تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەھىمىسى قوزغىدى

يازغۇچى: SCF 2026-يىلى 6-يانۋار

تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە مەمۇرىي نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر ئەر-خوتۇن ۋە بىر ئايلىق بوۋاق خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ ۋەقە تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

«قارار» خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇيەسسەر ئەلى 24-دېكابىر كۈنى ئەنقەرە ساقچىلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ساقچى ھەرىكىتى جەريانىدا، يولدىشى ئابدۇللاھ پەھىردىن بىلەن بىرلىكتە نازارەتكە ئېلىنغان. ئوخشاش بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە يەنە ئابدۇللاھنىڭ سىڭلىسى مەرزىيە پەخىردىن بىلەن كۈيئوغلى بىلال ئەركىنمۇ تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنى نازارەتكە ئېلىش ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي سەۋەب كۆرسىتىلمىگەن. ئىككى ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭى 11 ياشلىق بولغان جەمئىي تۆت بالىسىمۇ چوڭلار بىلەن بىللە قايتۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر ئائىلىلەر دەسلەپتە غەربىي شىمالىي قىسىمدىكى كىركلارەلى ۋىلايىتىدىكى قايتۇرۇش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كېيىن ئىزمىردىكى باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەلگەن. ئىزمىر ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇلارنىڭ مەمۇرىي نازارەت مۇددىتىنى ئۇزارتقان بولۇپ، ئائىلە ئادۋوكاتى بۇ قارارغا قارشى جىنايى ئىشلار تىنچلىق سوتچىسىغا ئەرز سۇنغان.

تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان چوڭلار تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى بىلەن 11 يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان بولۇپ، بالىلارنىڭ تۆتەيلىنىمۇ تۈركىيەدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلارنىڭ ئۈچى ئىزمىرغا يۆتكىلىش جەريانىدا سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېقىشىغا بېرىلگەن. ئەمما مۇيەسسەر ئەلىنىڭ تېخى بىر ئايلىق بولغان بوۋىقى ئەنەس ئابدۇللاھ يەنىلا ئانىسى بىلەن بىللە قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئائىلىنىڭ ئادۋوكاتى مۇھاجىرلارنىڭ ساقچىغا ئىپادە بەرگەندىن كېيىن كۆپىنچە ئاپتوماتىك ھالدا قايتۇرۇش مەركەزلىرىگە يوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ سوت بۇيرۇقىسىزلا كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ پەقەت %30 ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ پەقەت سوت قارارىدىن كېيىنلا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ ئېيتىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە باشقا تۈرلۈك زۇلۇملارغا دۇچ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى بۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەرىپلىمەكتە. تۈركىيە ئورتاق تىل ۋە مەدەنىيەت رىشتىسى سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇپ كەلگەن ئىدى.

تۈركىيە خەلقى بىلەن ئورتاق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇشتىن سىرت، بىر تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىغا ئىنتايىن يېقىن بىر تىلدا سۆزلىشىدۇ. نۆۋەتتە تەخمىنەن 50,000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا ئايلاندۇرغان. بىراق، 2017-يىلى ئىمزالانغان ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا تېخىچە تەستىقلىنىشنى كۈتۈۋاتقان «تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى»، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىغا يول ئاچىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىنماقتا.