لوندوندا «مەھبۇس روھلار: خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى تارقىتىش ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى.
لوندون گېزىتى، 2025-يىلى 24-دېكابىر
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، لوندوندىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا «مەھبۇس روھلار: خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرلىرى» (Imprisoned Souls: Poems of Uyghurs in Chinese Prisons) ناملىق كىتابنى تارقىتىش ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ۋە ھايات قىسمىتى جەملەنگەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ۋە تەرجىمە قىلىنغان بۇ كىتابتىن، گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان، نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىياز ۋە ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق 25 نەپەر ئۇيغۇر شائىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى ئورۇن ئالغان.
كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغۇچىلاردىن كىتابنىڭ تۈزگۈچىسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN International) ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ رەئىسى رۇس هولدېر (Ross Holder)، «سۈرگۈندىكى يازغۇچىلار ۋە شائىرلار جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچى دىرېكتورى جېننىفېر لانگېر (Jennifer Langer) ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى دوكتور راچېل خاررىس (Rachel Harris) قاتارلىقلار بار.
جېننىفېر لانگېر سۆزىدە، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بارلىق شائىرلارنىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرى سىستېمىسىدا غايىب بولغانلىقىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتتى. ئۇ بۇ شېئىرلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك، ئازاب، سېغىنىش ۋە مۇھەببەت قاتارلىق چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پىروفېسسور دوكتور راچېل خاررىس ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە خەلقئارادا تەشۋىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاۋسترىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (PEN Austria) دىن ھېرېت شرودېر (Heret Schröder) پەرھات تۇرسۇننى ئاۋسترىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭ بىر رومانىنى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ: «ئۇيغۇر شائىرلىرىنى قاماش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئەسەرلىرىنى چەكلەش — ماھىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر» دەپ تەكىتلىدى.