رەئىس مولېنار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر كىملىكى توغرىسىدىكى پائالىيەتتە سۆز قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى | ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى (CCP) ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى | 2025-يىلى 11-دېكابىر
بۇ ھەپتە، ئالاھىدە كومىتېتنىڭ رەئىسى جون مولېنار (John Moolenaar) ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. رەئىس مولېنار ئابباس ئائىلىسى ۋە بارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جاسارىتىگە ھۆرمەت بىلدۈردى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ئىجرا قىلىش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئېھتىياجىنى قايتا تەكىتلىدى.
رەئىس مولېنارنىڭ تەييارلانغان سۆزى:
خەيرلىك چۈش ھەممىڭلارغا،
بۈگۈن بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ۋە سىڭلىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئابباس ئائىلىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر گەرچە خىتاينىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان بولساڭلارمۇ، بەزىدە زىيانكەشلىك نىشانىغا ئايلىنىسىلەر. يېقىنلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبىدىن سىلەر تارتقان قىيىنچىلىق ۋە ئازابنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى جاسارىتىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە مېنىڭ ھۆرمىتىمگە ۋە قايىللىقىمغا سازاۋەر بولىسىلەر.
كوممۇنىزم – بۇزۇلغان ۋە ۋەيران بولغان بىر ئىدېئولوگىيە. ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كارغا كەلمەيدۇ، دۆلەتنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلالمايدۇ ھەمدە مەنىۋى جەھەتتىمۇ ئىشلىمەيدۇ. ئۇ قەيەردە سىناق قىلىنغان بولسا، شۇ يەردىكى ئېتىقادلىق كىشىلەرنى نىشانغا ئالىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر كۈچكە ئىشىنىشتەك ئاساسىي ئارزۇسى بىلەن سىغىشالمايدۇ. كوممۇنىزمدا ھەممە نەرسە دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، دۆلەتتىن ئۇلۇغ ھېچ نەرسە يوق دەپ قارىلىدۇ؛ ئەمما دۆلەتنى خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ۋە گۇناھ سادىر قىلىدىغان ئىنسانلار باشقۇرىدۇ، شۇڭا بىز دۆلەتتىنمۇ يۇقىرى بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. دەل شۇ سەۋەبتىن خىتاي كومپارتىيەسى ئېتىقادلىق كىشىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەل دەپ، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ دەپ ئىشىنىشىنى خالايدۇ. ئۇ ئۆزىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى سېنزۇرا قىلىدۇ، ئۆكتىچىلەرنى قاماققا ئالىدۇ ۋە ئېتىقادىڭلار سەۋەبىدىن خەلقىڭلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ.
پارتىيە «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش»قا ئىشىنىدۇ، بۇ بولسا خىتايدىكى كوممۇنىزمدىن ئۈستۈن بىر كۈچكە ئىشىنىشنى تاللىغان جاسارەتلىك كىشىلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمدۇر. داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى جازا لاگېرلىرى، مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلىمىسىگە (مەجبۇرىي پىچىۋېتىشكە) ئۇچرىشى – بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھەرگىزمۇ كۆز يۇمۇۋالماسلىقىمىز كېرەك بولغان دەھشەتلەردۇر.
ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى داۋاملىق ھەمبەھرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان تارىخىي شەخسلەرنىڭ بىرى ۋىليام ۋىلبېرفورس (William Wilberforce) تۇر. ئۇ 18- ۋە 19-ئەسىرلەردە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بولغان ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلغان. ئۇ زور توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھەققانىيەت تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ھەرگىز ۋاز كەچمىگەن. ئۇ بىر قېتىم ئۆزىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا: «سىلەر باشقا ياققا قارىۋېلىشنى تاللىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما ھەرگىزمۇ بىلمەيتتىم دەپ ئېيتالمايسىلەر،» دېگەن ئىدى.
ئالاھىدە كومىتېتتا، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاشكارىلاۋاتىمىز. بىز ھەر كۈنى قانۇن چىقارغۇچىلارغا، باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا، شىركەتلەرگە، دىپلوماتلارغا ۋە ئاممىغا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ئىجرا قىلىش شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى يىرگىنچلىك مەجبۇرىي ئەمگەكنى توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىنى پاكىز دەپ كۆرسىتىشنى خالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ھەر قېتىم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقاندا، ئۆز خېرىدارلىرىغا، ئەخلاقىغا ۋە بۇ ئەركىنلىك زېمىنىنى 250 يىلدىن بۇيان يېتەكلەپ كەلگەن ياراتقۇچىمىز بەرگەن دەپسەندە قىلغۇسىز ھوقۇقلارغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقا ياققا قارىۋېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ھەرگىزمۇ خەۋىرىم يوقتى، دېيەلمەيدۇ.
بۇ يەرگە كەلگىنىڭلار ئۈچۈن، قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى بۇ كۈرەشتە ھەرگىزمۇ كۆزۈڭلارنى ئۈزمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن رەھمەت.