مەخپىيەتلىك خىزمىتىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك» دېگەن ھۆكۈم، پاسسىپ بىر ئىتائەتنى ئەمەس، ئاكتىپ بىر ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ، بىر قوشنىنىڭ يەنە بىرىنى، بىر خىزمەتچىنىڭ  خىزمەتدىشىنى «شۇبھىلىك ھەرىكىتى بار» باھانىسى بىلەن پاش قىلىشى  بىر  پۇقرالىق بۇرچى دەپ قارىلىدىغان مۇھىت ياراتماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئاللىبۇرۇن پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەن ئىجتىمائىي ئىشەنچ توقۇلمىسى، بۇ ماددا بىلەن پۈتۈنلەي يوقىتىلماقچى. ئىنسانلار، ئەڭ يېقىنلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ«دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە دەخلى قىلىش» ياكى «خاتا چۈشىنىلىپ قېلىش» قورقۇنچى بىلەن ئۆزىگە ئۆزى سېنزور يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىن تاللايدىغان«  قۇلاق»لىرى ، جەمئىيەتنىڭ قات-قېتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رەسمىي كۆزلەردۇر. بۇ كىشىلەر، پەقەت ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىلا ئەمەس، بازارلاردا، مەسچىت ھويلىلىرىدا (ئوچۇق قالغانلىرىدا) ۋە شەخسىي يىغىلىشلاردىمۇ قۇلاق سالىدۇ، «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار» (يەنى رېجىمنى تەنقىد قىلىدىغان) ھەر تۈرلۈك پىچىرلاشلارنىمۇ دوكلات قىلىدۇ. بۇ سىستېما، خىتاينىڭ قەدىمكى «باۋجيا» (Baojia) سىستېمىسىنىڭ ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى كوللېكتىپ چېقىمچىلىق مېخانىزمىنىڭ، زامانىۋى تېخنىكا ۋە مۇستەبىت قانۇنلار بىلەن يېڭىلانغان ھالىتىدۇر. مەقسەت، دۆلەت مۇداخىلىسى  بولمىغان ھېچقانداق شەخسىي بوشلۇق قالدۇرماسلىقتۇر.

نىزامنىڭ 9-ماددىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان  «مەخپىيەتلىك تەربىيەسى ئېيى» (ئاپرېل ئېيى) ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا يۈكلىگەن تەشۋىقات مەسئۇلىيىتى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر مېڭە يۇيۇش جەريانىغا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەكتەپلەردە، خىزمەت ئورۇنلىرىدا ۋە تاراتقۇلاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا «جاسۇسلارغا قارشى سەگەك بولۇش» تېمىلىق  سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيىتى مەجبۇرى  قانات يايدۇرۇلۇپ ، چەت ئەللىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىش، چەت ئەل رادىيولىرىنى ئاڭلاش ياكى چەكلەنگەن نەشر بۇيۇملىرىنى ئوقۇش «ۋەتەن خائىنلىقى» بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ زىھنىدە زور بۇزغۇنچىلىق يارىتىپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆيدىكى پاراڭلىرىنى «ئوقۇتقۇچىلىرىغا» (يەنى دۆلەتكە) دوكلات قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، 40-ماددىدا تىلغا ئېلىنغان «قۇلاق   ئاممىۋى تەشكىلاتلار» غا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، پۇقرالار جەمئىيىتى نىقابى ئاستىدا دۆلەتنىڭ قولچومىقى بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلمىلار، كەسىپ گۇرۇپپىلىرى ئىچىدە (دوختۇرلار، ئىنژېنېرلار، ئاكادېمىكلار)  تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىنىڭ قولى يەتمىگەن كۈلرەڭ رايونلارنى نازارەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاللىبۇرۇن مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈلۈپ بولغان ۋەزىيەتتە، دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى بۇ خىل تەشكىلاتلار، زىيالىيلار قاتلىمىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇشنىڭ بىر قورالى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، نىزامنىڭ بۇ بۆلۈمى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنى «تېرىقتەك چېچىۋېتىش» (atomize) ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شەخسلەرنى بىر-بىرىگە ئىشەنمەس ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، تەشكىللىك بىر قارشىلىقنىڭ ياكى پۇقرالار ئىتائەتسىزلىكىنىڭ بىخلىنىشىنى توسۇش مەقسەت قىلىنماقتا. دۆلەت، ھەر بىر شەخسنىڭ گەدەن تومۇرىدا ھېس قىلىپلا تۇرىدىغان تەڭلەگلىك ئامبۇر كەبى بولۇپ، مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە پاش قىلىش لىنىيەلىرى ئارقىلىق  رىجىم مەۋجۇتلۇقىنى ئەڭ مەھرەم (شەخسىي) رايونلاردىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ.

رەقەملىك توتالىتارىزم (ھوقۇق يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن دىكتاتور دۆلەت تۈزۈمى)  ۋە تېخنىكىلىق قەپەس: سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى كۆزىتىش

نىزامنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ۋە زامانىۋى دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان قىسمى بولسا، تېخنىكىنىڭ، غايەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى  ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ «سىر ساقلاش» نامى ئاستىدا قانداق قىلىپ بىرەر بېسىم قورالىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ماددىلاردۇر. شەرقىي تۈركىستان، ھازىرنىڭ ئۆزىدە دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان رەقەملىك نازارەت تەجرىبىخانىسى ئورنىدا بولۇپ، بۇ نىزام بۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى قانۇنىي نورماللىققا ئايلاندۇرماقتا. 10-ماددا، «يېڭى شىفىرلاش تېخنىكىلىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقىل» نىڭ مەخپىيەتلىك ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا رىغبەتلەندۈرمەكتە ۋە قوللىماقتا. بۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى، ھەر بىر رەقەملىك ئىزىنى ئىز قوغلاش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان IJOP (بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت سۇپىسى) غا ئوخشاش سىستېمىلارنىڭ، ئەمدىلىكتە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قورالى» سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

21-ماددا، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىشىگە قاراتقان چەكلىمىلەر بىلەن، رەقەملىك بىر ئايرىۋېتىشنى يولغا قويماقتا. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر، دەرھال ئۇچۇرلىشىش قوراللىرى (ئۈندىداردىن باشقا ئەپلەر)، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمەتلىرى»نىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ماددا، دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ۋە سەزگۈر ساھە خىزمەتچىلىرىنىڭ WhatsApp, Telegram, Signal غا ئوخشاش شىفىرلىق خەۋەرلىشىش ئەپلىرىنى ئىشلىتىشىنى  جىنايەت سۈپىتىدە تونۇلۇشىنى پۈتۈنلەي قانۇنلاشتۇرماقتا. بىر ئۇيغۇر ئاكادېمىكنىڭ ياكى دوختۇرنىڭ تېلېفونىدا بۇ ئەپلەرنىڭ بولۇشىمۇ، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىش» ئېھتىماللىقى بارلىقى باھانىسى بىلەن جازالىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە قاناللىرىنىڭ پۈتۈنلەي كېسىلىشى دېمەكتۇر.

نىزام، 22-ماددا بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىغا«جاسۇسلۇق ئۆز-ئۆزىنى سېنزورلاش ئەسلىھەلىرى» قۇرۇش ۋە «سۈنئىي ئەقىلگە ئوخشاش يېڭى تېخنىكىلارنى قوللانغاندا مەخپىيەتلىك تەلىپىگە رىئايە قىلىش» مەجبۇرىيىتى يۈكلىمەكتە. بۇ ئىپادە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ، تورلارنىڭ ۋە ھەتتا  كۈزىتىش كامېرالىرىنىڭ، سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرى (ئالگورىزىم) بىلەن ئۈزلۈكسىز سىكانىرلىنىپ تۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. سۈنئىي ئەقىل، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ، «غەيرىي» بىر سانلىق مەلۇمات يوللاش ياكى شۇبھىلىك بىر ئاچقۇچلۇق سۆز ئىشلىتىش ئەھۋالىدا ئاپتوماتىك ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئىنسان نازارىتىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ تېخنىكىلىق نازارەت، خاتالىققا  مۇتلەق يپل قويمايدىغان ۋە رەھىم-شەپقىتى بولمىغان بىر رەقەملىك قاراۋۇلغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ.

ئۇچۇر سىستېمىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئاسراش ۋە يوقىتىش جەريانلىرىنى بەلگىلەيدىغان 18-، 19- ۋە 20-ماددىلار، رەقەملىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ يوقىتىلىشىنىمۇ تۈزۈملەشتۈرمەكتە. بولۇپمۇ 18-ماددا، براك كومپيۇتېر ۋە سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ، پەقەت دۆلەت بەلگىلىگەن مەركەزلەردە يوقىتىلىشىنى شەرت قىلماقتا. بۇ ماددا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» (Xinjiang Police Files) گە ئوخشاش سىر پاش بوپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئېلىنغان  تەدبىردۇر. جازا لاگېرلىرىدىكى خاتىرىلەر، سوراق سىنلىرى ۋە بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلار، ئىشى تۈگىگەندە ئىز قالدۇرمايدىغان شەكىلدە، دۆلەت نازارىتىدە يوقىتىلىدۇ. تارىخىي جىنايەتلەرنىڭ  رەقەملىك ئىزلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، كەلگۈسىدىكى ئېھتىماللىقى بولغان خەلقئارا سوتلار ئۈچۈن دەلىل قالدۇرماسلىق نىشان قىلىنماقتا.

24-ماددا، «ئۇچۇرلارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى ۋە باغلىنىشى» (data aggregation) نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلارنىڭمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ، غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئانالىزىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. يەككە ھالەتتە زىيانسىز كۆرۈنگەن مەلۇماتلارنىڭ (مەسىلەن؛ بىر كەنتتىكى توك سەرپىياتى، تۇغۇت نىسبىتى، سەپەر قېتىم سانى) بىر يەرگە جەم قىلىنغاندا دۆلەت يوشۇرۇشنى خالىغان بىر ھەقىقەتنى (مەسىلەن؛ كەنتنىڭ بوشىتىلغانلىقىنى ياكى لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى) ئاشكارىلاپ قويۇشى ئەھۋالىدا، بۇ مەلۇماتلار دەرھال «سىر» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. دۆلەت، ئۆزىنىڭ ئىستاتىستىكا ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنىمۇ سېنزور قىلىش ئارقىلىق، نوپۇس قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىزلىرىنى ئىستاتىستىكا ئىلمىدىن قاچۇرۇشقا تىرىشماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، 12-ماددىدا كۆرسىتىلگەن «ئۇچۇر ھەمبەھرلەش ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مېخانىزمى، بىڭتۈەن (شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى)، ئارمىيە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئارىسىدا بىر گەۋدىلەشكەن رەقەملىك مۇداپىئە سېپى قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتماقتا. بۇ، يەرلىك ۋە ھەربىي نازارەت تورلىرىنىڭ بىرلىشىشى دېمەكتۇر.يەنى، بىر ئۇيغۇر پۇقرانىڭ دوختۇرخانا خاتىرىسى، سەپەر بېلىتى ياكى بانكا سودىسى، ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم ساقچى ھەم بىڭتۈەن ھەم  ھەربىي ئىستىخبارات تەرىپىدىن كۆرۈلەلەيدۇ ۋە «خەتەر ئانالىزى» ئامبىرىغا چۈشىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، بۇ نىزام ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان، تېخنىكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە ئەمەس، ئىنساننىڭ قۇل قىلىنىشىغا بېغىشلانغان قورقۇنۇچلۇق بىر مودېلغا، بىر «تېخنو- ھاكىممۇتلەق» رېجىمغا ئايلانماقتا. ئىنتېرنېت، ئەركىن بوشلۇق ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرىدىغان كۆزىگە ئايلانغان. بۇ تېخنىكىلىق قەپەس، تاملىرى بولمىغان ئەمما قېچىش،يوشۇرۇنۇش مۇمكىنسىز بولغان بىر تۈرمىدۇر.

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە: چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ تارتىۋېلىنىشى

2025-يىلدىكى بۇ نىزام شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن تېخىمۇ يېتىم قالدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايوننى تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بىر «قارا قۇتا»غا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. نىزامنىڭ 29-ماددىسىدا، چېگرا رايونلىرىدا «ئىنسان كۈچى ۋە تېخنىكىلىق مۇداپىئە»نى بىرلەشتۈرگەن بىر گەۋدىلەشكەن چېگرا قوغداش سىستېمىسى قۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا ئەركىن دۇنيا بىلەن بولغان بارلىق فىزىكىلىق ئالاقىسىنىڭ «تۆمۈر پەردىلەر» ئارقىلىق تېخىمۇ ئېغىر شەكىلدە ئۈزۈپ تاشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، چېگرا بويىدىكى يېزا-كەنتلەردە ياشايدىغان خەلققە «چېگرا بىخەتەرلىكى» دېگەن نامدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم تېخىمۇ كۈچىيىپ، چېگرا لىنىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سېنزورلار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە چارلىغۇچى قىسىملار ئارقىلىق پۈتۈن رايون قاتتىق قامال قىلىنىپ، قۇشمۇ ئۇچۇرۇلمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت، پەقەت تاشقىرىدىن كىرىشنى توسۇپ قېلىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىچكىرىدىن سىرتقا قېچىش يوللىرىنى پۈتۈنلەي ئېتىپ، گۇۋاھچىلار ۋە قاچقۇنلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىغا قەتئىي ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىقتىن ئىبارەت.

نىزام، مەمۇرىيەتكە كىشىلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى، «سىر ساقلاش» باھانىسى بىلەن مۇددەتسىز توڭلىتىپ قويۇش ھوقۇقىنى بەرمەكتە. 30-ماددا ۋە 32-ماددا، «مەخپىيەتلىككە  مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر» دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ كونترول ئاستىدا تۇتۇلۇشىنى ۋە چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ رۇخسەتكە باغلىنىشىنى بەلگىلىمەكتە. بىراق ئەسلى تۇزاق، «مەخپىيەتلىكتىن ئايرىلىش مەزگىلى» ئىجرائاتىدىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەزگۈر ۋەزىپىلەردە بولغان كىشىلەر (بۇ ئېنىقلىما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مەمۇرلىرى ئۈچۈن خالىغانچە كېڭەيتىلىشى مۇمكىن)، خىزمەتتىن ئايرىلغان ياكى پېنسىيەگە چىققان تەقدىردىمۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن مۇددەتتە (ئايلارچە ياكى يىللارچە) چەت ئەلگە چىقالمايدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر گۆرۈگە ئېلىش سىياسىتىدۇر. دۆلەت، دۆلەت جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بېرەلەيدىغان ھەر كىمنى، ئۆمۈر بويى دۆلەت ئىچىدە سولاپ تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى  مەزكۇر نىزام ئارقىلىق .قانۇنلاشتۇرماقتا.

مەزكۇر چەكلىمىلەر پەقەت دۆلەت مەمۇرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. 29-ماددىدا ئارمىيە، تاموژنا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ماسلىشىشىدىن سۆز ئېچىلىشى، چېگرادىن ئۆتكەن ھەر كىمنىڭ يوشۇرۇن «ئۇچۇر ئوغرىسى» مۇئامىلىسى كۆرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشى، ئوقۇش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىشى ياكى سودا ساياھەتلىرى، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سىرتقا چىقىرىش خەۋپى» باھانىسى بىلەن پۈتۈنلەي توسۇلۇشى مۇمكىن. پاسپورت ئېلىش، بىر ھەق بولۇشتىن چىقىپ، ساداقەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىلىدىغان بىر ئىمتىيازغا ئايلانماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، چېگرا رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ، بىڭتۈەن (خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى) بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمىدۇر. چېگرا بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر كەنتلىرى بوشىتىلىشى ياكى ھەربىي رايونلارغا ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇ نىزام، چېگرا لىنىيەسىنى پۇقرالاردىن خالىي قىلىنغان، پۈتۈنلەي ھەربىيلەشتۈرۈلگەن توساققا  ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ ماددىلار شەرقىي تۈركىستاننى، كىرىش تەس، چىقىش بولسا مۇمكىنسىز بولغان غايەت زور بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئايلاندۇرماقتا. چېگرالار، دۆلەتلەرنى  بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىزىقلار بولۇشتىن چىقىپ، خەلقنى ئۆز ۋەتىنىدە ئەسىر تۇتىدىغان تامغا ئايلانغان.

قانۇنىي تۇزاقلار ۋە جازالاش: «خىزمەت مەخپىيەتلىكى» ۋە چېقىمچىلىق مۇكاپاتلىرى

نىزامنىڭ ئەڭ تۇزاققا دەسسىتەلەيدىغان  ۋە قانۇنىي ئېنىقلىق پىرىنسىپىنى دەپسەندە قىلىدىغان بەلگىلىمىلىرىدىن بىرى، قوشۇمچە ھۆكۈملەر بۆلۈمىدىكى 43-ماددا بىلەن كەلتۈرۈلگەن «خىزمەت مەخپىيەتلىكى» (Gongzuo Mimi) ئۇقۇمىدۇر. بۇ ماددا، «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەرىجىسىدە بولمىغان، ئەمما ئاشكارىلانغاندا «ئورگاننىڭ خىزمەت يۈرۈشۈشىگە، بىخەتەرلىكىگە ياكى مەنپەئەتلىرىگە زىيان بېرىدىغان» ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرنىڭ قوغدىلىشىنى كۆزدە تۇتماقتا. بۇ ئېنىقلىما شۇ قەدەر مۈجمەل ۋە كەڭكى، ئەمەلدارلارغا چەكسىز بىر جازالاش ھوقۇقى بەرمەكتە. مەسىلەن؛ بىر زاۋۇتتىكى ئىشلەش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، بىر دوختۇرخانىدىكى بىمار زىچلىقى، بىر مەكتەپتىكى دەرسلىك ئۆزگىرىشى ياكى بىر كەنتتىكى نوپۇس ئازىيىشىغا ئوخشاش مەلۇماتلار، دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولمىسىمۇ «خىزمەت مەخپىيەتلىكى» ھېسابلىنىپ، بۇلارنى ھەمبەھرلىگەنلەر جازالىنىشى مۇمكىن. بۇ ماددا، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنىڭ ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئالاھىدە بىر قانۇنىي تۇزاقتۇر.

نىزامنىڭ جىنايى جاۋابكارلىق بۆلۈمى، رەھىمسىز بىر «جىنايەت ۋە جازا» تەڭپۇڭلۇقى قۇرماقتا. 41-ماددا، پەقەت سىرنى ئاشكارىلىغۇچىنىلا ئەمەس، «مەخپىيەتلىك ساقلاش باشقۇرۇشىغا سەل قارىغان» رەھبەرلەرنىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئورگانلار ئىچىدە بىر قورقۇنچ قاتلىمى ياراتماقتا.  تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بولغىنى، 36-ماددىدا بەلگىلەنگەن «پاش قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش» مېخانىزمىدۇر. نىزام، پۇقرالارنى «مەخپىيەتلىككە دەخلى قىلىش» ئىھتىمالى بولغان ئەھۋاللارنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مۇكاپات ۋەدە قىلماقتا. بۇ، 1966-1976 مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي چالما-كېسەك قىلىش (جازالاش) مەدەنىيىتىنىڭ، زامانىۋى قانۇن تىلى بىلەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىدۇر. بۇ ئەھۋالدا  پۇل مۇكاپاتىغا ئىھتىياجى بولغان ياكى سىياسىي نومۇر قازىنىشنى خالىغان كىشىلەر، قوشنىلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى ياكى تۇغقانلىرىنى ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر بىلەنمۇ پاش قىلىشى مۇمكىن. بۇ ماددا، جەمئىيەتتە گۇمانخورلۇقنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى يوقاتماقتا ۋە ھەممەيلەننى يوشۇرۇن چېقىمچىغا ئايلاندۇرماقتا.

39-ماددا، پۇقرالارغا ۋە ئورگانلارغا، «مەخپىيەتلىككە مۇناسىۋېتى بولغان خادىمىنىڭ يوقىلىشى، پاناھلىق تىلىشى ياكى قاچۇرۇلۇشى» ئەھۋالىدا دەرھال دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلىمەكتە. بۇ ماددا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز مەمۇرلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ ئىقرارىدۇر. بولۇپمۇ چەت ئەلگە قېچىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەر، «يوقاپ كەتكەن» سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قالغان ھامان، ئائىلىسى ۋە ئەتراپى ئۈستىدە زور بىر بېسىم قۇرۇلۇپ، «قاچقۇن» كىشى تېپىلغۇچە يېقىنلىرى گۆرۈگە ئېلىنىشى مۇمكىن. بۇ، چېتىپ جازالاش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرىدۈر.

تەكشۈرۈش ھوقۇقلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. 35-ماددا، مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (پارتىيە مۇپەتتىشى)، جامائەت خەۋپسىزلىكى (ساقچى)، دۆلەت بىخەتەرلىكى (ئىستىخبارات) ۋە تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ماسلىشىپ ئىشلىشىنى بۇيرۇيدۇ. بۇ، نورمال بىر مەخپىيەتلىككە دائىر مەمۇرىي تەكشۈرۈشنىڭ دەقىقىدە  تېررور ياكى جاسۇسلۇق دېلوسىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا «مەخپىيەتلىككە دەخلى قىلىش» ئەيىبلىشى بىلەن باشلانغان بىر جەريان، كۆپىنچە يىغىۋېلىش لاگېرى ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىلەن ئاخىرلاشماقتا. سوت مۇستەقىللىقى بولمىغان بىر دۆلەت تۈزۈلمىسىدە، بۇ ماسلىشىش مېخانىزمى، جاۋابكارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالىدىغان بىر «جازالاش ماشىنىسى» غا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ.

قانۇنىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ نىزام «قانۇن سىرتىدا جىنايەت ۋە جازا بولمايدۇ» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلماقتا. چۈنكى نېمىنىڭ جىنايەت (دۆلەت سىرى) ئىكەنلىكى ئالدىن مەلۇم ئەمەس؛ مەمۇرىيەت، ئىشىغا پۇتلاشقان ھەر قانداق ئۇچۇرنى ، پۇتلىشىش يۈز بەرگەن پەيتتە «سىر ئىدى» دەپ ئېلان قىلىپ، كىشىنىڭ ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلىيەلەيدۇ. بۇ، قانۇننى بىر بېسىم قورالى سۈپىتىدە قوللىنىدىغان «قانۇن ئارقىلىق زەربە بېرىش» (Lawfare) ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ قوپال مىسالىدۇر.

خۇلاسە: قىرغىنچىلىقنىڭ مۇئەسسەسەلىشىشى

2025-يىلى 26-نويابىردا قوبۇل قىلىنغان ۋە 2026-يىلى ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ نىزام، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىشى كېرەك. تېكىستنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى تەكشۈرۈلگەندە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ «دۆلەت سىرى بىخەتەرلىكى» ئەمەس، «ھەقىقەتنى يوشۇرۇش» ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغۇت چەكلەش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسەتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بېيجىڭ رېجىمى، بۇ قانۇن ئارقىلىق جىنايەت  نەق مەيدانىغا «كۆرۈش مەنئى قىلىنىدۇ» تېمىنى  سوقماقتا  ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى، ئىزنى يوقىتىشنى قانۇنىي مەجبۇرىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بۇ تۈزۈم، مەۋجۇتلۇققا قارىتىلغان بىر تەھدىتتۇر. بىر مىللەتنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى چەكلىنىۋاتقاندا، ئەمدىلىكتە بۇ چەكلىمىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلىشىمۇ چەكلەنمەكتە. ئۇيغۇر خەلقى، ھەم فىزىكىلىق ھەم رەقەملىك تامنىڭ ئارقىسىغا قامالماقتا، ئاۋازى بوغۇلماقتا ۋە ئەسلىمىسى ئۆچۈرۈلمەكتە. «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دېيىلگىنى، شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىڭ تىزىملىكىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

بۇ نىزام، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىغا قارىتا مەيدان ئوقۇشتۇر. خىتاي، ئاتالمىش«ئىگىلىك ھوقۇقى» ۋە «ئىچكى قانۇن» زاكونلىرىنى قوللىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىلىرىنى ۋە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئىناۋەتسىز قىلغانلىقىنى  بىمالال جاكارلىماقتا. يەنى،  تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ، بۇ قانۇنغا ماسلىشىش نامى ئاستىدا خىتاينىڭ نازارەت ئۈسكۈنىلىرىگە بېرىدىغان ياردىمى، خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە؛ بۇ ھۆججەت بىر قانۇن ئەمەس، بىر»  گاچىلاشتۇرۇش،گاسلاشتۇرۇش پەرمانى» دۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆزىدە بۇ تېكىست، ئىشغالچىنىڭ خۇدۇكسىرىشىنىڭ، قورقۇنچىنىڭ ۋە جىنايەتچىلىك پىسخىكىسىنىڭ ھۆججىتىدۇر. بىراق تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھېچقانداق قانۇن ھەقىقەتنى مەڭگۈلۈك قاماپ تۇرالمايدۇ ۋە ھېچقانداق تام بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قالالمايدۇ.  مانا بۇ ئانالىز، زۇلۇمنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى، ھەقىقەتنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ ئاۋازى بولۇش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر.

پايدىلانما:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش نىزامى» (2025-يىلى 26-نويابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا قوبۇل قىلىندى)، «شىنجاڭ گېزىتى» دە بېسىلدى، 2025-يىلى 1-دېكابىر، A06-بەت.