بۈگۈن، 18-دېكابىر «خەلقئارالىق كۆچمەنلەر كۈنى»نىڭ روھىغا ۋە تارىخىي چوڭقۇرلۇقىغا ئۇيغۇر ھالدا، ئەنقەرەدە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق كۆچمەنلىك ئىستراتېگىيەسى ۋە قېرىنداشلىق ھوقۇقىنى بەلگىلەيدىغان تارىخىي بىر باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە «كۆچمەنلىك ۋە دىئاسپورا ۋەقفى»نىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «كۆچمەنلىك، دىياسپورا ۋە دىپلوماتىيە باشلىقلار يىغىنى»غا، شەرقىي تۈركىستان دىياسپوراسىغا ۋاكالەتەن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ھەل قىلىش مۇھاكىمىچىلىرى مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدىم.
يىغىنغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۆرمەتلىك بۈلەنت تۇران ،ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۆرمەتلىك لەمان يېنىگۈن، كۆچمەنلىك ۋە دىياسپورا ۋەقفى رەئىسى ھۆرمەتلىك رەجەپ سەييار ھەمدە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى.
بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇنبەردە، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى «پاناھلانغۇچى» دېگەندەك پاسسىپ سالاھىيەتتىن چىقىرىپ، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق «ئاكتىپ ئوبيېكتى»گە ئايلاندۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ماددىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات دوكلاتىمنى سۇندۇم.
دۆلەتنىڭ ھەل قىلىش كۈنتەرتىپىگە كىرگەن مەزكۇر ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە تەكلىپلىرىمنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1 - ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىقتىكى «ھۆججەت قېينچىلىقى»: قېرىندىشىمىزنى جاللاتنىڭ ئىشىكىگە زورلىماسلىق
مەسىلە ۋە دىياگنوز:
ھازىرقى بىيۇروكراتىك تەرتىپ، ۋەتەنداشلىق ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماسى قىلغان قېرىنداشلىرىمىزدىن خىتاي دائىرىلىرىدىن ئېلىنىدىغان «جىنايى ئىشلار خاتىرىسى»، «تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى» ياكى «نىكاھ ھۆججىتى» قاتارلىق ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلماقتا.
رېئاللىق ۋە خەۋپ:
شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قېرىندىشىمىز ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىغا قەدەم بېسىش، ئەمەلىيەتتە «ئۆزىنىڭ ئۆلۈم بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇش» ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە ئوتقا ئىتتىرىش دېمەكتۇر. خىتاي دۆلىتى بۇ ھۆججەتلەرنى يا جاسۇسلىق قىلىش بەدىلىگە بىر تەھدىت قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە، ياكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاساسسىز «تېررور گۇماندارى» دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ، خەلقئارالىق بىر قاپقانغا چۈشۈرمەكتە.
ھەل قىلىش چارىسى:
ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئۇنىۋېرسال پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولغان «ئىمكانسىز نەرسىنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە دەرھال ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. دۆلىتىمىز ئۆز قېرىندىشىنى جاللاتنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە مەجبۇرلىماستىن، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى پاكىز ئۆتمۈشىنى، جەمئىيەتتىكى ئىناۋەتلىك كىشىلەرنىڭ كاپالىتىنى ۋە ئىشەنچلىك دىئاسپورا ئورگانلىرىنىڭ قانۇنىي گۇۋاھلىقىنى (بىرلەشمە گۇۋاھلىق) لارنى ھۆججەت ئورنىدا قوبۇل قىلىشى، «رەسمىي ھۆججەتتىن كەچۈرۈم قىلىش»نى قانۇنىي سالاھىيەت سۈپىتىدە جىددىي بەلگىلىشى كېرەك.
2 - ئۇيغۇرلارنىڭ توڭلىتىلغان ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسلىرى: ئېنىقسىزلىق ۋە مەيۈسلىككە خاتىمە بېرىش
مەسىلە ۋە دىياگنوز:
تۈركىيەدە 5 يىلدىن 8 يىلغىچە «تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ» ياكى «تولۇقلانمىغان ھجققەت بار» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ئىشكاپتا توپا بېسىپ تۇرغان مىڭلىغان ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسلىرى مەۋجۇت.
رېئاللىق ۋە خەۋپ:
بۇ قانۇنىي ئېنىقسىزلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئېغىر ئاۋارىچىلىققا دۇچار قىلماقتا، ئۇلار نە قانۇنىي ئىگىلىك تىكلىيەلمەي، نە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزەلمەيۋاتماقتا. بۇ ئەھۋال دىياسپورادا دۆلتىمىزگە قارىتا سۈكۈت ئىچىدىكى بىر ئازاب، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك ۋە تەۋەلىك كىرىزىسى ياراتماقتا.
ھەل قىلىش چارىسى:
ھېچقانداق جىنايەتكە چېتىلمىغان، جەمئىيەتكە ماسلىشىش جەريانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توڭلىتىلغان ھۆججەتلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق «ئاق سەھىپە ئېچىش» نى يولغا قويۇش كېرەك. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئىستىسنائىي ۋەتەنداشلىق» بېرىش ھوقۇقى دائىرىسىدە، بۇ ھۆججەتلەر ئۈچۈن تېز سۈرئەتلىك «كوللېكتىپ تەستىقلاش كۈنتەرتىپى» ئېلان قىلىنىشى؛ قېرىنداشلىق ھوقۇقى ئېغىر بىيۇروكراتىك توسالغۇلار ئۈستىدىن مۇتلەق غەلىبە قىلىشى كېرەك.
3 – گ87 چەكلىمە كودلىرى ۋە ساقچىخانىغا ئىمزاغا بېرىش ئاۋارىچىلىقى
مەسىلە ۋە دىياگنوز:
خىتاي مەنبەلىك ئاساسسىز، ئويدۇرما ئۇچۇرلار ياكى سەۋەبى نامەلۇم، دەلىلسىز چىقىشتۇرۇشلار نەتىجىسىدە، بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قويۇلغان گ87 (ئومۇمىي بىخەتەرلىك) كودلىرى؛ كىشىلەرنى ھەر ھەپتە، ھەتتا بەزىدە ھەر كۈنى ساقچىخانىغا بېرىپ ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىماقتا.
رېئاللىق ۋە خەۋپ:
بۇ ناھەق «ئىمزا قويۇش مەجبۇرىيىتى»، بىر ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنىدە ئۇستى ئوچۇق تۈرمىگە قاماش ۋە ئۇنىڭغا «يوشۇرۇن جىنايەتچى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئىشقا بارالمايدىغان، مەكتەپكە بارالمايدىغان، ساياھەت قىلالمايدىغان ۋە ھەر ۋاقىت چېگرادىن قوغلىنىش قورقۇنچى بىلەن ياشايدىغان بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي غۇرۇرى زىيانغا ئۇچرىماقتا.
ھەل قىلىش چارىسى:
ئېنىق بىر سوت قارارى ۋە رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر دەلىل بولمىغان بارلىق G-87 كودلىرى 30 كۈن ئىچىدە ئوچۇق - ئاشكارا، تېز ۋە ئادىل بىر شەكىلدە تەكشۈرۈلۈپ، دەرھال بىكار قىلىنىشى كېرەك. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان «تەرەپسىز، مۇستەقىل كود تەكشۈرۈش ھەيئىتى» تاشقى مەنبەلىك يالغان ئۇچۇرلار پەيدا قىلغان بۇ «بىخەتەرلىك لابرىنتى»نى پارچىلاپ تاشلىشى؛ قېرىنداشلىرىمىز ساقچىخانا ئىشكى ئالدىدىكى بۇ ئېغىر ناھەقچىلىقتىن مەڭگۈلۈك قۇتۇلدۇرۇلۇشى كېرەك.
4 - ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر پورتى ۋە «دىگىتال ئالاقە قالقىنى»
مەسىلە ۋە دىياگنوز:
خىتاي تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈچلۈك «دۆلەت ھالقىغان بېسىم» (تور پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىت) ئىشلەتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا تاراتقۇلاردا «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قوغدىمايۋاتىدۇ ياكى يوشۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنى تۆھمەت ئاستىدا قالدۇرماقتا.
ھەل قىلىش چارىسى:
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا؛ تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللىرىدا كەسپىي تارقىتىشش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر «ئىستراتېگىيەلىك تور ئۇچۇر مۇنبىرى» قۇرۇلۇشى كېرەك. خىتاي مەنبەلىك يالغان خەۋەرلەرگە شۇ ھامان پاكىت ئاساسلىق جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىلىشى كېرەك. تۈركىيەنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى قوغداش ئىرادىسى تور دۇنياسىدا زور بىر «ئالاقە قالقىنى» بىلەن مۇستەھكەملىنىپ دۇنياغا جاكارلىنىشى كېرەك.
5 - تاراتقۇلاردا «سىياسەتتىن ئۈستۈن» بىر تىل ۋە تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى (RTÜK) تەرىپىدىن «تاراتقۇ ئەخلاق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىشى
مەسىلە ۋە دىياگنوز:
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈرك تاراتقۇلىرىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىچكى سىياسەتنىڭ قۇتۇپلاشتۇرغۇچى قورالى ياكى پارتىيەلەر ئارا تالاش-تارتىش ماتاسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئىچكى سىياسەتتىن ئۈستۈن مۇھىم مەزمۇنىدىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا.
ھەل قىلىش چارىسى:
تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى (RTÜK) ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى «مىللىي ئورتاق تونۇش ساھەسى» دەپ بېكىتىدىغان رەسمىي «تاراتقۇ ئەخلاق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر تۈركلىرى تاراتقۇلاردا «چارىسىز پاناھلانغۇچى» بىچارە مەزلۇم سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ تارىخىي شېرىكى، ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ۋە «ئەزىز قېرىندىشى» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇتۇقلىرى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىپ جەمئىيەتتىكى چۈشەنچە قايتىدىن تىكلىنىشى كېرەك.
6 - «ئالاھىدە قېرىنداشلىق قانۇنى» ۋە يۇمشاق كۈچ تەسەۋۋۇرى
مەسىلە ۋە دىياگنوز:
ھازىرقى 6458-نومۇرلۇق قانۇن، مىڭ يىللىق قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەرقانداق باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن «چەتئەللىك» ياكى «ۋاقىتلىق پاناھلانغۇچى» بىلەن ئوخشاش قانۇنىي سالاھىيەتكە (ياكى قانۇنسىز كۆچمەن سالاھىيىتگە) قويۇش ئارقىلىق تارىخىي بىر خاتالىق سادىر قىلماقتا.
ھەل قىلىش چارىسى:
ئاھىسكا تۈركلىرى ۋە قىرىم تۈركلىرىگە بېرىلگەن قانۇنىي سالاھىيەت ۋە قۇلايلىقلارغا ئوخشاش بىر ئىمتىياز، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈنمۇ «ئالاھىدە قېرىنداشلىق قانۇنى» تەكلىپى سۇنۇلۇپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دا رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلۇشى لازىم. ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۆزىنىڭ سودا - سانائەتچىلىرى، دۇنياۋى ئالىملىرى، مۇتەخەسسىلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك «يۇمشاق كۈچى (Soft Power)» ۋە غايەت زور «ئىنسانىي بايلىقى»دۇر. بۇ زور بايلىق بىيۇروكراتىيەنىڭ سوغۇق چاقلىرى ئارىسىدا ئەمەس، دۆلەتنىڭ مېھرىبان ۋە قوغدىغۇچى قانۇنلىرى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەك.
ئاخىرقى چاقىرىق:
يىغىندا ھۆرمەتلىك مۇئاۋىن مىنىستىرلىرىمىزغا ۋە قىممەتلىك دۆلەت ئەربابلىرىمىزغا ئەڭ ئېنىق شەكىلدە يەتكۈزگىنىمىزدەك؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ تارىخىي مىراسىغا ۋە جاھانشۇمۇل تەسەۋۋۇرىغا يارىشىملىق شەكىلدە، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ساقچىخانا ئىشكى ئالدىدا ياكى ئىمكانسىز ھۆججەت ئاۋارىچىلىقى ئىچىدە يالغۇز قويالمايدۇ. بۈگۈن بىز سۇنغان بۇ خىتابنامە، قېرىنداشلىق ھوقۇقىنىڭ بىيۇروكراتىك توسالغۇلارغا ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك يالغان تەشۋىقاتلارغا قارشى قولغا كەلتۈرىدىغان مۇتلەق غەلىبىسىنىڭ يول خەرىتىسىدۇر.
ئاۋازىمىزغا قۇلاق سالغان، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن بارلىق دۆلەت مەسئۇللىرىمىزغا ۋە قىممەتلىك قاتناشقۇچىلارغا چىن يۈرىكىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
«قېرىنداشلىق ھوقۇقى؛ بىيۇروكراتىيەدىنمۇ، يالغان تەشۋىقاتتىنمۇ، زۇلۇمنىڭ قارا قوللىرىدىنمۇ كۈچلۈكتۇر!»
ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن: مىركامىل كاشغەرىي