تاھا قىلىنچ
2025-يىلى 20-دېكابىر، شەنبە
ھەر بىر مەدەنىيەت ئۆزىگە خاس ئىنسان تىپىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىسلامنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر ئىنسان ئۈلگىسى ۋە مودېلى بار. بولۇپمۇ تارىختا ئىز قالدۇرغان ۋە كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن مۇسۇلمانلارغا نەزەر سالسىڭىز، ئۇلاردا بەزى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرىسىز. تىرىشچانلىق، سەۋر-تاقەت، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە غايىۋىلىك قاتارلىق ئاساسلىق پەزىلەتلەردىن باشقا، ئۇلار زۆرۈر تېپىلغاندا ئىلىم بىلەن جىھادنى، قەلەم بىلەن قىلىچنى تەڭ تۇتۇپ ماڭالايدىغان شەخسلەردۇر. «ئىسلام ئىنسانى» — كامىل ۋە يېتىلگەن، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ يۈزلىنىشىگە قاراپ ئۆز مۇساپىسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان، ھەر قانداق ئەھۋال ۋە شارائىتتا يولىدىن قايتماي كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئىرادىسى مەھكەم ئىنسان تىپىدۇر.
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا بۇنداق شەخسلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئەمما مەن بولۇپمۇ كىرىزىس ۋە توقۇنۇش رايونلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن سادالارغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئۈلگە، زامان ھالقىغان بىر سەۋر ۋە تىركىشىش داستانىدۇر. «مەسىلەن كىم؟» دېيىلسە، خىيالىمغا كېلىدىغان تۇنجى مىساللاردىن بىرى —— مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (1901-1965).
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە، تېگى-تەكتى سەمەرقەنتكە دەپنە قىلىنغان مەشھۇر تەسەۋۋۇپ پېشۋاسى غوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار (1490-يىلى ۋاپات بولغان) غا تۇتىشىدىغان داڭلىق بىر ئائىلىنىڭ ئوغلى بولۇپ دۇنياغا كەلگەن. دادىسىدىن كىچىك ۋاقتىدىلا ئايرىلىپ قالغان بۇغرا، تاغىسىنىڭ ھامىيلىقىدا مۇكەممەل ئىسلامىي تەربىيە ئالغان. ئۇ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپلا خىتاي مۇستەبىتلىكى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بارلىق رېئاللىقى بىلەن ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. 1931-يىلى باشلىغان ئالتە ئايلىق يۇرت كېزىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلدى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتتى؛ غۇلجىدا ئالىم ۋە سىياسەتچى سابىت داموللام (1883-1941) بىلەن ئۇزۇن مەسلىھەتلەشتى. بۇغرا ۋە داموللام خىتايغا قارشى ئەمەلىي كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلدى. بۇغرا 1932-يىلى قۇرغان «مىللىي ئىنقىلابىي تەشكىلات»نىڭ يېتەكچىلىكىدە قاراقاش ناھىيەسىدە باشلانغان تۇنجى قوزغىلاڭلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن خوتەنگە كېڭەيدى. بىر ئاي ئىچىدە (1933-يىلى ئاپرېل) «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلدى.
1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانغا قەدەر ناھايىتى جىددىي ۋە ھەرىكەتچان ھايات كەچۈرگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1934-يىلدىن 1943-يىلغىچە بولغان ئارىلىقنى ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندا سۈرگۈندە ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ كابۇلدىكى مۇساپىرلىق يىللىرىدا تاماملىغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرى، بۈگۈنمۇ تېخىچە ئورنىنى ھېچكىم باسالمىغان شاھانە ئەسەر ۋە مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسىدۇر.
ھىجرەتتىن كېيىن، 1951-يىلى ئەنقەرەگە ئورۇنلاشقان ۋە ئەدنان مېندېرېس ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە 1850 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرنىمۇ تۈركىيەگە يەرلەشتۈرگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ، ئەمدىلىكتە دۇنيا مىقياسىدا يېڭى بىر بۇرچى بار ئىدى: دېھلىدىن قاھىرەگىچە، لاھۇردىن قۇددۇسقىچە، مەككىدىن راۋالپىندىغىچە بولغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى مۇنبەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا دىپلوماتىك ساھەدە ۋەكىللىك قىلىش. بۇ جەريان شۇنچىلىك نەتىجىلىك بولدىكى، بۈگۈنكى كۈندە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى تونۇيدىغان، ئۇنىڭ كۈرىشىگە شاھىت بولغان كىشىلەرنى تېپىش تەس ئەمەس.
64 يىللىق كۈرەشچان ۋە بەرىكەتلىك بىر ئۆمۈر سۈرگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1965-يىلى 14-ئىيۇن كۈنى، ئۆزى سۆيىدىغان ۋە ھەر دەم سېغىنىدىغان ۋەتىنىدىن يىراقلاردا — ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەبەجى ئەسرى قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىسى، بىر ئىسلام ئىنسانىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۈگۈن زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئەسلەپ ئۆتۈشۈمنىڭ سەۋەبى، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى (17-دېكابىر) ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى يىپەك يولى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا؛ فارابى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى، بۇغرا ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، رەقەملىك خاتىرە (Dijital Hafıza) جەمئىيىتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاپاتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دۇر. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھالقالى (Halkalı) مەكتەپ رايونىدىكى ئابدۇللاھ تىۋنىكلى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ بولۇپمۇ دىققەتنى تارتىدىغان ئىككى تەرىپى بار ئىدى: ياش ئاكادېمىكلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ماقالىلەر تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە بولۇپ تۆت خىل تىلدا سۇنۇلدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، تۈركىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدە تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆلەمدىكى بىر پىروگرامما بىلەن خاتىرىلەندى ۋە ئەسلەندى.
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا مەنمۇ تەكلىپ قىلىنغانىدىم، ئەمما شۇ كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا ئۈچ ئايرىم لېكسىيەم بار ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇر دوستلىرىمىز بىلەن ئۆزئارا بىر خىل ئىش تەقسىماتى قىلىۋالدۇق: ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېتتا، مەن مەكتەپلەردە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بىر دەۋانى سۆزلەشتۇق.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «ئىسلام ئىنسانى» مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەزىز روھى شاد، ماقامى جەننەتتە بولسۇن.
ماقالە مەنبەسى: https://www.yenisafak.com/yazarlar/taha-kilinc/bir-islam-insani-4780131