تۈركىستان تايمىز، 2026-يىلى 15-يانۋار، ئىستانبۇل: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) 2026-يىلى 13-يانۋار ئېلان قىلغان جىددىي ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ناھەق جازالانغان ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋايىتنىڭ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىنى تولدۇرۇپ، ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى دەلىللىدى.
قاماق مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كامىلە ۋايىت 2025-يىلى 28-دېكابىر كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ھازىر ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۈرمە شارائىتى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مەزگىل كېچىكتۈرۈلگەن كۆز ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
تۇتۇلۇش جەريانى ۋە «ئاق قەغەز ھەرىكىتى»
كامىلە ۋايىت خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى شاڭچيۇ تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، 2022-يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا 2022-يىلى نويابىردا خىتاي مىقياسىدا يۈز بەرگەن، «A4 نامايىشى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە ئائىت بىر سىننى ئۈندىدار (WeChat) چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلىگەنلىكى سەۋەب بولغان.
2023-يىلى 25-مارتتا، خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۇنى «ئاشقۇنلۇقنى تەشۋىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر كامىلەنىڭ پەقەت تىنچ شەكىلدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازالىنىشىنى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
ئارقا كۆرۈنۈش: ئۈرۈمچى پاجىئەسى ۋە بېسىم
2022-يىلى 24-نويابىر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئولتۇراق بىنا ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ «نۆل كوۋىد» سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقنىڭ پارتلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى. كامىلە ۋايىت مەشھۇر «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» سەۋەبلىك جازالانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.
خ
ەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كامىلە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تەشكىلات يەنە، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى يەنە بىر بار تەكىتلىدى.