تۈركىستان تايمىز: 2026-يىلى 1-مارت كۈنى، ئالجىرىيەنىڭ دۆلەتلىك گېزىتى بولغان «ئەلمۇجاھىد» (El Moudjahid) تا ئامەل زەمۇرى (Amel Zemouri، تەخەللۇسى: A.Z) ئىسىملىك ئاتالمىش بىر ژۇرنالىستنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە «ھېيتگاھ جامەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي مەركىزى ۋە خىتايدىكى ئىسلامنىڭ سىمۋولى» دېگەن ياڭراق ماۋزۇدا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى تارىخىي ھېيتگاھ جامەسى گويا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەركىن-ئازادە ئىبادەت قىلىدىغان، قۇرئان ئۆگىنىدىغان ۋە كوللېكتىپ ئىپتار قىلىدىغان خۇشاللىق ماكانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بىز شۇنى كەسكىن قىلىپ ئېيتىمىزكى، بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچۇرلارنىڭ قىلچىلىك ئاساسى يوق بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي قىپقىزىل يالغانچىلىق ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن توقۇلغان رەزىل ئۇيدۇرمىدۇر. بۇ ئاتالمىش ژۇرنالىست ئوتتۇرىغا قويغان يالغان سۆزلەر شۇ دەرىجىدە چەكتىن ئاشقانكى، ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىمۇ خەلقئارانىڭ كۆزىگە بىلىپ تۇرۇپ كىرىۋېلىشتىن تارتىنىپ، بۇنداق ئوچۇق يالغانلارنى ئېيتىشقا جاسارەت قىلالمايدۇ.
ماقالىدە ئاپتور كۆزىنى يۇمۇۋېلىپلا: «ھەر يىلى بۇ يەر روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە رامىزان ئايلىرىدا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ، جامائەت ئىپتار ۋە تاراۋىھ نامىزى ئۈچۈن جەم بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان. ھالبۇكى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن. ھېيتگاھ جامەسىدە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش، كوللېكتىپ ئىپتار قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ كىرىپ بەش ۋاقىت نامىزىنى ئادا قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھېيتگاھ جامەسى ئىبادەتگاھ ئەمەس، بەلكى كىرىش ئېغىزى يۈز تونۇش كامېرالىرى بىلەن قاپلانغان، ساياھەتچىلەرگە بېلەت سېتىپ پۇل تېپىۋاتقان بىر مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر ھەرقانداق بىر يەرلىك ئۇيغۇر ئۇ يەرگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىرسە، بىۋاسىتە «دىنىي ئەسەبىي» دېگەن قالپاق بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدۇ.
تېخىمۇ كۈلكىلىك ۋە ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغىنى شۇكى، ماقالىدە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ «قۇرئان، ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئىنساننىڭ ئەقلىنى ھاقارەتلەيدىغان بىر يالغانچىلىق. خىتاينىڭ ئۆزى تۈزىگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى»دىمۇ 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى رەسمىي قانۇن بىلەن چەكلەنگەن. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار پەقەتلا ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغانلىقى، پەرزەنتلىرىگە ئىسلامىي ئىسىم قويغانلىقى ياكى ئۆز ئالدىغا قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈنلا لاگېرلاردا تەن جازاسى تارتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، قەشقەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر جامەدە ياشلارغا ئاشكارا قۇرئان ئۆگىتىلىۋاتىدۇ دېيىش — بېيجىڭنىڭ ئۆزىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايدىغان دەرىجىدىكى تەلۋىلەرچە ئۇيدۇرمىدۇر.
ژۇرنالىست ئامەل زەمۇرى بۇ مەسچىتنى «خىتايدىكى ئىسلامنىڭ جانلىق سىمۋولى» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانلىق رېئاللىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. مۇستەقىل سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىپ تاشلانغان ياكى ھاجەتخانا، قاۋاقخانا، چوشقا فېرمىلىرىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. ھېيتگاھنىڭ خىتاي تەرىپىدىن چېقىلمي قېلىشى ئۇنىڭ «ئىسلامنىڭ سىمۋولى» بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە چەتئەللىك دىپلوماتلارنى ئالداش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان ساختا تەييارلانغان سەھنە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بۇ ئاتالمىش ژۇرنالىست ئۆزىنىڭ قەلىمىنى بىر پۈتۈن مىللەتنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قورال قىلغان. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ قان-ياشلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق يالغانچىلىقلارنى تارقىتىش — پەقەتلا ژۇرنالىستىكا ئەخلاقىدىن مەھرۇم قالغانلىق ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا قىلىنغان كەچۈرۈلگۈسىز خىيانەتتۇر.