خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي يالقۇن روزى دىكتاتور تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە خەلقئارالىق مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەندى

قاماقتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزى «گراسىئېلا فېرناندېز مېيجىدې كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

 تۈركىستان تايمىز، 2026-يىلى 27-فېۋرال / ئىستانبۇل: لاتىن ئامېرىكا ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات مەركىزى (CADAL)  2026-يىللىق «گراسىئېلا فېرناندېز مېيجىدې كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇكاپاتى»(Graciela Fernández Meijide Human Rights Award) نىڭ ساھىبلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يىل تۇنجى قېتىم يەرشارىۋى مىقياستا تارقىتىلغان مەزكۇر مۇكاپاتقا، نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدەبىي ئوبزورچىسى، يازغۇچى ۋە مائارىپچى يالقۇن روزى لايىق كۆرۈلدى.

باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىدىن باشقا يەنە، ئېكۋادور گۋىنېيەسىدىن ئاناكلېتو مىچا ندۇڭ ۋە شىمالىي كورېيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جەنۇبىي كورېيەلىك مىسسىيونېرلار كىم جۇڭۋۇك، چوي چۇنگىل ۋە كىم كۇككىي قاتارلىقلارنىمۇ بۇ مۇكاپات بىلەن تەقدىرلىدى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «مۇستەبىتلىكنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلاندى.

مۇكاپات ۋە باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھاسى

ئىنىس پۇسادېلا، ئېدۋاردو ئۇلىباررى، ۋېسېنتې پالېرمو ۋە رۇبېن شابابودىن تەركىب تاپقان نوپۇزلۇق باھالاش ھەيئىتى، ئىلگىرى پەقەت لاتىن ئامېرىكا رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەن بۇ مۇكاپاتنىڭ، 2026-يىلدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا مۇستەبىت ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قەھرىمانلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەيئەت ئەزالىرى ئېكۋادور گۋىنېيەسى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نامزاتلارنى باھالاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى يولىدا كۆرسەتكەن تىنچلىقپەرۋەر جاسارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنى مۇكاپاتلاش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«يالقۇن روزى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە نەشرىياتچى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى، پۈتۈن ھاياتىنى رەسمىي مائارىپ سىستېمىسى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ تىنچلىق يولىدىكى بۇ ئەقلىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىنايەت دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە جازالاندى».

مۇكاپات باھالاش كومىتېتى يەنە يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سىستېمىلىق تەقىب قىلىنىشىنىڭ تىپىك مىسالى» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا، 2017-يىلدىن بۇيان 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيناش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر زىيالىسى يالقۇن روزى

تالانتلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە شائىر يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» دە خىزمەت قىلغان. 2005-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇ «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتېلى ئەپەندى» (مىرزا سېيىت بىلەن بىللە)، «ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى» ۋە «لاي قەلئەنىڭ سىرى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنى ئويغىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. زامانداشلىرى ئۇنى «مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ، ئۆرنەك يارىتىپ بايراق تىكلىگەن» زىيالىي دەپ تەرىپلەيدۇ.

مەرھۇم ئالماس ھاجى ئۆزىنىڭ خاتىرىلىرىدە يالقۇن روزىنى: «مىللەتنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش ۋە تەربىيەلەش يولىدا مۇستەملىكە مائارىپىغا، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىغ كۆتۈرگەن قورقماس جەڭچى» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. يالقۇن روزى تۈزىگەن ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى مىللىي روھقا تويۇنغانلىقى ۋە مىللىي كىملىكنى نامايان قىلغانلىقى بىلەن ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان.

تۇتقۇن ۋە ناھەق ھۆكۈم

خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندا، يالقۇن روزى بۇ ھەرىكەتنىڭ تۇنجى نىشانلىرىدىن بىرى بولدى. ئۇ 2016-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن دەرسلىكلىرى تۇيۇقسىز «ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىسى بار» ۋە «بۆلگۈنچىلىككە تەشۋىق قىلىدىغان» ماتېرىياللار دەپ قارىلىنىپ، يالقۇن روزى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. 2018-يىلى 3-يانۋاردا ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى تارقاتقان بىر تەشۋىقات فىلىمىدە يالقۇن روزىنى «زەھەرلىك دەرسلىك» تۈزگۈچى دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ «ئومۇرتقىسىنى سۇندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىنكاسى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يالقۇن روزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ باياناتىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ گەرچە خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيەسى ئۇيغۇر تارىخىنى قايتىدىن يېزىشقا ۋە زىيالىيلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر روھىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن باشقا شەخسلەر ئىچىدە، ئېكۋادور گۋىنېيەسىدىكى دىكتاتور تېئودورو ئوبىياڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى پىكىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى ئاناكلېتو مىچا ندۇڭ، شۇنداقلا خىتايدىكى شىمالىي كورېيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان جەنۇبىي كورېيەلىك مىسسىيونېرلار بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا شىمالىي كورېيەلىك مۇساپىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىشىمۇ مۇكاپات باھالاش دوكلاتىدا قاتتىق تەنقىدلەندى.

يالقۇن روزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق خەلقئارالىق شەرەپكە ئېرىشىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك يولىدىكى كۈرىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.