خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتى: دۆلەت خاراكتېرلىك سىستېمىلىق زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتى: شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى ۋە جىنايەتنىڭ كۆلىمى

تۈركىستان تايمز، 22-يانۋار، ئىستانبۇل: تەتقىقاتچى خەن ۋۇ (Hanh Vu) تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى (Human Rights Research Center) تەرىپىدىن 2026-يىلى 21-يانۋار ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىك: قىيىن-قىستاق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلانغان «دۆلەت جىنايىتى» ئىكەنلىكى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە ئالاھىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىنى تۈپتىن يوقىتىش مەقسىتىدە، دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا ماسلاشقان ۋە سىستېمىلىق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.

ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بېسىم سىياسىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ مىسلىسىز دەرىجىدە كەسكىنلەشكەن. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى «يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى» دەپ قاراپ، «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قاتتىق قول تەدبىرلەر پەقەتلا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ رايوننى تامامەن كونترول قىلىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەركەزگە بېقىندى قىلىش نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان.

ماقالىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى شۇكى، بۇ زۇلۇملار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى بولماستىن، بەلكى بىۋاسىتە بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئاپتور خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىكى رايون زىيارىتىدە بەرگەن «مۇتلەق رەھىم قىلماسلىق» ھەققىدىكى يوليورۇقىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەتنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بولۇپمۇ 2016-يىلى تىبەتتىكى باستۇرۇش تېخنىكىلىرى بىلەن تونۇلغان چېن چۈەنگونىڭ رايونغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كېلىشى بىلەن، «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى رەسمىي تۈزۈملەشتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى (Uyghur Tribunal) نىڭ باھالىشىچە، 2018-يىلىغا كەلگەندە بۇ سىياسەتلەر «نەسلىنى ئۈزۈش، يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئالاقىسىنى ئۈزۈش» دېگەن ۋەھشىي بۇيرۇقلار بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان. يۈز مىڭلىغان قوراللىق خادىم ۋە يۈزلىگەن يېڭى قاماقخانا قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ غايەت زور سىستېمىنىڭ يۇقىرى قاتلامنىڭ تەستىقىسىز ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، سوت كوللېگىيەسى بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر جاۋابكارلىقىنى شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈەنگو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى رايوندىكى قىيىن-قىستاقلارنىڭ سىستېمىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىغان. گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۇتقۇنلار 22 كىۋادرات مېتىرلىق تار كامېرلاردا 50 ئادەم بىلەن بىللە ياشاشقا مەجبۇرلانغان، ئادەمگەرچىلىكتىن بەرقەتە شارائىتلاردا، ھەتتا ھاجەتخانا ئۈچۈن ئوچۇق چېلەكلەر ئىشلىتىلگەن.

لاگېرلاردا تىرناق سۇغۇرۇش، قاتتىق تاياق، «يولۋاس ئورۇندۇق»قا كۈنلەپ باغلاپ قويۇش ۋە توك بىلەن زەربە بېرىش قاتارلىق دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلار تۇتقۇنلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ۋەيران قىلغان. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، ئاياللار ۋە ئەر تۇتقۇنلارغا قارىتا سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىق، كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي ئەزالارغا توك كالتەك ئىشلىتىش قاتارلىق ئىنسانىيەت نومۇس قىلىدىغان قىلمىشلار يۈز بەرگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەدبىرلىرىنى قوللانغان. 2017-يىلدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنىغا مەجبۇرىي ھالدا بالىياتقۇغا ئۈسكۈنە (IUD) سېلىنغان، تۇغماس قىلىۋېتىلگەن ۋە ھەتتا ھامىلىسى چوڭىيىپ قالغان ئاياللارمۇ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە زورلانغان.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى 2018-يىلىغا كەلگەندە شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، ھەر مىڭ ئادەمگە 25.41 دىن 7.41 گە چۈشۈپ قالغان. بۇ تىراگېدىيەلىك پاكىتلارغا ئاساسەن، سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى نىشانلىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 16,000 مەسچىتنى (ئومۇمىي مەسچىت سانىنىڭ 65 پىرسەنتى) ۋەيران قىلغان ياكى باشقا مەقسەتلەرگە ئۆزگەرتكەن. ناماز ئوقۇش، ساقال قويۇش ۋە روزا تۇتۇش قاتارلىق نورمال دىنىي ئادەتلەر «ئاشقۇنلۇق» دەپ قارىلىپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 880 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، خىتايچە ياتاقلىق مەكتەپلەردە مىللىي كىملىكىدىن ياتلاشتۇرۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، «تۇغقانلىشىش» نامىدىكى سىياسەت ئارقىلىق مىليونلىغان خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ خادىملار ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنى نازارەت قىلغان، ھەتتا ئەرلىرى لاگېردا ياكى تۈرمىدە بولغان ئاياللار بىلەن بىر ئۆيدە قېلىش ئارقىلىق جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خەن ۋۇ مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ: گەرچە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش ۋە جازالاش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ توپلىغان رەت قىلغىلى بولمايدىغان دەلىل-ئىسپاتلىرى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تارىخ بېتىگە يېزىشقا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ تارىخىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان 9-دېكابىرنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان.

بۇ دوكلات، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا، بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ۋەھشىيلەرچە «دۆلەت جىنايىتى» ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلىپ بەردى.