تايلاند كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى: ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېتىش قانۇنسىزلىق

2025-يىلى 4-دېكابىر

2025-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، تايلاند دائىرىلىرى 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتايدا قىيىن-قىستاققا، مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشقا ۋە باشقا ئىنسانىيەتسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش خەۋپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىل-ئاساسلارغا قارىماي، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تايلاند ھۆكۈمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارغا، ھەم تايلاند قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، خەلقئارانىڭ تايلاندقا بولغان ئىشەنچىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ تايلاندنىڭ يەرشارى ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ھەمدە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئورنىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

2014-يىلى، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 27 مىڭ 164 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئىدى. خىتاينىڭ پارتىيە-دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ رەسمىي قولغا ئېلىش نىسبىتىنىڭ 2013-يىلدىكىدىن %95 تىن كۆپرەك ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئەيىبلەشلەرنىڭ مۈجمەللىكى، سوتلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش مەشھۇر، تىنچلىقپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى، بۇنىڭ تەشۋىق قىلىنغىنىدەك «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە نىشانغا ئالغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھالبۇكى، نۇرغۇن قاچقۇنلار ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى. 2014-يىلى تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرى تەرىپىدىن 300 دىن ئارتۇق مۇساپىر تۇتۇۋېلىندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 173 كىشى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 109 كىشى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلدى، كەم دېگەندە بەش كىشى، جۈملىدىن بىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە بىر بالا قاماقخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئارىدىن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن 48 كىشى تايلاند كۆچمەنلەر قاماقخانىسىدا تەقدىرى نامەلۇم ھالەتتە تۇرۇپ قالدى؛ ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشى، ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىش تەكلىپى ۋە خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش بېسىمى ئارىسىدا قىسىلىپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت دەلىل-ئاساسلارنىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان ۋە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى خەلقئارالىق قايتۇرۇۋەتمەسلىك (non-refoulement) پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا رەسمىي چاقىرىق قىلغان دوكلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارىماي، تايلاند دائىرىلىرى بۇ 48 كىشىنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا يول قويۇشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
كېيىن ئىشلار تېخىمۇ يامانلاشتى.

2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تايلاندنىڭ 40 كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشىگە قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر، قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار نارازىلىق بىلدۈردى.

2025-يىلى 1-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلە تولۇق ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن،» دېدى مۇتەخەسسىسلەر. «بىز ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار دۆلەتلەرگە قايتۇرۇۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى خەلقئارالىق چەكلىمىگە خىلاپ ھالدا، ئوڭشىغىلى بولمايدىغان زىيانغا ئۇچراش خەۋپى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

شۇنداق تۇرۇقلۇق، 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، تايلاند خىتاينىڭ تەلىپىگە بويۇن ئېگىپ، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 40 كىشىنى، ئۆز خەلقىگە قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنغان بىر دۆلەتكە قايتۇرۇۋەتتى.
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىرۋىن شۆبىسىنىڭ پىروفېسسورى جەفرىي ۋاسسېرستروم بۇ قايتۇرۇۋېتىش ھەققىدىكى بىر ئوبزورىدا، تايلاندتىكى ۋەزىيەتنى ئون يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدىكى توسالغۇنى — يەنى سەرخىللار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:

«ئۆتمۈشتىكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئەندىزىلەر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇۋېتىلىشى بار. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بانكوكتا يېڭىدىن قۇرۇلغان پۇقرالار ھۆكۈمىتىمۇ خۇددى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەربىي ھۆكۈمەتكە ئوخشاشلا، پەقەت يەرلىك تەنقىدچىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى شىمالدىكى قۇدرەتلىك ۋە مۇستەبىت قوشنىسىنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ پاناھلىق تىلىگەنلەرگىمۇ ئىلگىرىكىدەك تونۇش بولغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشنى خالايدۇ؛ چۈنكى تايلاندنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سەرخىللىرى يېقىنقى ھەر بىر نۆۋەتلىك تەركىبىدە، ئاشۇ قوشنىسىغا ياخشىچاق بولۇشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلدى.»

ئەمما 2025-يىلى 11-ئايدا، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت پارچە ئايرىم ئەرز تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئەرزلەر تايلاند ھۆكۈمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئىدى. ئەرزدە بۇ قايتۇرۇۋېتىشنىڭ «ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا، مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشقا ۋە باشقا ئىنسانىيەتسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش خەۋپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىشەنچلىك دەلىل-ئاساسلارغا قارىماي» ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كومىتېت ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، «جاۋابكارلارنىڭ ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق دەلىل يوقلۇقىنى» بايقىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، كومىتېت تايلاند ھۆكۈمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ «پەقەت خىتاينىڭ دىپلوماتىك ۋەدىلىرىگىلا تايانغانلىقىنى، قايتۇرۇۋېتىش جەريانىغا ئائىت ھېچقانداق دەلىللىگىلى بولىدىغان ئىسپات ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات تەمىنلىيەلمىگەنلىكىنى» قەيت قىلدى.

كومىتېت يەنە قايتۇرۇۋېتىلگەنلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل كۆزىتىشنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقاردى:

«شۇنىڭ بىلەن، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەزكۇر ئۈچ جاۋابكارنىڭ ھەرىكىتى ياكى ھەرىكەتسىزلىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ياتىدۇ، دەپ خۇلاسە چىقاردى. بۇ قايتۇرۇۋېتىش خەلقئارالىق قايتۇرۇۋەتمەسلىك پىرىنسىپىغا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ۋە 2022-يىللىق ‹قىيىن-قىستاق ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا خىلاپ. بۇ يەنە بولۇپمۇ تايلاند بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە (2025–2027) سايلانغاندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ تايلاندقا بولغان ئىشەنچىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇ ۋەقە يەنە تايلاندنىڭ يەرشارى ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ھەمدە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئورنىغا تەسىر كۆرسەتتى.»

https://safeguarddefenders.com/en/blog/thai-human-rights-commission-uyghur-deportation-unlawful