ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە سالام تۇرسۇن 2013-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى بەلگىسىز چېگرادىن لاداخقا (Ladakh) ئۆتكەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرماقتا. ئۇلار يۇرتى شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كېلىشى مۇقەررەر بولغان تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. (سۈرەتتە: ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تەمىنلىگەن)
«Guardian» گېزىتى مۇخبىرلىرى
2025-يىلى 5-دېكابىر، جۈمە
سوت ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى 12-ئىيۇن ئاخشىمى، ئۈچ نەپەر «خىتايلىق چېگرانى بۆسۈپ كىرگۈچى» ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن لاداخنىڭ تاغلىق شىمالىي رايونىدىكى ئىنسان ئايىغى باسمايدىغان، چەت-يىراق چۆل بولغان سۇلتان چۇسكۇدا قولغا ئېلىنغان.
تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئادىل (23 ياش)، ئابدۇخالىق (22 ياش) ۋە سالام (20 ياش) لاداخ بىلەن چېگرالىنىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىدىن ئاپتوبۇس ۋە پىيادە ھالدا ھىمالايا تاغلىرىنىڭ خەتەرلىك يار-داۋانلىرىنى ئېشىپ، 13 كۈنلۈك جاپالىق سەپەردىن كېيىن، چېگرا بەلگىسى ئېنىق بولمىغان، تالاش-تارتىشتىكى بۇ رايونغا كېلىپ قالغان ئىدى.
بۇ قېرىنداشلار ھىندىستان ئارمىيە ئەمەلدارلىرىغا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر نەچچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋالغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىگە يېقىن يۇرتىدىكى ئائىلىسىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇمكى، ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ پەقەت مەسچىتكە بارغىنى ياكى ياغلىق ئارتقىنى ئۈچۈنلا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي، ھىندىستان ۋە پاكىستان تەرىپىدىن ئوخشىمىغان شەكىلدە كونترول قىلىنىۋاتقان تالاش-تارتىشتىكى زېمىنلار
خىتاي تەرەپ بۇنى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىش» ۋە «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى» تەدبىرى دەپ ئاقلىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بۇ قىلمىشلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»قا ياتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
ھەربىي تەرەپنىڭ ئىككى ئايلىق سوراق قىلىشىدىن كېيىن، بۇ قېرىنداشلار «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى ئۈچۈن يەرلىك ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان بىر بىيۇروكراتىك پاجىئەگە ئايلاندى.
ھېچقانداق بىر ھىندىستان تىلىنى بىلمەيدىغان بۇ ئۈچ ئۇيغۇر يىگىت ئۈچۈن ھىندىستان قانۇن سىستېمىسى ئىچىدە يول تېپىش مۇشەققەتلىك بولدى. سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئادۋوكاتمۇ ئوخشاشلا تىل توسالغۇسىغا دۇچ كەلدى. ئۇلار تۈرمىدە بىر يىل يېتىپ، كامېرداشلىرىدىن يەرلىك تىلنى ئاز-تولا ئۆگەنگەندىن كېيىنلا، ئاندىن سوتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى.
ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 18 ئايلىقتىن قاماق جازاسى بېرىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ پاجىئەسى بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمىدى.

ھىندىستان چېگرا ساقچىلىرىنىڭ 2013-يىلدىكى ئاكا-ئۇكىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ دوكلاتتا ئۇلار «خىتايلىق چېگرا بۆسۈپ كىرگۈچىلەر» دەپ تەسۋىرلەنگەن. (سۈرەت: تەمىنلەنگەن)
ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىنغان چاغدا، ئۇلار زاتەن بىر يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزۈپ بولغان بولۇپ، ئالتە ئاي ئىچىدە ئەركىنلىككە چىقىشى كۈتۈلگەن ئىدى. بىراق ھىندىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى; باش مىنىستىر نارېندرا مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندۇ مىللەتچىلىرى ئاساسىي گەۋدە بولغان باراتىيا جاناتا پارتىيەسى (Bharatiya Janata Party) ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى.
جازا مۇددىتى توشقاندا، دائىرىلەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، «جامائەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئىشقا سالدى. بۇ تالاش-تارتىشلىق قانۇن بىر كىشىنى سوتسىز ئالتە ئاي تۇتۇپ تۇرۇشقا، زۆرۈر تېپىلسا بۇ مۇددەتنى ئىككى يىلغىچە ئۇزارتىشقا يول قوياتتى.
دائىرىلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۈچ كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قويۇپ بېرىش ياكى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش قارارىنى كۈتۈپ، مۇددەتسىز قاماقتا قالىدىغان بولدى.
ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تايانچىسى — سوت مەھكىمىسى تەيىنلىگەن، تۈرمىنى قەرەللىك زىيارەت قىلىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان ئادۋوكات مۇھەممەد شافى لاسسۇ ئىدى. شافى ئۇلارنىڭ پەقەت ھىندىستانغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈنلا شۇنچە ئۇزۇن قامالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
«ئۇلار ماڭا [خىتايدىكى] جازا لاگېرلىرىنىڭ بىرىگە ئەۋەتىلىشىدىن قورقۇپ، پەقەت جاننى ساقلاپ قېچىشنىلا ئويلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ھەتتا ھىندىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىكەن» دەيدۇ ئۇ.
ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە شافى ھەقسىز ياردەم قىلىش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.
بۇ ئۈچ قېرىنداش بىر قانچە قېتىم تۈرمىدىن-تۈرمىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، ھازىر دېھلىغا يېقىن ھارىيانا ئىشتاتىدىكى كارنال شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
شافىنىڭ ئېيتىشىچە، قېرىنداشلار بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، قولغا ئېلىنغان جەڭچىلەر ۋە ئېغىر جىنايەتچىلەر قامىلىدىغان تار كامېرلاردا ياتماقتا. ئۇ يەنە، يۇرتىنىڭ سالقىن ھاۋا كىلىماتىغا كۆنۈپ قالغان بۇ يىگىتلەرنىڭ تۈرمىنىڭ ناچار تاماقلىرىدىن باشقا، ھىندىستاننىڭ تومۇز ئىسسىقى بىلەنمۇ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان بىر مەسىلە،» دەيدۇ شافى. «بۇ كىشىلەر ئەنە شۇ ياۋۇزلۇقنىڭ قۇربانلىرى. ئۇلار جىنايەتچى ئەمەس ياكى ھېچكىمگە تەھدىت سالغىنى يوق.»
«ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار. ئۇلار ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بۇنداق ئېچىنىشلىق شارائىتتا ياشىغۇدەك نېمە ئىش قىلدى؟»
شافىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ قېرىنداش قەشقەردە قالغان ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىدىن بىخەۋەر ئىكەن. ئۇ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىلىشى ۋە قەتئىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ. «ئۇلارنىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان تارتقانلىرى رەھىمسىزلىك ۋە ئىنسانىيەتسىزلىكتۇر،» دەيدۇ ئۇ.

مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى مۇھەممەد شافى لاسسۇ؛ ئۇ ئۇلارغا ھەقسىز ئادۋوكاتلىق قىلىپلا قالماي، ھەتتا تۈرمە ۋە داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلەش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆز يېنىدىن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن. (سۈرەت: تەمىنلەنگەن)
«ئىككى ئىنىسىدە سالامەتلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلدى. تۈرمە تاماقلىرى سۈپەتسىز — ئاساسەن ياسمۇق — بولۇپ، ئۇلارغا ياقمىغانلىقى ئۈچۈن بوۋاسىر بولۇپ قالدى ۋە داۋالىنىش ئىمكانىيىتىمۇ بەك چەكلىك.»
شافىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر دوختۇر قېرىنداشلارنىڭ بىرىگە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغان. شافى ئۇلارنى قەرەللىك يوقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، تۈرمىدىكى كۈندىلىك خەجلەر ۋە داۋالىنىش چىقىملىرىنى قامداش ئۈچۈن ھەر ئاي ئۆز يانچۇقىدىن ئۇلارغا پۇل ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا، بۇ ئۈچ قېرىنداش كامېرداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، كىتاب ۋە گېزىت ئوقۇش ئارقىلىق تۆت خىل يەرلىك تىلنى ۋە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىۋالغان.

بۇمبايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىدا، بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلغان بىر ھىندىستانلىق نامايىشچى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ماشىنىسىدىن ۋارقىرىماقتا. (سۈرەت: EPA)
«چوڭى ئىنگلىز تىلىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە مەن بىلەن پات-پات ئىنگلىزچە سۆزلىشىشكە تىرىشىدۇ، ئەمما ساقچىلار چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇپ، ھىندى تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلايدۇ. مەن ئۇلارغا ‹سىلەر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تىل ئوقۇتقۇچىسى بولىسىلەر› دەپ چاقچاق قىلىپ قويىمەن،» دەيدۇ شافى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مودى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، دىنىي ئازسانلىقلار، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ھىندىستاندا سىستېمىلىق كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشقا دۇچ كەلمەكتە.
لاداخ 2019-يىلغىچە تەۋە بولغان، ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىرنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى لاتىف ئۇ زامان دېۋا، بۇ ئۈچ كىشىنى كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرى دەپ قارايدۇ.
«بۇ ئۈچەيلەننى داۋاملىق قاماپ قويۇش قانۇنغا خىلاپ. بۇ، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم بىر جامائەتكە، يەنى مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن مىساللارنىڭ بىرى،» دەيدۇ دېۋا.
«ئۇلارغا قارشى ئىشلىتىلىۋاتقان قانۇن دۆلەتكە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، پاناھلىق تىلەۋاتقان مەزلۇملارغا قارىتىلغان ئەمەس.»
شافى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ھىندىستان تارىخنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك زۇلۇمغا ئۇچرىغان جامائەتلەردىن بولغان ئون مىڭلىغان كىشىگە پاناھلىق بەرگەن. ھەتتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىڭلىغان تىبەتلەر بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە ياشايدۇ ۋە سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ.»
«ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ياشىشىنى خالىمىسا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىپ، سىياسىي پاناھلىق بېرەلەيدىغان بىرەر دۆلەتكە كېتىشىگە رۇخسەت قىلسا بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بىر كۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن — بۇ مېنىڭ ھاياتلىق نىشانىمدۇر.»