ئۆتمۈشنى قايتا ياساپ چىقىش: شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

ئاساسىي مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە، خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى (CNS) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شاڭپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت  مەنبە قىلىنىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ تارىخىي ۋە سۆزلەم ئاساسلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ. شۇنداقلا،   «كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» ۋە «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش»  ئۇقۇملىرى ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىدۇ.

سۆھبەتتە يۈ شاڭپىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىنىي تارىخىنى تۆت ئاساسلىق باسقۇچقا ئايرىيدۇ: (1) ئىپتىدائىي دىنلار ۋە شامانىزم دەۋرى، (2) بۇددا دىنى ھۆكۈمران بولغان كۆپ دىنلىق دەۋر، (3) ئىسلام ۋە بۇددا دىنى بىللە مەۋجۇت بولغان ئۆتكۈنچى دەۋر  (4) ئىسلام ھۆكۈمران بولغان، ئەمما باشقا دىنلار (خىرىستىيان، داۋجىياۋ دىنى قاتارلىقلار) بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان زامانىۋى دەۋر. يۈ، رايوننىڭ تارىخىدا «ھەرگىزمۇ يەككە بىر دىننىڭ (يەنى ئىسلامنىڭ) مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرمىغانلىقى»، ئەكسىچە «بىر ياكى ئىككى دىننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى كۆپ خىللىق قۇرۇلمىسى»نىڭ ئاساس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ بايان، ئىسلامنىڭ رايوندىكى ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇققا ئائىت) ۋە تارىخىي ھۆكۈمرانلىقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇنى تارىخىي جەرياندىكى «تاللاشلاردىن بىرى» ئورنىغا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر «نورماللاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىدۇر.

ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ئانالىزى، بۇ سۆھبەت تېكىستىنىڭ بىر «تارىخ قۇرۇلۇشى» (تارىخنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش) نىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تېكىست، «ئۆتمۈشنى قايتا ياساپ چىقىش» ئارقىلىق، بۈگۈنكى «خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسەتلىرىگە رەسمىيلىك ،دانالىق تۈسى بېرىدۇ. يۈنىڭ «ماسلاشقان دىنلار ھايات قالىدۇ» شەكلىدىكى ئىجتىمائىي دارۋىنىزملىق قارىشى، دىنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلاھىي ھەقىقەتتىن بەكرەك، سىياسىي ھاكىمىيەتكە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا باغلايدۇ. بۇ مەنتىقە بويىچە، بۇددا دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە «خىتايچىلىشىپ»  شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېلىشى ئازۇ قىلىنغان بىر ئۈلگە سۈپىتىدە سۇنۇلسا؛ ئىسلام ئېتىقادىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر «خىتايچىلىشىش» جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشى شەرت ئىكەنلىكى يوشۇرۇن بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تېڭىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يۈ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىسلامدىن ئايرىۋېتىش مەقسىتىدە، ئىسلامدىن بۇرۇنقى شامانىست ئادەتلەر ۋە يەرلىك خۇراپاتلارغا (مازاردىكى دەرەخلەرگە پۇرۇچ باغلاش قاتارلىقلار) ئالاھىدە ئۇرغۇ بېرىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئىسلام ئۈممىتىدىن قوپۇرۇپ تاشلاپ، يەرلىك ۋە فولكلورلۇق بىر «خىتاي ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى» ئىچىگە قاماپ قويۇشنى نىشان قىلىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، يۈ شاڭپىڭنىڭ سۆھبىتى، «بەش كىملىك» (ۋەتەن، مىللەت، مەدەنىيەت، پارتىيە، سوتسىيالىزم) تەلىماتى رامكىسىدا، دىننى مېتافىزىكىلىق ساھەدىن چىقىرىپ، مىللىي بىرلىشىش ۋە سىياسىي ساداقەت قورالىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان مۇستەبىت خاراكتېرىدىكى دۆلەت بايانىدۇر.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، كۆپ دىنلىق قۇرۇلما، دىنلارنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق، سۆز-ماتېرىيال ئانالىزى.

كىرىش سۆز

تارىخىي جەھەتتىن «شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى» ۋە« يىپەك يولىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنى» دەپ تەرىپلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان، ئەسىرلەر بويى شامانىزم، بۇددا، ئاتەشپەرەسلىك (زەردۇش)، مانى دىنى، نېستورىيان خىرىستىيانلىقى ۋە ئىسلام قاتارلىق دۇنياۋى ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش،ئۆتۈشۈش م مەيدانى بولغان. ھالبۇكى، بىر رايوننىڭ دىنىي نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە تارىخىي خاتىرىسى، پەقەتلا ئۆتمۈشكە تەۋە سانلىق مەلۇمات توپلىمى بولماستىن، بەلكى ھازىرقى زاماننىڭ سىياسىتىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى بەرپا قىلىشتا قوللىنىلىدىغان جانلىق بىر سۆزلەم (discourse) مەيدانىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە، تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش؛ دۆلەت قۇرۇش، چېگرا بىكىتىش ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى سىياسەتلىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىر «ھوقۇق تاكتىكىسى» رولىنى ئوينىماقتا. بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ «كۆپ دىنلىق» ئۆتمۈشىگە بېرىلگەن  بۇ ئەھمىيەت، قانداقتۇر ئىلمىي بىر بايقاشتىن بەكرەك، نۆۋەتتىكى سىياسىي نىشانلارغا تايانچ سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي ھازىرلىنىۋاتقان باياندۇر .

بۇ ماقالە، خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ شاڭپىڭ (于尚平) بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ قانداق قىلىپ كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىگە ئىگە بولدى؟» ناملىق سۆھبەتنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ رايونغا قاراتقان دىن سىياسەتلىرىنىڭ سۆزلەم قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.[1] بۇ سۆھبەت، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۈچەيتكەن «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى ۋە تارىخىي تايانچلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتىن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

تېكىست، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ۋە «تەنقىدىي سۆزلەم ئانالىزى» ئۇسۇللىرى قوللىنىلىپ تەھلىل قىلىنغىنىدا، خىتاينىڭ «ئۆتمۈشنى قايتا باشقىچە رامكىلاش» ئارقىلىق بۈگۈننى قانداق قۇراشتۇرۇپ چىقىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. يۈ شاڭپىڭنىڭ بايانىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخى؛ ئىسلام ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر جۇغراپىيە بولۇشتىن چىقىرىلىپ، ئىسلامنىڭ «ۋاقىتلىق ۋە تاسادىپىي» بىر ئامىل ئىكەنلىكى، ئەسلى نورمىنىڭ بولسا دىنلارنىڭ «كۆپ خىللىق  قۇرۇلمىسى» ۋە «خىتاي مەدەنىيىتىگە ماسلىشىش» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر لىنىيەنى بويلاپ قايتا رامكىلاپ چىقىلغان. بۇ تارىخقا باشقا رامكا تاقاش تاكتىكىسى، ئىككى تۈپ ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ: بىرىنچىسى، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇق) رىشتىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق «يىلتىزىدىن ئۈزۈش» جەريانىنى تېزلىتىش؛ ئىككىنچىسى بولسا، ئىسلام ئېتىقادىنى يەرلىك ، تارىخىي بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولۇشتىن چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ، «ئىسلاھ قىلىنغان»  بىر مەدەنىيەت ئېلېمېنتىغا ئايلاندۇرۇشتۇر.

ماقالىدە ئالدى بىلەن، يۈ شاڭپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت باسقۇچلۇق تارىخىي تەرەققىيات سىزىقى (ئىپتىدائىي دىنلار دەۋرى، بۇددا دەۋرى، ئۆتكۈنچى دەۋر ۋە ئىسلامنىڭ باشقا دىنلار بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇتلۇق دەۋرى) تىلغا ئېلىنىدۇ. ئارقىدىن، تېكىستتە قوللىنىلغان «ماسلىشىش» ، «يۇغۇرۇلۇش» ۋە «خىتايچىلىشىش»قا ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قانداق قىلىپ

 «ئوبراز قۇرۇلۇشى» (prestige              planning)     قورالى         ۋە «يوشۇرۇن تەھدىت» قورالى سۈپىتىدە رول ئوينايدىغانلىقى تەھلىل قىلىنىدۇ. يەنە، «كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» رېتورىكىسىنىڭ، ماھىيەتتە رايوندىكى ئىسلامىي كىملىكنى چەتكە قېقىش ۋە «بەش كىملىك» تەلىماتى رامكىسىدا سىياسىي ساداقەتنى مەجبۇرلاش تەشەببۇسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ دائىرىدە ئانالىز، تارىخىي پاكىتلارنىڭ زامانىۋى مىللەت-دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىزىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى ئۈچۈن  قانداق سۈيئىستىمال قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى نىشان قىلىدۇ.

1.ئۇقۇم رامكىسى ۋە سۆزلەم قوراللىرى

تۆۋەندە، تەنقىدىي سۆزلەم ئانالىزى ۋە ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق قائىدىلىرىگە ئاساسلانغان بىر يۈرۈش ئانالىز قوراللىرى ئارقىلىق خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى) ئىشلەپچىقارغان تارىخىي بايانى ۋە يۈ شاڭپىڭنىڭ سۆھبىتى چوڭقۇر  يېشىپ بېرىلىدۇ. دۆلەت بۇيرۇغىنى بويىچە يېزىلغان تارىخ ، ئۆتمۈشنى بۇرمىلاپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۈگۈننىڭ سىياسىي رېئاللىقىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئاساستا، يۈ شاڭپىڭنىڭ سۆھبىتىدە بايقالغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىن سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلەرنى، تۆۋەندىكى تۆت ئاساسلىق ئۇقۇم بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىش مۇمكىن:

ئا. ئۆتمۈشنى قايتا رامكىلاش (Reframing the Past)

بۇ ئۇقۇم، تارىخىي ۋەقەلەر ۋە جەريانلارنىڭ، مەۋجۇت سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئېھتىياجلىرى يۆنىلىشىدە تاللىنىشى، تەكىتلىنىشى، رەتكە تىزىلىشى ياكى قايتا شەرھلىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ جەرياندا تارىخ، ئوبيېكتىپ ۋە چىن  بىر سانلىق مەلۇمات توپلىمى بولۇشتىن چىقىپ، مەلۇم بىر مەقسەتكە يۈزلەنگەن بىر قۇرۇلمىۋى قورالغا ئايلىنىدۇ.
كونسېكىست: يۈ شاڭپىڭنىڭ بايانىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مۇستەقىل خانلىقلار ياكى ئىسلامىي دۆلەتلىشىش جەريانلىرى ئۈستىدىن ئەمەس، «مەركىزىي خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىشىش» ئوقىدا قايتا رامكىلىنىدۇ. «يىپەك يولى» مېتافورىسى كىچىكلىتىلىپ، رايوننى سىياسىي بىر سۇبيېكت (ئىگە) بولۇشتىن چىقىرىپ، پەقەتلا بىر «ئۆتۈشمە كارىدورى» سۈپىتىدە كودلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ رامكىلاش، رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى  قارشىلىقلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ ۋە  «بىللە ياشاش» تېمىسىنى مۇبالىغىلىك ھالدا گەۋدىلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، بۈگۈنكى ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى، «تارىخىي ئىناقلىقنى بۇزغان ئامىللار(رادىكاللىق) غا قارشى بىر ئەسلىگە كەلتۈرۈش» سۈپىتىدە يوللۇق رەۋىشتە سۇنۇلۇۋاتقان بولىدۇ.

ب. نورماللاشتۇرۇش (Normalization)

نورماللاشتۇرۇش، سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن «ھۆكۈمران»، «ئىمتىيازلىق» ياكى دۆلەت تەرىپىدىن «تەھدىت» دەپ قارالغان بىر ئامىلنىڭ (بۇ يەردە ئىسلام)،مۇقەددەسلىكتىن چىقىرىلىپ  ئادەتتىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە بەرپا قىلغۇچى كۈچىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنىش ئىستراتېگىيىسىدۇر.
كونسېكىست: سۆھبەتتە ئىسلام ئېتىقادى، تەخمىنەن مىڭ يىلدىن بېرى رايوننىڭ ھۆكۈمران كىملىك قۇرغۇچىسى بولۇشىغا قارىماي؛ ئاتەشپەرەسلىك، مانى دىنى ۋە نېستورىيانچىلىققا ئوخشاش بۈگۈن مەۋجۇت بولمىغان دىنلار بىلەن ئوخشاش تەكشىلىكتە تىزىلىپ، «ئىستراتېگىيەلىك بىر كىچىكلىتىش»كە دۇچار قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بۇ، بىر «خۇنۇكلەشتۈرۈش» (banalization) تاكتىكىسىدۇر. ئىسلام، «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دۆلەت دىنى» بولۇشتىن چىقىرىلىپ، «رايونغا تارىخىي جەرياندا كېلىپ كەتكەن ئېتىقادلاردىن پەقەت بىرى» سەۋىيىسىگە چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ بايان، ئىسلامنى رايوننىڭ «ئۆي ئىگىسى» سالاھىيىتىدىن «مېھمان» سالاھىيىتىگە چۈشۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىسلام ئۈستىدىكى ئۆزگەرتىش خاراكتېرلىك مۇداخىلىلىرىنى (مەسچىت بىناكارلىقى، ئىبادەت تىلى قاتارلىقلار) قانۇنلۇق بىر مەمۇرىي تەرتىپكە سېلىشقا ئوخشىتىپ كۆرسىتىدۇ.

ج. ئىناۋەت قۇرۇلۇشى (Prestige Planning)

ئەسلىدە تىل پىلانلاش ساھەسىگە تەۋە بولغان بۇ ئۇقۇم، مەلۇم بىر تىل ۋارىيانتلىرىنىڭ ياكى مەدەنىيەت شەكلىنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ «ئەندىزە/ئۆلچەم» ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈشى، باشقىلىرىنىڭ بولسا بۇ ئەندىزىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلىنىش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. دىنىي دائىرىدە بولسا، دۆلەت تەستىقلىغان ۋە ئىدېئولوگىيەسىگە ماس ھالغا كەلتۈرگەن دىننىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىناۋەتلىك قىلىنىشىدۇر.
كونسېكىست: تېكىستتە بۇددا دىنىنىڭ «خىتايچىلاشتۇرۇلغان» ۋارىيانتى، تارىخىي بىر مۇۋەپپەقىيەت ۋە ماسلىشىش ئەندىزىسى سۈپىتىدە سۇنۇلسا؛ ئىسلامنىڭ ھازىرقى ھالىتى «خام» ۋە «ئۆزگەرتىلىشى كېرەك بولغان» بىر قۇرۇلما سۈپىتىدە كودلىنىدۇ. «ماسلىشىش» ئۇقۇمى، بۇ يەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. دۆلەت، «خىتاي مەدەنىيىتىگە ماسلاشقان» (يەنى دۆلەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە مۇراسىملىرىنى خىتاي ئەنئەنىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن) دىنلارنى ئىناۋەتلىك ۋە بىخەتەر دەپ جاكارلىسا؛ ئۇنىۋېرسال ئىسلامىي نورمىلارنى (ئەرەبچە ئىشلىتىش، ھالال-ھارام ئۇقۇمى، ئۈممەت ئېڭى) ئىناۋىتىنى يوقاتقان ۋە  تەھدىت سۈپىتىدە تامغىلايدۇ. بۇ، دىننىڭ تېئولوگىيەلىك (ئىلاھىيەت) ساھەسىدىن چىقىرىلىپ سىياسىي ساداقەت ساھەسىگە سۆرەپ كىرىلىشىدۇر.

د. يىلتىزىدىن ئۈزۈش (Disassociation)

يىلتىزىدىن ئۈزۈش، بىر جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت كىملىك كودلىرىنى (ئىسلام)، تېخىمۇ كونا، قەدىمىي ياكى پەرقلىق يىلتىزلارغا (شامانىزم، توتېمىزم) باغلاپ قايتا رامكىلاش ئارقىلىق، ئۇ جەمئىيەتنى دۇنياۋى ۋە مىللەت ھالقىغان مۇناسىۋەتلىرىدىن (ئىسلام ئۈممىتى/تۈرك دۇنياسى) ئايرىۋېتىش ئىستراتېگىيىسىدۇر.
كونسېكىست: خىتاي رەسمىي بايانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئادەتلىرىنى  ئىسلام  ئەنئەنىسى دېيىش ئورنىغا «شامانىزم قالدۇقى» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق ئىككى مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ. بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلارنى «مۇسۇلمان» ئۈست كىملىكىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ، خىتاينىڭ  «ئېتنىك ئاز سانلىق مىللىتى»  سۈپىتىدە فولكلورلاشتۇرۇشتۇر. ئىككىنچىسى، بۇ دىنى ئادەتلەرنى «خۇراپات» ياكى «مەدەنىيەت مىراسى» كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، دىننىڭ سەپەرۋەر قىلغۇچى سىياسىي كۈچىنى سۇندۇرۇشتۇر. شامانىزم ئۇرغۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى مەككىدىن ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇرىۋېتىپ، يەرلىك ۋە زىيانسىز بىر ئۆرپ-ئادەت ساھەسىگە قاماپ قويۇشنى نىشان قىلىدۇ.


 
2.«نورماللاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسى: ئىسلامنىڭ تارىخىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىشى ۋە سۆزلەم قۇرۇلۇشى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئۆتمۇشنى رامكىلاش ئىستراتېگىيىسى، رايوننىڭ ئىسلامىي خاراكتېرىنى تارىخىي بىر «خاتالىق» ياكى «ئۆتكۈنچى ھادىسە» سۈپىتىدە سۇنۇش تىرىشچانلىقىدۇر. يۈ شاڭپىڭنىڭ سۆھبەتتىكى ئاساسىي تېزىسى، شەرقىي تۈركىستان دىن تارىخىنىڭ «بىر ياكى ئىككى دىن ھۆكۈمران بولغان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان»[2] قۇرۇلما ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى ئىددىئاسىدۇر. بۇ ئىددىئا، گەرچە ئاڭلىماققا كۆپ خىللىققا يول قويىدىغان  بىر ئىپادىدەك تۇرسىمۇ، چوڭقۇر قاتلامدا ئىسلامنىڭ رايوندىكى ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇق جەھەتتىكى) ھۆكۈمرانلىقىنى كىچىك كۆرسىتىشنى نىشان قىلغان بىر« ئادەتتىكىلەشتۇرۇش» (Normalization) ئىستراتېگىيىسىدۇر.

ئا. تارىخىي «ئۆچۈرۈۋېتىش»  (Erasure) ۋە نىسپىيلەشتۈرۈش

يۈ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى تۆت باسقۇچقا ئايرىش ئارقىلىق (ئىپتىدائىي دىنلار دەۋرى، بۇددادىنى دەۋرى، ئۆتكۈنچى دەۋر، ئىسلام ئاساسلىق، كۆپ خىل دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان دەۋر )، ئىسلامنى مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان مەدەنىيەت قۇرغۇچى كۈچ بولۇشتىن بەكرەك، «كېلىپ كەتكەن» ئۆتكۈنچى ئېتىقادلار زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىجتىمائىي تىلشۇناس (ئىرۋىن) ۋە (گال) (2000) نىڭ «ئۆچۈرۈۋېتىش» (Erasure) ئۇقۇمى  دەل بۇ ھادىسىدە مەنىسىنى تاپىدىغان بولۇپ، مۇرەككەپ تارىخىي رېئاللىقلار (مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭرى  يەرلەشكەنلىكى)، دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك سىزىمىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئادەتتىكىلەشتۈرۈلۈپ «كۆپ دىنلىق » بايانى ئىچىدە كۆرۈنمەس قىلىنىدۇ. ئىسلام، بۇ باياندا بۇددا، مانى دىنى ياكى ئاتەشپەرەسلىك بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇلۇپ،  شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا نىسبەتەن «كىملىك قۇرغۇچىلىق»  (constitutive) سالاھىيىتى ئىسلام دىنىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنىدۇ ۋە   ئادەتتىكى بىر ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ.

ب. سېمانتىك (مەنىۋى) ئاسىممېترىيە: «ئورگانىك» بۇددىزمغا قارشى «زومىگەر» ئىسلام

سۆھبەتنىڭ سۆزلەم ئانالىزىدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان ئامىل، دىنلارنىڭ تارقىلىش شەكىللىرىنىڭ تەسۋىرىدىكى «سېمانتىك ئاسىممېترىيە» (تەڭپۇڭسىزلىق) ئامىلىدۇر. يۈ شاڭپىڭ، بۇددا دىنىنىڭ ياكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشىنى «ماسلىشىش» ۋە «يۇغۇرۇلۇپ كېتىش»قا ئوخشاش ئىجابىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىسە؛ ئىسلامنىڭ رايونغا كىرىشىنى بىۋاسىتە زوراۋانلىق ۋە زومىگەرلىك بىلەن باغلايدۇ. سۆھبەتتە قاراخانىيلار دەۋرى بايان قىلىنىۋاتقاندا مۇنۇ ئىپادە ئىشلىتىلىدۇ:«ھۆكۈمرانلار ئىسلامنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلدى، بۇددىستلارنى ۋە باشقا دىندىكىلەرنى مەجبۇرىي ئىسلامغا كىرگۈزدى». [3]
بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن «مەجبۇرىي/زورلۇق بىلەن»(强制) سۆزى، ئىسلامنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي ئېقىمىغا سىرتتىن قىلىنغان بىر مۇداخىلە سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. (ۋان دىيك) (1998) نىڭ «ئىدېئولوگىيەلىك كۋادرات» مودېلىغا ئاساسەن، بۇ بايان «باشقا»نىڭ (ئىسلام) ھەرىكەتلىرىنى رەت قىلىش (زومىگەرلىك)، «بىز»نىڭ (خىتاي دۆلىتى/بۇددىست ئۆتمۈش) ھەرىكەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش (ماسلىشىش/مەدەنىيەت) تۇر. بۇددا دىنى ياكى باشقا ئېتىقادلارنىڭ تارقىلىشى تېخىمۇ ئورگانىك جەريانلار سۈپىتىدە تەسۋىرلەنسە، ئىسلامنىڭ مەۋجۇتلۇقى «قىلىچنىڭ كۈچى»گە چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ.
بۇ بايان ئىستراتېگىيىسىنىڭ سىياسىي مەقسىتى :  ئىسلام رايونغا «مەجبۇرىي/زورلۇق بىلەن »ئېلىپ كېلىنگەن بولغاچقا، بۈگۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىسلامنى چەكلەش ياكى ئۆزگەرتىش «خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۈچۈن يولغا قويغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى بىر بېسىم ھېساپلانمايدۇ، بەلكى تارىخىي بىر ئادالەتسىزلىكنىڭ «تۈزىتىلىشى» ياكى «ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى» بولىدۇ دەپ قانۇنلاشتۇرۇشتۇر (بوۋىڭدون، 2010).

ج. ئونتولوگىيەلىك ئىشەنچسىزلىك ۋە «يەرلىكلىك» دەۋاسى

ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بۇ سۆھبەت، ئىسلامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى «سىرتقى» ۋە «زورلانغان» بىر ھادىسە دەپ تامغىلاپ، «كۆپ دىنلىق قۇرۇلما»نى  رايوننىڭ تەبىئىي، تىنچ ۋە «يەرلىك» نورمىسى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. مەقسەت، ئىسلامنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىكى ئونتولوگىيەلىك ئاساسىنى تەۋرىتىش ۋە «ئىسلامدىن بۇرۇنقى» دەۋرنى (بولۇپمۇ بۇددا ۋە شامانىزم) تېخىمۇ «يەرلىك» ۋە «ئۇيغۇن» بىر تاللام سۈپىتىدە بەرپا قىلىشتۇر.
(رىيان تۇم) (2014) نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مۇقەددەس ئانا يۇرت ئەنئەنىسى ئىسلام بىلەن يەرلىك جۇغراپىيەنى بىرلەشتۈرسە؛ خىئتاي دۆلەت بايانى ئارقىلىق بۇ رىشتىنى ئۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى «مۇسۇلمان» كىملىكىدىن ئايرىۋېتىپ، قەدىمكى خىتاي مەدەنىيەت ھاۋزىسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان «ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت» سالاھىيىتىگە قاماشقا ئۇرۇنماقتا. شۇڭلاشقا، «بىر ياكى ئىككى دىن ھۆكۈمران بولغان…»[4]… ئىپادىسى، بىر تارىخىي بايقاش ئەمەس سۈپىتىدە سۇنۇلغان ئەمەس،بەلكى، ئىسلامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇتلەق بەلگىلىگۈچىلىكىنى رەت قىلغان بىر بەلگىلىگۈچىلىك ئىددىئاسىدۇر.

3.  بىر ئۈلگە سۈپىتىدە «خىتايچىلاشقان بۇددىزم»

خىتاي دۆلەت بايانىنىڭ، دىنىي گۇرۇپپىلارنى «مەقبۇل» ۋە «غەيرىي مەقبۇل» دەپ ئايرىشتا قوللانغان ئەڭ كۈچلۈك قوراللىرىدىن بىرىنى، ئىجتىمائىي تىلشۇناس (روبېرت كۇپېر) (1989) نىڭ «ئوبراز-ئىناۋەت قۇرۇلۇشى» (Prestige Planning) ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. بۇ ئىستراتېگىيە، مەلۇم بىر مەدەنىيەت شەكلىنىڭ ياكى ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنىپ ئوبرازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، باشقىلىرىنىڭ بولسا بۇ غايىۋى ئۈلگىگە ماس كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قانۇنسىز دەپ جاكارلىنىش جەريانىدۇر. يۈ شاڭپىڭنىڭ سۆبىتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق سۆزلەم ، بۇددىزمنى ئۆرنەك دىن قىلىپ تەشۋىق قىلىشتۇر.

ئا. تېلېئولوگىيەلىك (مەقسەتلىك) تارىخ ۋە «خىتايچىلىشىش»نىڭ ئۇلۇغلىنىشى

يۈ شاڭپىڭ، بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە (خىتاي ئىچكى قىسىملىرى) تارقىلىشىنى ۋە ئۇ يەردىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېلىشىنى ماختاپ، بۇ جەرياننى «ئۈزلۈكسىز خىتايچىلىشىش جەريانى»[5] دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ ئبارىدە تارىخ، تېلېئولوگىيەلىك (مەقسەتكە يۈزلەنگەن) بىر ئىلگىرىلەش سۈپىتىدە ياساپ چىقىلغان بولۇپ؛يۈ شاڭپىنىڭ  بۇ سۆزلىمىگە كۆرە،  دىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ھالىتى، خىتاي مەدەنىيىتى قازىنىدا ئېرىتىلگەن ھالىتىدۇر.
سۆھبەتتە، «بۇددا دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىلتىز تارتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان» ئامىلنىڭ ئۇنىڭ تېئولوگىيەلىك چوڭقۇرلۇقى ئەمەس، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىشىش ئىقتىدارى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. (ياڭ) (2011) نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، خىتاي دۆلەت ئەنئەنىسىدە دىنلار، دۆلەتنىڭ ھوقۇقىغا ۋە كۇڭزى (بۈگۈنكى سوتسىيالىست) ئەخلاق قۇرۇلمىسىغا خىزمەت قىلغاندىلا ئاندىن قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشىدۇ. يۈنىڭ بايانى، بۇددىزمنى «يەرلىك» ۋە «ماسلاشقان» بىر ئۈلگە سۈپىتىدە سۇنسا، ئىسلامنى (تېخى تولۇق خىتايچىلاشمىغان) «يات» ۋە «مەسىلىلىك»  «ئۇيغۇنسىز» سۈپىتىدە كودلايدۇ. بۇ ئەھۋال، ئىسلامنىڭ پەقەت بىر ئېتىقاد بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئېستېتىك ۋە مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدىمۇ ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىدۇر.

ب. «يەرلىك شارائىتقا ماسلىشىش»: بىر ئاسسىمىلياتسىيە مېتافورىسى

سۆھبەتتە زەردۇشلارنىڭ دەپنە ئەنئەنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ «يەرلىك شارائىتقا ماس » تاۋۇتلارنى ئىشلىتىشى، ئىجابىي بىر ماسلىشىش ئۈلگىسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. خىتايچە « يەرلىك شارائىتقا ماسلاشتۇرۇش »[6] تۇراقلىق ئىبارىسى، ئەمەلىي بىر چارىدىن بەكرەك، سىياسىي  ماسلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئىما قىلىدۇ. بۇ يەردە «يەرلىك شارائىتلار» جۇغراپىيەلىك شەرتلەر ئەمەس، ھۆكۈمران بولغان خىتاي مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مۇھىتىدۇر.
ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن  يۈ سۇنغان بۇ تاۋۇتنى ماسلاشتۇرۇش مىسالى ، ئىسلامغا قارىتىلغان «يوشۇرۇن يوليورۇق» (Implicit Directive) رولىنى ئوينايدۇ. بېرىلگەن سىگنال شۇكى: «زەردۇشلۇق قانداق قىلىپ ئىبادەت شەكىللىرىنى ئۆزگەرتىپ ھايات قالغان بولسا، ئىسلاممۇ ‹ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى› مەسچىتلەردىن، ھالال -ھارام چۈشەنچىسىدىن ياكى روزا تۇتۇشتىن  ۋاز كېچىپ ‹يەرلىك› (يەنى خىتايچە) بولۇشى كېرەك». بۇ بايان، تېئولوگىيەلىك(ئىلاھى) ئۆزگىچىلىكنى «جاھىللىق» ياكى «ئاشقۇنلۇق» دەپ تامغىلىسا، ئاسسىمىلياتسىيەنى «ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر ماسلىشىش» دەپ رامكىلايدۇ (لېيبولد، 2019).

ج. نۆۋەتتىكى سىياسەتلەرنىڭ تارىخىي ئاساسى: «خىتايچىلاشتۇرۇش»

يۈ شاڭپىڭنىڭ سۆھبىتى، بۈگۈنكى كۈندىكى «ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى» سىياسىتىنىڭ تارىخىي قانۇنلۇقلۇق ئاساسىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. سۆھبەتتە، بۇددىزمنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى سۈپىتىدە سۇنۇش ئارقىلىق، ئىسلامغىمۇ مۇنۇ ئۇچۇرنى بەرمەكتە: قانۇنلۇق ۋە ئىناۋەتلىك بىر دىن بولۇش،  ئۈممەت رىشتىلىرىدىن ئۈزۈلۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك رامكىسىغا تولۇق ماسلىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.گۇسسائېرت ۋە پالمېر  (2011 ) نىڭ «دىنىي بازار» نەزەرىيەسىگە  ئاساسەن، خىتاي دۆلىتى بۇ بايان ئارقىلىق دىنىي بازارنى تەڭشەپ؛ «خىتايچىلاشقان» دىنلارغا (بۇددىزم/داۋىزم) رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتلىرىنى بەرسە، سىرتقى باغلىنىشى بار دەپ قارىغان دىنلارغا (ئىسلام/خىرىستىيان) يۇقىرى كىرىش تەننەرخى ۋە بېسىم ئىشلەتمەكتە. شۇڭلاشقا، مەسچىت گۈمبەزلىرىنىڭ چېقىلىپ ئورنىغا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى ئۆگزىلەرنىڭ قىلىنىشى ياكى دىنىي مائارىپنىڭ پارتىيە كونتروللۇقىغا ئېلىنىشى، يۈ تىلغا ئالغان «ئۈزلۈكسىز خىتايچىلىشىش جەريانى» نىڭ قۇرۇلمىۋى ئەمەلىيلىشىشىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.


4. ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ۋە يوشۇرۇن تەھدىت: «ماسلاش ياكى يوقال»

يۈ شاڭپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنلارنىڭ تارىخىي تەقدىرىنى چۈشەندۈرۈشتە قوللانغان رېتورىكىسى (قايىل قىلىش سەنئىتى)، جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى تېئولوگىيەلىك ئانالىزدىن بەكرەك، كۈچلۈك بىر «ئىجتىمائىي دارۋىنىزم» تەشۋىقاتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان تۆۋەندىكى مۇنۇ ئىبارە، دۆلەتنىڭ دىنلارغا قاراتقان مۇداخىلە خاراكتېرلىك پوزىتسىيەسى «تەبىئىي بىر تاللىنىش جەريانى» كەبى سۇنۇلغان ئىستراتېگىيەلىك بىر بايانىدۇر: «شىنجاڭدا تارقىلىش جەريانىدا، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ماسلىشىش جەھەتتىكى ئىچكى مېخانىزمى ۋە ئىقتىدارى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى دىنلار تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى، بەزىلىرى بولسا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ داۋاملاشتۇردى».[7]

بۇ بۆلۈمدە، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ۋە سىياسىي ئانالىز نۇقتىسىدىن تۆۋەندىكى ئۈچ  قاتلام بويىچە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ:  «ئىجرا قىلىش سۆزى » سۈپىتىدىكى تەھدىت، «ئاكتىپ ماسلىشىش» ئۇقۇمىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يۈكى ۋە دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ تەبىئىيلەشتۈرۈلۈشى.

ئا. بىر «نۇتۇق-ھەرىكەت نەزەرىيەسى»  (Speech Act) سۈپىتىدە تارىخ ياساش

تىلشۇناس (ج. ل. ئوستىن،1962) نىڭ «نۇتۇق- ھەرىكەت (Speech Act) نەزەرىيەسى»گە ئاساسلانغاندا، بەزى ئىبارىلەر پەقەت ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپلا قالماستىن، بەلكى بىر ھەرىكەتنى (ئاگاھلاندۇرۇش، تەھدىت سېلىش، بۇيرۇق قىلىش) ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. يۈنىڭ « يەرلىك شارائىتقا ۋە سىياسى تۇزۇلمىگە  ماسلاشمىغان بەزى دىنلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى»[8] ھەققىدىكى بايانى، تەسۋىرىي بىر تارىخ بايانىدەك كۆرۈنسىمۇ، مۇسۇلمان جەمئىيىتىگە قارىتىلغان بىر «يوشۇرۇن تەھدىت» (Veiled Threat) رولىنى ئوينايدۇ.

گەپنىڭ ئورانى، ئاتەشپەرەسلىك ياكى مانى دىنىغا ئوخشاش دىنلارنىڭ يوقىلىشىنى تاشقى بېسىملارغا ئەمەس، بەلكى بۇ دىنلارنىڭ «ئىچكى مېخانىزملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى»گە باغلايدۇ. بۇ بايان، بۈگۈنكى ئىسلام ئېتىقادىغا مۇنۇ ئۇچۇرنى بەرمەكتە: «ئەگەر ھايات قالىمىز دېسەڭلار، تارىخىي جەرياندا شاللىنىپ كەتكەنلەردەك بولماڭلار.» بۇ، ئۆتمۈش ئارقىلىق قىلىنغان بىر كەلگۈسى تەھدىتتۇر؛ «ماسلاشمىغانلارنىڭ يوقىلىشى»، دۆلەتنىڭ بىر جازاسى سۈپىتىدە ئەمەس، تارىخنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىرنورمال قانۇنىيىتى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ.

ب. «ئاكتىپ ماسلىشىش»   ۋە سىياسىي ئىتائەت

سۆھبەتتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۇقۇملاردىن بىرى «ئاكتىپ ماسلىشىش»[9]ئۇقۇمىدۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ (خ ك پ) دىن چۈشەنچىسىدە «ماسلىشىش »، دىنلارنى سوتسىيالىزملاشتۇرۇشنى  ئىپادىلەيدىغان تېخنىكىلىق بىر ئۇقۇمدۇر. بىراق بېشىغا قوشۇلغان «ئاكتىپ / تەشەببۇسكارلىق بىلەن» سۈپىتى، دىنلاردىن كۈتۈلگەن ئىتائەتنىڭ ۋە سوتسىيالىستىك ئۆزگىرىشنىڭ پاسسىپ بىر قوبۇل قىلىش تەرزىدە  ئەمەس، ئىختىيارىي،تەشەببۇسكار ۋە قىزغىن بىر تەرزدە بولۇشى شەرتلىكىنى ئىما قىلىدۇ (پوتتېر، 2003).

يۈنىڭ بايانىدا دىنلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈچى، ئىلاھىي بىر ھەقىقەت ياكى خەلقنىڭ تەلپۈنۈشى،ھىمايە قىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى يەرلىك شارائىتقا  «ئاكتىپ ماسلىشىش» ئىقتىدارىغا باغلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا  « ماسلىشىش»، تېئولوگىيەلىك بىر ئىسلاھاتنى ئەمەس، سىياسىي بىر ئىتائەتنى  بىلدۈرىدۇ. (فېڭگاڭ ياڭ) (2011) نىڭ «قىزىل، قارا ۋە كۈلرەڭ بازارلار» مودېلىغا كۆرە، دۆلەت دىنلارنى «قىزىل بازار»غا (دۆلەت تەستىقلىغان ساھە) كىرىشكە مەجبۇرلىماقتا. يۈنىڭ بايانى، «ئاكتىپ ماسلىشىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن دىنلارنىڭ پەقەت قانۇنسىز (قارا بازار) دەپ جاكارلىنىپلا قالماستىن، تارىخىي بىر بىنورماللىق سۈپىتىدە ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىما قىلىدۇ. شۇڭلاشقا «ماسلىشىش»، مەۋجۇتلۇقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر ھايات قېلىش ئىستراتېگىيىسى سۈپىتىدە كودلىنىدۇ.

ج. دۆلەت مۇداخىلىسىنىڭ تەبىئىيلەشتۈرۈلۈشى:

ئىجتىمائىي دارۋىنىزملىق بايان، سىياسىي خاراكتېرلىك تازىلاش جەريانىنى بىئولوگىيەلىك / تەدرىجىي تەرەققىيات خاراكتېرلىك بىر تېرمىن بىلەن ئىپادىلەيدۇ ياكى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى نەتىجسىدە  ياكى بەزى ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى نەتىجىسىدە دىننىڭ شەكلى ئۆزگەرسە، بۇ «دۆلەت بېسىمى» تۈپەيلى ئەمەس، دىننىڭ « شارائىتقا ماسلىشىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش » كۈرىشىنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە رامكىلىنىدۇ.

بۇ رېتورىك، دۆلەتنىڭ دىنغا بولغان ھۆكۈمران كۈچىنى (agency) يوشۇرىدۇ. دىنلار خۇددى بىر ئورماندا ھايات قېلىشقا تىرىشىۋاتقان جانلىقلارغا ئوخشىتىلىپ، دۆلەت پەقەت بۇ «تەبىئىي» مۇھىتنى تەرتىپكە سېلىۋاتقاندەك كۆرسىتىلىدۇ. ھالبۇكى ، دىنلارنىڭ «تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىشى»، كۆپىنچە دۆلەتنىڭ بېسىم ئاپپاراتلىرى، سۈرگۈنلەر ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى بىلەن ئەمەلىيلىشىدىغان سۈنئىي بىر جەرياندۇر. يۈ شاڭپىڭ، بۇ سىياسىي جەرياننى تەدرىجىي تەرەققىيات خاراكتېرلىك بىر تەبىئىي شاللىنىشتەك كۆرسىتىپ سۇنۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ (قايتا تەربىيەلەش، دىننى چەكلە ئۆزگەرتىش، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى) مەسئۇلىيىتىنى دۆلەتتىن ئېلىپ، دىنلارنىڭ «ماسلىشىش ئىقتىدارى»غا يۈكلىمەكتە.

5.  يىلتىزىدىن ئۈزۈش (DISASSOCIATION)   : ئىسلامىي ئەمەلىيەتلەرنىڭ «شامانىزملاشتۇرۇلۇشى» ۋە فولكلورلاشتۇرۇلۇشى

خىتاي رەسمىي بايانى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرى، ئۇيغۇلارنىڭ ئېتىقاد دۇنياسىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئايرىۋېتىش مەقسىتىدە «تارىخىي كېلىپ چىقىش ئۇرغۇسى»نى ئىستراتېگىيەلىك  تاكتىكا سۈپىتىدە قوللانماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يادروسى، ئۇيغۇر ئىسلامىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلام تېئولوگىيەسىدىن (تەۋھىد ۋە سۈننەت) قاچۇرۇپ، ئۇنى يەرلىك، ئەبج
ەش ۋە ئىسلامدىن بۇرۇنقى بىر ئۆرپ -ئادەت سۈپىتىدە قايتا ئىزاھلاشتىن ئىبارەتتۇر.

سۆھبەتتە يۈ شاڭپىڭنىڭ مەقبەرە  زىيارەتلىرى ۋە مازارلارغا تۇغ باغلاش مۇراسىملىرىنى تىلغا ئېلىشى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنىڭ تەركىۋى قىسىمدۇر. بۇنى چۆرىدەپ ئانالىزنى تۆۋەندىكى قاتلاملار بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇمكىن:

ئا. ئىسلامنىڭ خىتايچىلىشىشى

خىتاينىڭ بۇ بايانى، تاسادىپىي بىر ئىلمىي بايقاشتىن بەكرەك، دۆلەتنىڭ رەسمىي سىياسىتى بولغان «ئىسلامنىڭ خىتايچىلىشىشى» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ سىياسەت، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ «سوتسىيالىستىك جەمئىيەت» بىلەن ماس ھالغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋە تاشقى مەنبەلىك (ئەرەب/ئوتتۇرا شەرق) تەسىرلەردىن تازىلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ.

ئىستراتېگىيە: ئۇيغۇر ئىسلامىنى «ئەرەب ئىسلامى»دىن ئايرىش.

ئۇسۇل: دىنىي پائالىيەتلەرنى تېئولوگىيەلىك مەنبە ۋە چوڭقۇرلۇقتىن  ئۈزۈپ ئىزاھلاپ، ئۇلارنى «شامانىزم» ياكى «ئىپتىدائىي دىن»   نىڭ قالدۇقلىرى دەپ تامغىلاش.

ب. مازار ئىبادىتى: تەسەۋۋۇپنىڭ ئورنىغا شامانىزم بەلگىسى

سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان «مەقبەرە» زىيارەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك-ئىسلام ئەنئەنىسىدە «تەسەۋۋۇپ» ئېقىمىنىڭ، بولۇپمۇ نەقشىبەندى ئەنئەنىسىنىڭ ۋە «پىر ئۇستاز مەدەنىيىتى»نىڭ بىر پارچىسىدۇر. مازاردىكى دەرەخلەرگە تۇغ باغلاش، ئىسلامدىن بۇرۇنقى تۈرك ئېتىقادلىرىدىن سۈزۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەسىرلەر ئىچىدە «نەزىرقىلىش» ۋە «شاپائەت تىلەش» ئۇقۇملىرى بىلەن ئىسلامىيلىشىپ كەتكەن بىر پائالىيەتتۇر. ھالبۇكى خىتاي ئېتنولوگلىرى ۋە دۆلەت ئىدېئولوگلىرى، بۇنى ئىزاھلاشتا  قەستەن ھالدا ئىسلامى تېرمىنولوگىيەنى رەت قىلىدۇ.

  • خىتاي ئىلمىي بايانى: يۈ شاڭپىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاكادېمىكلار، بۇ مۇراسىملارنى «خۇراپات» ياكى بىۋاسىتە شامانىزم قالدۇقى دەپ ئاتايدۇ.
  • مەقسەت: ئەگەر بىر پائالىيەت «شامانىزم» بولسا، ئۇ ھالدا «ئىسلامىي» ئەمەستۇر.  ئىسلامىي بولمىغان پائالىيەت ئۇيغۇرلارنى «ئۈممەت» كە باغلىيالمايدۇ دەپ«خىتاينىڭ ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت فولكلورى»دەپ تامغىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

ج. مۇزېيلاشتۇرۇش: «ماددىي بولمىغان مەدەنىيەت مىراسى»

«يىلتىزىدىن ئۈزۈش» ئىستراتېگىيىسىنىڭ كېيىنكى قەدىمى، ئېتىقادنى جانلىق بىر دىندىن، ساياھەت ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان مۇراسىملار، ئېتىقاد سىستېمىسىدىن چىقىرىلىپ «ماددىي بولمىغان مەدەنىيەت مىراسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەكتە.

  • زىتلىق: بىر مازارغا بېرىپ دۇئا قىلىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق»  ئالامىتى دەپ سانالسا؛ ئوخشاش مازارنى بىر «مەدەنىيەت ساياھىتى» نىشانى سۈپىتىدە زىيارەت قىلىش ۋە بۇ مۇراسىمنى بىر تىياتىر ئويۇنىدەك كۆرۈش تەشۋىق قىلىنىدۇ.
  • نەتىجە: ئېتىقادنىڭ ئىچى بوشىتىلىدۇ. «شامانىزملاشتۇرۇش» تامغىسى قويۇلغان  بۇ دىنىي پائالىيەتلەر، دىن ساھەسىدىن چىقىرىلىپ، زىيانسىز «ئېتنىك ئەنئەنە/فولكلور» ساھەسىگە ئىتتىرىلىدۇ.

د. سىياسىي نىشان: پان-ئىسلامىزمغا قارشى «يەرلىك مەدەنىيەت»

خىتاينىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى تارىخىي مەسىلىلەرگە ئائىت ئاق تاشلىق كىتاب»تا ئېنىق كۆرسىتىلگىنىدەك، ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلارغا «مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقى» ۋە ئۇلارنىڭ «ئۆز» مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام ئەمەسلىكى ئىددىئاسى تەكىتلىنىدۇ.   بۇ دائىرىدە شامانىزم ئۇرغۇسى ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرگە ئىما قىلىنىدۇ:

  1. ئۇيغۇرلارنىڭ «ھەقىقىي» يىلتىزى ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىلەردۇر (شامانىزم، بۇددىزم قاتارلىقلار).
  2. ئىسلام كېيىن كەلگەن «يات» بىر ئامىلدۇر.
  3. شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىسلامىي ئويغىنىش «تارىخىي يىلتىزلارغا خىيانەت»، شامانىستىك ئېلېمېنتلارنى قوغداش بولسا «ئۆز مەدەنىيىتىگە سادىقلىق»تۇر.

يۈ شاڭپىڭنىڭ ئانالىزى، بىتەرەپ بىر ئانتروپولوگىيەلىك كۆزىتىش ئەمەس. مەقبەرە زىيارەتلىرىنى ۋە نەزىر-چىراقلارنى تەسەۋۋۇپىي (ئىسلامىي) مەزمۇندىن ئۈزۈپ «شامانىزم» دەپ تەرىپلەش، ئۇيغۇر كىملىكىنى «ئىسلام دۇنياسى» بىلەن ئورتاقلىقىدىن قاچۇرۇپ، خىتاي مىللەت-دۆلەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە  سىرلىق ۋە سىياسەتتىن خالىي قىلىنغان بىر «ئېتنىك رەڭ» ھالىتىگە كەلتۈرۈش (Disassociation) تىرىشچانلىقىدۇر.

خۇلاسە

بۇ ماقالىدە، خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى (CNS) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە يۈ شاڭپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئارقىلىق، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخ ياسىشىنى ۋە دىن سىياسەتلىرىنى مەشرۇ ھالغا كەلتۈرىدىغان سۆزلەم ئىستراتېگىيەلىرى ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ۋە تەنقىدىي سۆزلەم ئانالىز مىتودلىرى بىلەن تەھلىل قىلىندى. ئانالىز نەتىجىلىرى، رەسمىي باياننىڭ تارىخىي رېئاللىقنى ئوبيېكتىپ بىر شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرمەستىن، ئەكسىچە دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي نىشانلىرى يۆنىلىشىدە قايتا قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بىرىنچىدىن، تەتقىقاتتا بايقالغان «تارىخنى قايتا رامكىلاش» ۋە «ئادەتتىكىلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىرى، ئىسلامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمران مەدەنىيەت قۇرغۇچىلىق رولىنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. «كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» بايانى، كۆپ خىللىقنى قوللايدىغان دېموكراتىك بىر پوزىتسىيە ئەمەس، ئىسلامنى تارىخىي بىر «تاللام» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ كىچىكلىتىدىغان تاكتىكىدۇر. يۈ شاڭپىڭنىڭ تۆت باسقۇچلۇق تارىخ قۇرۇلمىسى، ئىسلامنى «سىرتقى» ۋە «مەجبۇرىي تېڭىلغان» بىر ئامىل دەپ كودلىسا، بۇددىزم ۋە شامانىزمنى «يەرلىك» ۋە «ماسلاشقان» ئۆرنەكلەر سۈپىتىدە سۇنماقتا.

ئىككىنچىدىن، تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان «ئىجتىمائىي دارۋىنىزملىق» قاراش، دىنلارنىڭ ھايات قېلىشىنى تېئولوگىيەلىك توغرىلىققا ئەمەس، سىياسىي ھاكىمىيەتكە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە «ئاكتىپ ماسلىشىش» ئىقتىدارىغا باغلايدۇ. بۇ بايان، «ماسلاشمىغانلارنىڭ يوقىلىشى»نى ئەزەلىي بىر قانۇنىيەتتەك سۇنۇش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندىكى «ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى»  سىياسەتلىرىگە ۋە دۆلەت مۇداخىلىسىگە قانۇنلۇقلۇق ئاساس تەييارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تەھدىتنى (veiled threat) ئىما قىلىدۇ.

ئۈچىنچى ۋە ئەڭ دىققەت تارتىدىغان بايقاش، «يىلتىزىدىن ئۈزۈش»» (Disassociation) ۋە «شامانىزملاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ (مەقبەرە زىيارەتلىرى، تۇغ باغلاش) ئىسلامىي / تەسەۋۋۇپىي مەزمۇندىن ئۈزۈلۈپ «شامانىزم قالدۇقى» ياكى «فولكلورلۇق ئېلېمېنت» دەپ تامغىلىنىشى، ئېتىقادنىڭ ئىچىنى بوشىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ ئىستراتېگىيە بىلەن دىن؛ بىرلەشتۈرگۈچى، كۈچلەندۈرگۈچى ۋە سەپەرۋەر قىلغۇچى «ئۈممەت» ئېڭىدىن ئايرىۋېتىلىپ؛ زىيانسىز، ساياھەت خاراكتېرلىك ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى «ماددىي بولمىغان مەدەنىيەت مىراسى» كاتېگورىيىسىگە قامالماقتا.

يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ماقالە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى؛ يۈ شاڭپىڭنىڭ بايانى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى پەقەتلاجۇغراپىيە جەھەتتىنلا ئەمەس، زېھنىي ۋە ئېتىقادىي دۇنياسىدىمۇ «ئىسلام دۇنياسى»دىن ئۈزۈپ،بىر جۇڭخۇا مىللىتى بىر خىللاشقان قۇرۇلمىسى ئىچىگە سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر «تارىخ قۇرۇلۇشى» (تارىخ قۇرۇپ چىقىش) تۈرىدۇر. ئۆتمۈشنىڭ «كۆپ دىنلىق» قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقىلىشى، كەلگۈسىنىڭ «خىتايچىلاشقان»  جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تايانچ يارىتىش تاكتىكىسىدۇر.

مەنبەلەر:

  • Blommaert, J. (2005). Discourse: A Critical Introduction. Cambridge University Press.
  • Bovingdon, G. (2010). The Uyghurs: Strangers in Their Own Land. Columbia University Press.
  • Chinese Islamic Association. (2018). Outline of the Five-Year Plan on Persisting in the Sinicization of Islam (2018–2022). Beijing.
  • Cooper, R. L. (1989). Language Planning and Social Change. Cambridge University Press.
  • Fairclough, N. (2013). Critical Discourse Analysis: The Critical Study of Language. Routledge.
  • Gladney, D. C. (2004). Dislocating China: Muslims, Minorities, and Other Subaltern Subjects. University of Chicago Press.
  • Goossaert, V., & Palmer, D. A. (2011). The Religious Question in Modern China. University of Chicago Press.
  • Grose, T. A. (2021). Negotiating Inseparability in China: The Xinjiang Class and the Dynamics of Uyghur Identity. Hong Kong University Press.
  • Harris, R. (2020). Soundscapes of Uyghur Islam. Indiana University Press.
  • Hobsbawm, E., & Ranger, T. (Eds.). (1983). The Invention of Tradition. Cambridge University Press.
  • Irvine, J. T., & Gal, S. (2000). Language Ideology and Linguistic Differentiation. In P. V. Kroskrity (Ed.), Regimes of Language (pp. 35–84). School of American Research Press.
  • Leibold, J. (2019). Planting the Seed: Ethnic Policy in Xi Jinping’s New Era. China Brief, 19(22). Jamestown Foundation.
  • Millward, J. A. (2007). Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang. Columbia University Press.
  • Shi, Y. (2025, 4 Aralık). Dōngxī wèn | Yú Shàngpíng: Xīnjiāng héyǐ xíngchéng duō zōngjiào bìngcún géjú? [Doğu-Batı Sorusu | Yu Shangping: Xinjiang’da çok dinli bir arada yaşama modeli nasıl oluştu?]. China News Service. 新疆何以形成多宗教并存格局?, https://m.chinanews.com/wap/detail/zw/dxw/2025/12-04/10526998.shtml, 7 Aralık 2025.
  • The State Council Information Office of the People’s Republic of China. (2019). Historical Matters Concerning Xinjiang. Beijing: Foreign Languages Press.
  • Thum, R. (2014). The Sacred Routes of Uyghur History. Harvard University Press.
  • Van Dijk, T. A. (1998). Ideology: A Multidisciplinary Approach. Sage.
  • Wodak, R. (2001). The Discourse-Historical Approach. In R. Wodak & M. Meyer (Eds.), Methods of Critical Discourse Analysis. Sage.
  • Yang, F. (2011). Religion in China: Survival and Revival under Communist Rule. Oxford University Press.

[1] 新疆何以形成多宗教并存格局?, https://m.chinanews.com/wap/detail/zw/dxw/2025/12-04/10526998.shtml, 7 Aralık 2025.

[2] 一教或两教为主、多教并存

[3]  (统治者大力推行伊斯兰教,强制佛教徒… 改信伊斯兰教)

[4] 一教或两教为主

[5] 不断走向中国化的过程

[6] 因地制宜

[7] 各宗教在新疆传播过程中,由于主动适应社会的内在机制和能力不同,有的退出了历史舞台,有的生存延续了下来。

[8] 有的退出了历史舞台

[9] 主动适应