ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت 10-يانۋار كۈنى روياپقا چىققان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنلار ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرگەن. مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان.

پائالىيەت جەريانىدا، مۇراسىمغا بىۋاستە قاتنىشالمىغان مېھمانلارنىڭ تەبرىك مەكتۇپلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئارقىدىن نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت، دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، پائالىيەتچى مۇساجان ئەر ۋە دوكتور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىي قاتارلىقلار سۆزگە چىققان. نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئاكادېمىك ساھە ۋە خەلق ئۈچۈن قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدە خىزمەتلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

مۇراسىمدا دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتتىن ئۆزىنىڭمۇ كېيىنرەك خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەسلىدە بۇنداق تەقدىرلەشكە ئۆزىدىنمۇ بەكرەك لايىق بولغان، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان پىداكارلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە يىغىن ئەھلىگە ۋە خەلققە رەھمىتىنى ئىزھار قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىن باشلانغان ھايات مۇساپىسى ۋە دەۋا يولىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەن.

مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسەتكەن نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭغا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تونى كىيدۈرۈلگەن.

612956653_1710190560402227_5068821183107638820_n

612209473_1710190640402219_4173731660866551143_n