شەرقىي تۈركىستانلىق بىر زىيالىي — ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك!

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بوغۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىر زىيالىي جىم تۇرمىدى. پىروفېسسور ، دوكتور ئىلھام توختى تىنچلىق ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ خەلقى ئۈچۈن سۆزلىدى، ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلدى؛ بۇنىڭ بەدىلىنى بولسا ئۆز ھۆرلۈكىدىن ئايرىلىش بىلەن تۆلىدى.

ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر يازىدۇ: «شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي — ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك»

شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىنلىك ۋە تىنچلىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پىروفېسسور، دوكتور ئىلھام توختى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

بىز پات-پات «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟» دېگەن سوئالغا دۇچ كېلىمىز. ئەمدىلىكتە «بۇ ئىشتا مېنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسەم بولسۇن» دەيدىغان ئاكادېمىكلىرىمىز، مەرھەمەت قىلىڭلار! سىزلەرمۇ ئىمزا قويۇش ئارقىلىق «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» كارۋىنىغا قېتىلىڭلار.

مەسىلىگە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىگەن ئىلھام توختى، «خىتاي قانۇنلىرى» بويىچىمۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىلەن جازالاندى.

چۈنكى خىتاي نە تىنچلىقنى، نە مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى خالىمايدۇ؛ خىتاينىڭ مەقسىتى — شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئىشغال قىلىش ۋە مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنى يوقىتىشتۇر. شۇڭا، ئۇلار ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق، بۇ ھەقىقەت ئاۋازىنى جىمىقتۇرماقچى بولدى.

ئۆزىنى «تۈركىستان ئەركىنلىك جەڭچىسى» دەپ تەرىپلىگەن ئىلھام توختى، ئېلىپ بارغان كۈرىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن مىللىتىم ئۈچۈن سۆزلىدىم ۋە كۈرەش قىلدىم. ئورتاق تىنچلىق ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پىكىر ۋە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. تۈرمە ھاياتىمنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك

داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىم كامىلدۇر. بېشىمغا كېلىدىغانلاردىن قىلچە قورقمىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قورقمايمەن.»

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش كۈرىشىمۇ توختاپ قالمىدى.

كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرگە ھەر خىل زۇلۇملارنى قىلدى ۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئىنسانىيەت بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتا. بۈگۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاشكارا ھالدا ئىرقىي تازىلاش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. سۆز ئەركىنلىكىنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ ياشىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلدى.

بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇشى، ئەر-ئايال دېمەستىن لاگېرلارغا قامىلىشى، بۇ جايلاردا باسقۇنچىلىق ۋە ئورگان سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىلگە سىغمايدىغان قىيىن-قىستاقلارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، ئامان قالغانلارنىڭ بولسا قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى — خەلقئارالىق مۇستەقىل تەشكىلاتلار تەرىپىدىن دۇنياغا ئاشكارىلانماقتا.

شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىك كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ كۈرەشنى تۈركىيەدىن يىللاردىن بېرى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى» (İYAV)، «تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىسى» (TDAV) ۋە «ئىلھام توختى تەشەببۇس ھەرىكىتى» (İTİH)، خىتاي زىندانلىرىدا 11 يىل بۇرۇن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى — ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش، 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كەڭ ئاممىغا ئاڭلىتىشتۇر.

توختى، خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاكادېمىك ۋە پۇقراۋى ساھەدە كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر «جىنايىتى» — تىنچلىق كۈرەشچىسى بولغانلىقىدۇر. ئىلھام توختىنىڭ كەلگۈسىدە يۇقىرى رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى نامايان قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

1969-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاتۇشتا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىلھام توختى، ئىقتىساد كەسپىدە بىلىم ئالغان ۋە خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ئۇ قۇرغان «Uighurbiz» (ئۇيغۇربىز) ناملىق تور بېكىتى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا تىنچلىق ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقلار دائىرىسىدە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلاتتى. بىراق، خىتاي ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولۇپ، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ئالدى. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقىي تۈركىستان يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ تىنچ يول بىلەن پىكىر بايان قىلىش ۋە ئاكادېمىك ھوقۇقلىرىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈنلا جازالانغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىلھام توختىنىڭ بىر «ئىدىيە مەھبۇسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

توختىنىڭ كۈرىشى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ھەق-ھوقۇق، مەدەنىيەت، كىملىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈرىشىدۇر.
توختى بۇ ئېتىقادىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:

«مەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىمەن ۋە خەلقىمگە بولغان مۇھەببىتىم ناھايىتى چوڭقۇر. خەلقىمنىڭ ئازابلىرىغا سۈكۈت قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئاپتونومىيەگە ئائىت ماددىلار بار، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تېخى نۇرغۇن مۇساپىلەرنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. تىنچلىق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەنلەر شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇكى، ئىلھام توختىغا قىلىنغان بۇ زۇلۇم — شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت زوراۋانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى تىنچلىق تەلەپلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مۆتىدىل كىشىلەرنىڭمۇ نىشان قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىدىن كېيىن يازغان بىر مەكتۇپىدا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن مىللىتىم ئۈچۈن سۆزلىدىم ۋە كۈرەش قىلدىم. تىنچلىق ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پىكىرلىرىمنى ئىپادە قىلدىم. ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىم كامىلدۇر. ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنىڭ بىر كۈنى چوقۇم بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك — ئاللاھنىڭ لۈتفىدۇر. كۈچلۈك بولۇڭلار، ئۆزۈڭلارنى خاراب قىلماڭلار، خۇدا بۇيرۇسا يېقىن كەلگۈسىدە يەنە دىدارلىشىمىز.»

بۇ زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش — پەقەت مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

ئىلھام توختىنىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆتكەن يىللاردا قىلىنغان تەشەببۇسلار نەتىجىسىز قالدى. ئەمدىلىكتە «2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» ئۈچۈن يېڭىدىن ئىلتىماس سۇنۇش نىشانلانماقتا. ئىلھام توختى بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، بەش قېتىم نوبېلغا نامزات كۆرسىتىلدى ۋە ئالدىنقى بەش نامزات قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

بۇ قېتىمقى تەشەببۇستا پەقەت ئاكادېمىكلارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان بولغاچقا، ئاكادېمىكلارنىڭ قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم.

قېنى، سىزمۇ «پىروپېسور، دوكتور ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» كارۋىنىغا قېتىلىڭ!

(بۇنىڭ ئۈچۈن «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى» — İYAV بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.)

زۇلۇمغا رازى بولۇش — زۇلۇمدۇر.

مەزلۇملارنىڭ سۇكۇتى زالىملارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرىدۇ.

ۋەسسالام...

تۈركچە مەنبە: 

https://www.bncmedyahaber.com/haber-dogu-turkistanlI-bir-aydIn-olan-ilham-tohti-ye-ozgurluk-8574.html