تۈركىستان تايمىز / 20-دېكابىر/ ئىستانبۇل: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىلىرى چېگرا ھالقىپ، ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە يېتىپ باردى. 19-دېكابىر گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانداق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
گېرمانىيەنىڭ ۋيۇرزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور بېرن ئالپېرمان (Björn Alpermann)، بېلگىيە ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور ۋانېسسا فىرانگۋىل (Vanessa Frangville) ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتى ئولومۇتس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەتقىقاتچى رۇنې ستېنبېرگ (Rune Steenberg) قاتارلىق ئۈچ نەپەر ياۋروپالىق نوپۇزلۇق ئالىم 2025-يىلى 19-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ «Tagesspiegel» (تاگەسسپىيېل) تور بېتىدە گېرمانچە «Wie China versucht, Wissenschaftler zum Schweigen zu bringen» (خىتاي ئالىملارنى قانداق قىلىپ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ؟) دېگەن تېمىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان جاسۇسلۇق، تور ھۇجۇمى ۋە چېگرا چەكلىمىسى قاتارلىق تاكتىكىلىرىنى تەپسىلىي پاش قىلدى.
ياۋروپا دەرسخانىلىرىدىكى جاسۇسلۇق كۈلەڭگىسى
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنغان ۋە يېقىندا ئاخىرلاشقان «شەرقىي تۈركىستاننى يىراقتىن تەكشۈرۈش» (Remote Ethnography of XUAR) ناملىق ئۈچ يىللىق تەتقىقات تۈرى جەريانىدا، خىتاينىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك پاراكەندىچىلىكىگە دۇچ كەلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىغىچە قولىنى سوزغان.
بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ۋەتىنىگە تەتىلگە قايتقان مەزگىلدە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن «سۆھبەت»كە چاقىرىلغان ۋە ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت دەرسلەرنى يوشۇرۇن ئاۋازغا ئېلىپ تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان. گەرچە بۇ ئوقۇغۇچى جاسۇسلۇق قىلىشنى رەت قىلىپ، ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئالىملار بۇنىڭ يەككە مىسال ئەمەسلىكىدىن، بەلكى بەزى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن سىڭىپ كىرىلگەنلىكىدىن گۇمانلانماقتا.
كىملىك ئوغرىلاش ۋە تور ھۇجۇملىرى
تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ، تور بەت ۋە رادىيو پىروگراممىلىرى ئارقىلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن. 2025-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، چېخ، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشقان تور ھۇجۇمىغا (Phishing mails) ئۇچرىغان. بۇ ھۇجۇملار ئالىملارنىڭ رەقەملىك ئۈسكۈنىلىرىنى كونترول قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنى «سىنگاپۇردىكى مەسلىھەت بېرىش شىركىتى» دەپ ئاتىۋالغان ئاتالمىش ژۇرنالىستلار ۋە ساختا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەتقىقاتچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان زىيارەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت قولغا كەلتۈرگەن دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ بارلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىققان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چېگرا توسالغۇلىرى
دوكلاتتىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىلاردىن بىرى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان بېسىمىدۇر. خىتاي تەرەپ «شىنجاڭ نورمال ھالەتكە قايتتى، ھەممە ئادەم كېلىپ كۆرسە بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەرلىك تىلنى بىلىدىغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە.
بىر ياۋروپالىق تەتقىقاتچى قىرغىزىستانغا كىرمەكچى بولغاندا چېگرادا توسۇۋېلىنىپ، سائەتلەپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن سەۋەبسىز قايتۇرۇۋېتىلگەن. يەنە بىر مىسالدا، كۆپ يىللاردىن بۇيان لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ كەلگەن بىر تەتقىقاتچىنىڭ 2025-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا قازاقىستانغا كىرىشى رەت قىلىنغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، خىتاي پەقەت ئۆزىنىڭ «ساختا كۆرۈنۈشى» گە ئىشىنىدىغان ساددا ساياھەتچىلەرنىلا قارشى ئالىدۇ، ئەمما ھەقىقەتنى قېزىپ چىقالايدىغان تەتقىقاتچىلاردىن قورقىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئاتايۇرت» (Atajurt) يېقىندىن بۇيان قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قولىنىڭ ياۋروپاغىچە، ھەتتا ئامېرىكاغىچە سوزۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە يەنە ئەنگلىيەدىكى شېففىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لاۋرا مېرفى (Laura Murphy) نىڭ تەتقىقاتىغا خىتاينىڭ قانداق بېسىم قىلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
«يېڭى نورماللىق»نى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك
ئالىملار دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتكە سېلىشتۇرغاندا، بىز دۇچ كەلگەن ئىشلار كىچىك ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاكادېمىك ئەركىنلىككە قىلىنغان بۇ ھۇجۇملار دېموكراتىيە ئۈچۈن خەتەرلىك. خىتاينىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ‹يېڭى نورماللىق›قا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.»
بۇ دوكلات خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تېخىمۇ ھوشيار بولۇشى ۋە ئىلمىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.