گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شەرەپ مېھمىنى بولدى

تۈركىستان ۋاقىت تورى، 2026-يىلى 5-مارت

ۋاشىنگتون — ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مايك جونسون (Mike Johnson) نىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، خىتاي تۈرمىسىدىكى دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات 2026-يىللىق «دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش» (SOTU) يىغىنىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشتى. بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئىزچىللىقىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

زىبا مۇرات 25-فېۋرال ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن ئاۋام پالاتاسىدا يۈرىكىم ئېغىر، ئەمما ئىرادەم مۇستەھكام ھالدا تۇردۇم. مېنى تەكلىپ قىلغان ۋە ئانام دوكتور گۈلشەن ئابباس شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە دىققەت تارتقان ئاۋام پالاتا رەئىسى مايك جونسونغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

دوكتور گۈلشەن ئابباس 2018-يىلىدىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ، يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى زىنداندا ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەق-ئادالەت ئۈچۈن قىلغان كۈرىشى توختاپ قالمىدى. زىبا مۇرات يىغىن زالىدىن تۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئانىسىنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. زىبا مۇراتنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى زالدا ئورۇن ئېلىشى، پەقەت بىر شەخسىي مېھماندارچىلىق ئەمەس، بەلكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن خىتايغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك پوزىتسىيەنىڭ بىر داۋامى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.

سودا مەنپەئەتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقى

زىبا مۇراتنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى، پرېزىدېنت ترامپنىڭ كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ئالدىدىكى مۇھىم بىر سىگنالدۇر. نۆۋەتتە ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە سودا ۋە تاموژنا بېجى مەسىلىلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋام پالاتاسى باشلىقى جونسوننىڭ زىبا مۇراتنى تەكلىپ قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۇرغۇن كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە سىياسىيونلار ترامپتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە گۈلشەن ئابباس باشلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى شەرت قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى بۈگۈنلا باشلانغان ئەمەس. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، 2022-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) يولغا قويۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنغان. بۇ قانۇن ۋە قارارلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت بىر ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قانۇنى ۋە خەلقئارا سودا ئەخلاقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

زىبا مۇرات يىغىندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئائىلىلەرنى جەم قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. بولۇپمۇ ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، دوكتور گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئۈستەلگە قويۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە. چۈنكى، 2021-يىللىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارى ۋە 2022-يىللىق «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» نىڭ تۈپ روھى، زۇلۇم قىلغۇچى بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك سودا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا سىياسىتىدە ئىككى پارتىيە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئۈنۈم بېرىشى يەنىلا دىپلوماتىك مەنپەئەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق. زىبا مۇراتنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى زىيارىتى، خىتاي بىلەن بولىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشتىكى بىر سىگنالدۇر. شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق سودا ۋە دىپلوماتىيەدە نورماللىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشى ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى شەرت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويدى.