بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2026-يىلى 23-يانۋار، ئۇيغۇر خەۋەر
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى 2026-يىلى 22-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلاردىن جىددىي ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋالنىڭ دۆلەتنىڭ «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلەتنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ئاسانلاشتۇرۇلماقتا. بۇ پىروگراممىلار ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى خىزمەتلەرگە مەجبۇرلىماقتا. بۇ كىشىلەر ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، نازارەت قىلىش ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىشقا دۇچار بولماقتا؛ جازالىنىش ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش قورقۇنچىسى سەۋەبىدىن خىزمەتنى رەت قىلىش ياكى ئالماشتۇرۇش تاللىشى يوق. شەرقىي تۈركىستاندىن 2021-2025-يىللىق پىلاندىلا 13.75 مىليون ئەمگەك كۈچى يۆتكەش نىشانلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىي سانلارنىڭ بۇ مىقداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تىبەتلەرمۇ «تەربىيەلەش ۋە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ھەرىكەت پىلانى»غا ئوخشاش پىروگراممىلار بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. بۇ پىلانلار «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى»نى تەربىيەلەش ۋە يۆتكەش ئۈچۈن ھەربىيچە كەسپىي تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسەتمەكتە. 2024-يىلى تەخمىنەن 650 مىڭ تىبەتلىكنىڭ بۇ يۆتكەشلەردىن تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، تىبەتلەر «دېھقانلارنى كۆچۈرۈش» پىروگراممىسى ئارقىلىق يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلماقتا؛ بۇ پىروگرامما تەكرارلانغان ئۆي زىيارەتلىرى، جازالاش تەھدىتلىرى ۋە ئاساسلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۈزۈپ قويۇشقا ئوخشاش بېسىم خاراكتېرلىك ئۇسۇللار بىلەن «رازىلىق» ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەمگەك كۈچى ۋە يەر-زېمىن يۆتكەشلىرىنىڭ، ئۇيغۇر، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى نامراتلىق باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي قايتا شەكىللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ پىروگراممىلار دېھقانچىلىققا تايىنىدىغان ياكى كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىنى، شەخسلەرنى مائاشلىق ئىشلەمچىلىككە مەجبۇر قىلىدىغان يەرلەرگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتمەكتە. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ تىلى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي پائالىيەتلىرى زىيانغا ئۇچراپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان يوقىتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئۈچىنچى ئەللەردىكى شىركەتلەر ئارقىلىق يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىپ كېتىشىدىنمۇ چوڭقۇر ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋال نىشانلىق سودا چەكلىمىلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى تەكشۈرۈش مېخانىزملىرىنىڭ ئۈنۈمى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كارخانىلارنى، ب د ت نىڭ سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرى يېتەكچى پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خەتەرلەرنى نەزەردە تۇتۇشقا چاقىردى. شىركەتلەرنىڭ ئۆز مەشغۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن مۇتەخەسسىسلەر، مۇستەقىل ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزملىرىنىڭ خىتايغا ئەركىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى ھەققىدىكى چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.