ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 29 يىللىقىدا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى

1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىدە، قورالسىز ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى تىنچ ئۇسۇلدا كوچىلارغا چىقتى. كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرگە ۋە «مەشرەپ»كە ئوخشاش ئىجتىمائىي يىغىلىشلارنىڭ چەكلىنىشىگە خاتىمە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرى بىلەن باشلانغان بۇ ئاممىۋى ھەرىكەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەپتىلەردە مىڭلىغان كىشىنى تۇتقۇن قىلدى. يۈزلىگەن كىشى قىيناققا ئۇچرىدى، ئادىل بولمىغان سوتلاردا جازالاندى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

ئارىدىن 29 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا سادىر قىلغان، تېخىچە ھېساباتى قىلىنمىغان دۆلەت زوراۋانلىقى پاجىئەسى سۈپىتىدە تۇرماقتا. 1997-يىلى 5-فېۋرالدىكى قىرغىنچىلىق — خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنچە ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماش، تۈرمىلەرگە تاشلاش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەتنى يوقىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.

باستۇرۇشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجىدىكى زوراۋانلىقلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلمىدى، شۇنداقلا ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئاقىۋەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاشكارىلانمىدى ياكى تۆلەم تۆلەنمىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى بۇ جىنايەتلەرگە تاقابىل تۇرالمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئادىتىنى ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى تېخىمۇ ئەدەپ كەتكۈزدى.

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئەسلىمە پائالىيىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ھوشيارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا قايتىش جىنايەتچىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلجا قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىدىغان دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇشى ئىدى، ئەمما بۇ مەسىلە ھېچقاچان مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىدى. بۇ 29 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، مەن خەلقئارا جەمئىيەتتىن داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى سورايمەن. بۇ ھوشيارلىق نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئىزدەۋاتقان جاۋابكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان جازالارنى يۈرگۈزۈش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە قارشى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇش قوراللىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار.»