2025-يىلى ئۆكتەبىر، جەنۋە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىن زالىدا ئېغىر بىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈرمەكتە. بۇ يەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئاۋاز چىقارغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى ئوقۇلغاندا، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر رېئاللىق ئاشكارىلاندى. بۇ سەپتە ئارانلا 15 دۆلەت قالغان ئىدى.
ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، چېخىيە، ئېستونىيە، ئىسرائىلىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، پالاۋ، پاراگۋاي، سان مارىنو، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى.
تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرى بۇ تىزىملىكتە 50 تىن ئارتۇق دۆلەت، جۈملىدىن ياۋروپانىڭ گىگانتىلىرى بولغان گېرمانىيە، فىرانسىيە، شۇنداقلا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ ساننىڭ 15 كە چۈشۈپ قېلىشى؛ ئاددىي بىر سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان «مەۋجۇتلۇق كرىزىسى» نىڭ بىشارىتىدۇر.
بۇ چېكىنىش قانداق يۈز بەردى؟ دۇنيانىڭ ۋىجدانى ئۆلدىمۇ ياكى بىز ئىستراتېگىيەدە خاتالاشتۇقمۇ؟ بۇ ماقالىدە، بۇ تراگېدىيەنىڭ تاشقى (خەلقئارا) ۋە ئىچكى (تەشكىلاتلىرىمىزغا ئائىت) سەۋەبلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.
خىتاينىڭ «بەدەل تۆلەتتۈرۈش» دىپلوماتىيەسى ۋە قورقۇتۇش تاكتىكىسى
بۇ چېكىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى؛ خىتاينىڭ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە قوللانغان، ھەر قانداق بىر دۆلەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن مىڭ قېتىم ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدىغان «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تېرور» سىياسىتىدۇر. خىتاي «توخۇنى بوغۇزلاپ مايمۇنغا كۆرسىتىش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ «تەننەرخى» نى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى.
مەسىلەن:
2021-يىلى 5-ئايدا، لىتۋانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندا، بېيجىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.
خىتاي تاموژنا سىستېمىسىدىن «لىتۋانىيە» دېگەن دۆلەت نامىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتتى. بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش ئىدى. لىتۋانىيەنىڭ ماللىرى خىتاي پورتلىرىغا كىرەلمىدى. ئۇندىن باشقا، خىتاي گېرمانىيەنىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە (Continental قاتارلىقلارغا): «ئەگەر لىتۋانىيەدە ئىشلەنگەن زاپچاسلارنى ئىشلەتسەڭلار، سىلەرنىڭ ماشىنىلىرىڭلارنىمۇ خىتايغا كىرگۈزمەيمىز» دەپ تەھدىت سالدى.
كىچىك بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ بېسىم بەك ئېغىر كەلدى. باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنى كۆرۈپ، «بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز بۇنداق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ» دەپ ئاۋازىنى ئۆچۈردى.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەڭ ئاكتىپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. 2020-يىلى 11-ئايدا، خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىغا بىر ھۆججەت تاپشۇردى. بۇ ھۆججەتتە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە نېمىشقا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە «14 تۈرلۈك ئەيىبلەش» يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە: «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يالغان دوكلات تارقاتقانلىقى» ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ كۆمۈر، ئارپا، ئۈزۈم ھارىقى ۋە كالا گۆشىگە چەكلىمە قويدى. ئاۋسترالىيە يىلىغا نەچچە ئون مىليارد دوللار زىيان تارتتى. بۇ باشقا ئوتتۇراھال دۆلەتلەرگە «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلاشساڭ، بازىرىڭدىن ئايرىلىسەن» دېگەن ئېنىق سىگنال ئىدى.
2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تۈركىيە بىلەن بولغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»نى تۇيۇقسىز تەستىقلىدى. دەل شۇ مەزگىلدە، تۈركىيەگە يوللاشقا ۋەدە قىلىنغان Sinovac ۋاكسىنىلىرى سەۋەبسىز كېچىكتى. خەلقئارا كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋاكسىنىنى قورال قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
2025-يىلىغا كەلگەندە، دۇنيانىڭ گېئو-سىياسىي خەرىتىسىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
2022-يىلى باشلانغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە 2023-يىلى باشلانغان غەززە كرىزىسى، غەرب دۇنياسىنىڭ بارلىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى شورىدى. غەرب سىياسىيونلىرى ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا رۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي بىلەن تەڭ ئېلىشىش مۇمكىن بولماي قالدى. ئۇلار «ئەڭ مۇھىم» دەپ قارىغان رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە كۈچەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «كېيىنگە سۈرۈپ» قويدى.
ياۋروپا ئىقتىسادىي چېكىنىش ئىچىدە قالدى. گېرمانىيەنىڭ Volkswagen ۋە BASF غا ئوخشاش گىگانتلىرى خىتاي بازىرىسىز ھايات كەچۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلدى. شۇڭا، ياۋروپا دۆلەتلىرى «ۋىجدان»دىن كۆرە «ھەميان»نى تاللاپ، خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش يولىنى تاللىدى.
بۇ ساننىڭ 15 كە چۈشۈپ قېلىشىدا پەقەت تاشقى بېسىملا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۆز ئىچىمىزدىكى مەسىلىلەرمۇ ھالقىلىق رول ئوينىدى. بۇنى ئېتىراپ قىلىش ئاچچىق بولسىمۇ، زۆرۈردۇر.
1 - ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈك (Moral Authority) نىڭ يوقىلىشى:
ئۇيغۇر دەۋاسى – بىر ھەق ۋە ئادالەت دەۋاسىدۇر. بىز دۇنياغا خىتاينىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى سۆزلەپ ھېسداشلىق قازانغان ئىدۇق. ئەمما، يېقىنقى يىللاردا بەزى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە ئەخلاقىي سەتچىلىكلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، دەۋانىڭ ئىناۋىتىگە ئەجەللىك زەربە بەردى.
غەرب دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ #MeToo ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇنداق داغ تەگكەن رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش سىياسىي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن باراۋەر. غەربلىك سىياسىيونلار: «ئۆز سەپداشلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلار، قانداقمۇ بىر مىللەتنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىسۇن؟» دەپ قاراپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
2 - ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى «ئۆزىنى ۋەيران قىلىش» ۋە ئاتالمىش «زىيالىيلار»نىڭ بۇزغۇنچىلىقى:
ئەخلاقىي كرىزىسلاردىنمۇ بەتتەر، دۆلەتلەرنىڭ بىزدىن ئۈمىد ئۈزۈشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل؛ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرنى تىللاش، ھاقارەتلەش ۋە يەرگە ئۇرۇش شامىلىدۇر.
بولۇپمۇ ئۆزىنى «ئاكادېمىك»، «پىروفېسسور»، «زىيالىي» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە قولىدا ئۇنۋانىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق بەزى كىشىلەر، تەشكىلاتلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىشكە كۈچ قوشۇشنىڭ ئورنىغا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېغىزى ئېچىلسىلا تەشكىلاتلارنى يەرگە ئۇرۇش، رەھبەرلەرنى ئوسال قىلىش ۋە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى «نۆل»گە چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «دانالىق» ىنى بازارغا سېلىشنى ئادەت قىلىۋالدى. ئۇلار تەشكىلاتلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى «ھەممىنى بىلگۈچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك» كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.
بۇ خىل توختىماي ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىش، دۇنيا دىپلوماتلىرى ۋە كۆزەتچىلىرىدە: «بۇ ئۇيغۇرلار ھەرگىز بىرلىشەلمەيدىغان، بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان، سىياسىي ساپاسى تۆۋەن، چېچىلاڭغۇ بىر توپ ئىكەن» دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈردى. دىپلوماتلار: «ئۇلار ئۆز رەھبەرلىرىنى ۋە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزلىرى قوللىمىسا ۋە ھۆرمەت قىلمىسا، بىز نېمىشقا قوللايمىز؟» دېگەن خۇلاسىگە كەلدى. بۇ، دۆلەتلەرنىڭ قوللاشنى توختىتىشىدىكى ئەڭ چوڭ پىسخىكىلىق توساققا ئايلاندى.
3 - كىملىك كرىزىسى: «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى ۋە ۋەتەن زىيارىتىنىڭ ئاقىۋىتى
بىز خەلقئارادىن ياردەم كۈتۈۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى بەزى قىلمىشلار دەۋانىڭ ئاساسىنى يىلتىزىدىن چىرىتتى.
چەتئەلدە پاناھلىق تىلىگەن، ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولغان، ھېچقانداق خىتاي بېسىمى يوق تۇرۇقلۇقمۇ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشتىن قورقۇپ، ئىشغالچىلار قويغان «شىنجاڭ» دېگەن نامىنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىشى؛ خەلقئارا جەمئىيەتكە: «بۇلار تېخى خىتاينىڭ روھىي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلالماپتۇ، بۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى يوق» دېگەن سىگنالنى بەردى.
ۋەتەن زىيارىتى ۋە «نورماللاشتۇرۇش»قا يانتاياق بولۇش: خىتاي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق» دەپ جار سېلىۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ ۋىزا ئېلىپ، ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىپ زىيارەت قىلىشى، توي-تۆكۈنلەرگە قاتنىشىشى — خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئەڭ چوڭ دەلىل بولۇپ بەردى. خىتاي بۇنى كۆرسىتىپ:
«قاراڭلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغان بولسا بۇلار قايتىپ كېلەمتى؟ ۋەزىيەت نورمال» دەپ دۇنيانى قايىل قىلدى. بۇ قىلمىشلار، 15 دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ ۋەزىيەتتىن رازى ئوخشايدۇ» دەپ قاراپ، قوللاشنى توختىتىشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولدى.
4 - ئىستراتېگىيەلىك تۇرغۇنلۇق ۋە «ئامېرىكا كارتىسى»:
بىزنىڭ دىپلوماتىيەمىز 5 يىلدىن بېرى ئاساسەن ئوخشاش گەپنى، ئوخشاش ئۇسۇلدا تەكرارلاپ كەلدى. يېڭىلىق يارىتالمىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئامېرىكا سىياسىتىگە باغلىنىپ قېلىشى، باشقا دۆلەتلەرنى (بولۇپمۇ يەرشارىنىڭ جەنۇبى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى) ئەندىشىگە سالدى. ئۇلار بۇ مەسىلىنى «ئىنسانىيەت مەسىلىسى» دەپ ئەمەس، «ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تىزگىنلەش قورالى» دەپ قاراشقا باشلىدى ۋە ئارىلاشماسلىقنى تاللىدى.
5 - سىياسىي پىشىپ يېتىلىش: دۆلەتلەرنى ئەيىبلەش — دىپلوماتىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر
بىزدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي خاملىق شۇكى، بىزنى قوللاشتىن توختاپ قالغان ياكى ئاۋاز بەرمىگەن دۆلەتلەرنى دەرھال «سېتىلغانلار»، «خائىنلار»، «ۋىجدانسىزلار» دەپ تىللاش ۋە ئەيىبلەشكە ئادەتلەنگەن. بۇ خىل ھېسسىياتلىق ئىنكاس، زامانىۋى دىپلوماتىيەدە ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بىلەن باراۋەر.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «مەڭگۈلۈك دوستلۇق يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەت بار». بىر دۆلەتنىڭ بىزنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى — ئۇ دۆلەتنىڭ ئەسكىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇ دۆلەتكە خىتاي بىلەن قارشىلىشىشقا يېتەرلىك سەۋەب ۋە مەنپەئەت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىمىزدىندۇر.
بىز سەپتىن چۈشۈپ قالغان دۆلەتلەرنى تىللاشنى دەرھال توختىتىشىمىز كېرەك. ئۇلارنى ئەيىبلەش، ئۇلارنى خىتاينىڭ قۇچىقىغا تېخىمۇ بەكرەك ئىتتىرىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا: «بىز قەيەردە كەم قالدۇق؟ نېمىشقا خىتاينىڭ تەھدىتى ئۇلارغا بىزنىڭ دەۋايىمىزدىن ئېغىر كەلدى؟ بىز قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن دەۋايىمىزنى بىرلەشتۈرەلەيمىز؟» دەپ ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ئۇلارنى قايتا قايىل قىلىش يولىنى تۇتۇشىمىز لازىم. دىپلوماتىيە — ئاغرىنىش ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتنى باشقۇرۇش سەنئىتىدۇر.
چىقىش يولى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى
ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك، ئەمما ئۈمىدسىز ئەمەس. 2025-يىلىدىكى بۇ «15 دۆلەت» سىگنالى بىزنى ئويغىتىشى كېرەك. تۆۋەندىكىدەك رادىكال ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارمىساق، بۇ سان تېخىمۇ ئازىيىپ، دەۋايىمىز تارىخنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
1 - تەشكىلاتلاردا «ئەخلاقىي تازىلاش» ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش
جىنسىي پاراكەندىچىلىك ياكى چىرىكلىككە چېتىلغان ھەر قانداق رەھبەر، خىزمىتى ۋە تۆھپىسىگە قارىماي دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك.
دەۋانىڭ «ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكى»نى قايتا تىكلەش. دۇنياغا ۋە ئۆز خەلقىمىزگە: «بىز پاك دەۋا ئۈچۈن پاك رەھبەرلەر بىلەن يولغا چىقتۇق» دېگەن سىگنالنى بېرىش كېرەك. ياش، بىلىملىك ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە نۇقسانسىز يېڭى دىنامىكلار رەھبەرلىككە چىقىرىلىشى شەرت.
2 - ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەخلاقى ۋە «مىللىي ئىنتىزام»نى تىكلەش
ئاتالمىش «ئاكادېمىك» ۋە زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئاداۋىتى ياكى مەغرۇرلۇقى ئۈچۈن دەۋانى قۇربان قىلىشنى توختىتىشى، تەنقىدنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئەمەس، تەشكىلات ئىچىدە قىلىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
جەمئىيەتتە «تەشكىلاتنى يەرگە ئۇرۇش دۈشمەننى ئوق بىلەن تەمىنلىگەنگە ئوخشايدۇ» دېگەن ئاڭنى ئومۇملاشتۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ دادىل ئاتىشى، خىتايغا بېرىپ-كېلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا جامائەت پىكىرى بېسىمى (ئىجتىمائىي بايقۇت) شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك.
3 - دىپلوماتىيەنى كۆپ قۇتۇپلاشتۇرۇش (ئامېرىكىدىن ھالقىش)
پەقەت ۋاشىنگىتونغىلا تايىنىۋېلىش ئىستراتېگىيەسىدىن ۋاز كېچىپ، ياۋروپا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك يول ئېچىش كېرەك.
بىز ئۇلارغا پەقەت «بىزگە ياردەم قىلىڭلار» دەپ يىلىنىش ئەمەس، بەلكى «خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى سىلەرگىمۇ تەھدىت، بىز ھەمكارلاشساق ئىككى تەرەپكە پايدىلىق» دېگەن «مەنپەئەت ئورتاقلىقى» نۇقتىسىنى چىقىش قىلىشىمىز لازىم.
4 - بايان (Narrative) نى ئۆزگەرتىش: «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك» كارتىسى
دۇنيا ھازىر «كىشىلىك ھوقۇق»تىن كۆرە «ئىقتىسادىي مەنپەئەت»كە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى پەقەت «زۇلۇم» دەپلا ئەمەس، بەلكى «ئادىل سودىغا بۇزغۇنچىلىق» دەپ چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئونىدا ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقارغان ئەرزان ماللىرى سىلەرنىڭ زاۋۇتلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىنى ياۋروپا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ بىزنى قوللىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي سەۋەب تېپىپ بېرىدۇ.
2025-يىلى ب د ت دا كۆرۈلگەن بۇ مەنزىرە — بىزگە نىسبەتەن قىيامەت قايىم بولغانلىق ئەمەس، بەلكى بىر «ئويغىنىش قوڭغۇرىقى» دۇر.
خىتاينىڭ پۇلى ۋە بېسىمى كۈچلۈك، بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز خىتايدىنمۇ بەكرەك ئۆزىمىزدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز يەرگە ئۇرۇش، كىملىك ئېڭىمىزنىڭ سۇسلىشىشى، ئىستراتېگىيەسىزلىك ۋە ئەخلاقىي چىرىكلىكتۇر.
تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئويۇلغان بىنا، سىرتتىن شامال چىقمىسىمۇ يىقىلىدۇ. بىز ھازىر شۇ يىقىلىشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئەگەر بىز دەرھال ئۆزىمىزنى تۈزىتىپ، دەۋانى كەسپىي، پاك، ئىنتىزاملىق ۋە ئەقىللىق بىر يولغا سالالمىساق، كېلەر يىلى بۇ 15 دۆلەتمۇ قولىنى سىلكىپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ۋاقىت؛ بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، ئۇنى بىھۇدە سەتچىلىكلەر ۋە ئۆزئارا تىللاشلار بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ئىسلاھات ۋە بىرلىك بىلەن ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشىمىز لازىم.