مەنبە: IndiaTribune | ۋاقتى: 2025-يىلى 25-دېكابىر | يېڭى دېھلى (IANS)
بېيجىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىۋاسىتە نىشانىدىن بىر قەدەر خالىي تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق، «ئەل قائىدە» تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى تەھدىتى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى يېڭى ۋە خەتەرلىك باسقۇچقا كىرگۈزدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ دوكلاتلىرىمۇ رايوندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دەلىللىمەكتە.
يېقىندا «تېلېگرام» (Telegram) سۇپىسىدا تارقالغان ۋە «ئەل قائىدە»نىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كاتتىبېشى ئاتېف ئەل ئەۋلاكىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بىر باياناتتا، خىتايغا نىسبەتەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق تەھدىت ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەزكۇر باياناتتا يەھۇدىيلار ۋە ئامېرىكىلىقلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئالقىشلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى. باياناتتا يەنە، ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرسا، خىتاينىڭ «قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز»دىكى مەنپەئەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىندى.
بۇ مەسىلە بېيجىڭنىڭ ئافغانىستانغا قارىتا سىياسىتىگىمۇ بىۋاسىتە چېتىلىدۇ. تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن خىتايغا قوشنا بولۇشى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئامىل. 2021-يىلى تالىبان ھاكىمىيەتكە قايتقاندىن بۇيان، بېيجىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۈپەيلىدىن ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. ھالبۇكى، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق ۋە ئىدېئولوگىيەلىك زىددىيەتلەر، تالىباننىڭ خىتايغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويماقتا.
بېيجىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر دەرد-ئەلەملىرى ھەل بولماي تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، «ئەل قائىدە» ۋە «دائىش» (IŞİD) قاتارلىق رادىكال ئىسلامىي گۇرۇپپىلار نۆۋەتتىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنى «جىھاد» مەسىلىسىدە بەك يۇمشاق دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى جەڭ مەيدانىدىن كۆرە ھاكىمىيەت راھىتىنى تاللىۋالدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ئەمەلىيەتتە، رايوندا بىر قىسىم شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەردى. ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىگە جايلاشقان ۋاخان كارىدورى خىتاي بىلەن ئافغانىستاننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇستەقىل بىر دۆلەت تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ ئاپتونوم رايون (شەرقىي تۈركىستان) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.
بېيجىڭ ئۆزى ئۈچۈن «بىخەتەرلىك توسۇقى» ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە كابۇلنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا؛ چۈنكى خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر مۇستەقىللىقچىلىرىنىڭ ئافغانىستاندا بازىلىرى بار دەپ قارايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تالىبانغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېيجىڭ تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تامغىلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» (ETIM) نى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.
«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» خىتاينى ئىشغالىيەتچى دەپ قارايدىغان بولۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭ ئارقىلىق ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. 2017-يىلدىن بۇيان، خىتاي «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ پەردازلاۋاتقان لاگېرلاردا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانماقتا.
خىتاي تەرەپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»گە ئوخشاش بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارغا قارشى تېررورلۇققا زەربە بېرىش مانېۋىرلىرى ئارقىلىق قايتۇرما تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، بىراق بۇ ھەرىكەتلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى (OHCHR) نىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتىدا، رايوندا «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان نازارەت ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلانغان.
«ئەل قائىدە»نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ باياناتى ئىستراتېگىيەلىك بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىلگىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى نىشان قىلغان بۇ تەشكىلات، ئەمدىلىكتە دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ قاراتماقتا. ئەسكەرتىش كېرەككى، 2017-يىلى 3-ئايدا، «دائىش»مۇ ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى كۆرسىتىلگەن بىر سىن ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ سىندا خىتايغا قارىتا شىددەتلىك قايتۇرما زەربە بېرىلىدىغانلىقى تەھدىت قىلىنغان بولۇپ، سىندا بىر نەپەر «جاسۇس» دەپ قارالغان كىشىنىڭ ئۇيغۇر جەڭچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«2025-يىللىق يەرشارى بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ تاراتقۇ ھەمراھى بولغان «Defense One» تورىدا، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «مانا ئەمدى، 2025-يىلىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىدا شەك يوق. قابىلىيەتلىك ۋە ئىرادىلىك بولغان دۆلەتسىز قوراللىق كۈچلەر سۈرىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە باشقا جايلاردىكى تۈرلۈك قىزىق نۇقتىلاردا خىتايغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.»
ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «بېيجىڭ بىر مەزگىللەر ئۆزى دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىناتتى، ئەمما ھازىر ۋەزىيەت ئۆزگەردى. خىتاي ‹بىر بەلباغ بىر يول› تەشەببۇسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خىتاي خادىملىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يېيىلغانسېرى، چەت ئەلدە كۈچىيىۋاتقان خىتاي مەۋجۇتلۇقىنى نىشان قىلغان ئادەم تۇتۇپ گۆرۈگە ئېلىش، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىن.»
ئۆتمۈشتىمۇ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى خىتاي تۈرلىرى ۋە بۇ تۈرلەرگە قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرى بۇ خىل ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان ئىدى.
مەنبە:
https://indiatribune.com/public/beijing-in-terror-spotlight-over-oppression-of-uyghur-movement