گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پائالىيەتچى خىتاي خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى

2026-يىلى 14-فېۋرال، گوللاندىيەنىڭ دەنھاق (The Hague) شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى تىنچ شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى، بىر تۈركۈم خىتاي خادىملىرىنىڭ جىسمانىي ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ۋەقە دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئاكتىپ ئابدۇرېھىم غېنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىش ئۈچۈن پائالىيەت زالىغا كىرگەن. ئۇ قولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىنغان پىلاكاتلار بىلەن تىنچ شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ۋاقتىدا، بىر تۈركۈم خىتاي خادىملىرىنىڭ ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى، ئەخمەتجان راخمان ۋە جەسۇر ھەبىبۇللا قاتارلىق ئۈچ كىشى خىتاي يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇرمىلىنىشىغا ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق، نەق مەيداندىكى قاتتىق قامال ۋە توسقۇنلۇقلار سەۋەبلىك، پىلانلانغان كۆپ كىشىلىك نامايىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئابدۇرېھىم غېنى پۇرسەت تېپىپ زال ئىچىدە يالغۇز پىلاكات ئېچىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

ۋەقە جەريانىدا، ئابدۇرېھىم غېنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ شۇئار توۋلىغان ھامان، بىر تۈركۈم خىتاي خادىملىرىنىڭ ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بەش-ئالتە خىتاي خادىمى پائالىيەتچىنى قورشاۋغا ئېلىپ، بوينىنى قايرىپ يەرگە باستۇرغان ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورلىغان. ھۇجۇمچىلار پائالىيەتچىنىڭ شەخسىي مۈلكى بولغان پىلاكاتنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ، ئۇنى جازا لاگېرى ۋە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلغان. ئارقىدىن بىخەتەرلىك خادىملىرى پائالىيەتچىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىۋاتقاندا، خىتاي خادىملىرى يەنە بىر قېتىم پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قايرىپ زەخمىلەندۈرگەن.

ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى «چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش»

بۇ ۋەقە ياۋروپانىڭ مەركىزىدە، ئەركىنلىك ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەتتە خىتاي خادىملىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە زوراۋانلىق قىلىشى سۈپىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئابدۇرېھىم غېنى ۋەقەدىن كېيىن دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە رەسمىي ئەرز سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە، بۇ خىل ھۇجۇملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئابدۇرېھىم غېنى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ۋەقە ئۈستىدىن ساقچىغا ئەرز قىلدىم ۋە بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىمنى قوغدايمەن. خىتاي زۇلۇمى پەقەت ۋەتىنىمىزدە ئەمەس، ھەتتا ياۋروپانىڭ مەركىزىدىمۇ بىزنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا!» 

گوللاندىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خادىملىرىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدەك رەسمىي سورۇنلاردا بىر پۇقراغا جىسمانىي ھۇجۇم قىلىشى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدىكى سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى سوئال ئاستىغا قويدى. ئابدۇرېھىم غېنى باياناتىدا: «خىتاي زۇلۇمى پەقەت ۋەتىنىمىزدە ئەمەس، ھەتتا ياۋروپانىڭ مەركىزىدىمۇ بىزنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، ئەمما بىز قانۇنىي يوللار بىلەن ھوقۇقىمىزنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ تەكىتلىدى.

ھازىر گوللاندىيە ساقچى تەرەپ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ۋە كامېرا كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانداق قانۇنىي تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى جەھەتتىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.