ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئۇرۇشى: خىتايغا خىرىسمۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىنى ياقتى. ئىران دىنىي رەھبىرى خامانېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بومباردىماندا ئۆلدى. بۇنىڭغا قارشى، ئىران ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە جايلاشقان بازىلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى. قىسقا ۋاقت ئىچىدە، پارس قولتۇقىدىكى كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، بەھرەين ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ قىسقا ۋاقت ئىچىدە ئىراندا ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئۇزىراپ رايونلۇق بىر توقۇنۇشقا ئايلىنىش خەۋپىمۇ يوق ئەمەس. بۇ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېىرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىشى خىتاي ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇق يارىتىدۇ. 

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت تارازىسى

ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئېنېرگىيە مەنپەئەتىگە تۇتىشىدۇ. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا ئىنتايىن موھتاج. خىتاي كۈندىلىك نېفىت ئېھتىياجىنىڭ زور بىر قىسمىنى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن تەمىنلەيدۇ. خىتاي ئىران بىلەن 25 يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىران نېفىتىنى ئارزان باھادا سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنى تىرەپ تۇرماقتا.

بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلا پرېزىدېنتى مادۇرونى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى، ماھىيەتتە خىتاينىڭ "ئېنېرگىيە تومۇرى"نى كېسىش ئىستراتېگىيەسىدۇر. خىتاي يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسى ئاستىدىكى ۋېنېسۇئېلا ۋە ئىران بىلەن يوشۇرۇن سودا قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېفىت ئېھتىياجىنى ئەرزان باھادا تەمىنلەپ كەلگەن.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ۋېنېسۇئېلادىن كۈنىگە 500 مىڭ تۇڭدىن ئارتۇق، ئىراندا بولسا 1.5 مىليون تۇڭغا يېقىن نېفىتنى ئېمبارگولارنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئارقىلىق سېتىۋالاتتى. مادۇرونىڭ تەختتىن چۈشۈشى ۋە ئىراننىڭ بومباردىمان قىلىنىشى خىتاي ئۈچۈن قوش زەربە بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىلغۇ مەنبەسىنى ئېغىر خىرىسقا دۇچار قىلىدۇ.

ئەگەر ئىران بىلەن ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىسا ۋە پارس قولتۇقىدىكى توشۇش يوللىرى (مەسىلەن، ھورمۇز بوغۇزى) توسۇلۇپ قالسا، خىتاي ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. لېكىن، خىتاي بۇ خەتەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئارقا سەپتە ئىراننى رادار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلىشىدىكى مەقسەت — ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرققە باغلاپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىشتۇر. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئازراق ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقى «ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى پارچىلاش» تەك چوڭ پىلان ئالدىدا ئەرزىمەس بىر بەدەل بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن.

ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇش پاتقىقى: ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى ئوبرازى ۋە خىتاينىڭ پۇرسەتچىلىكى

نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان بومباردىمانلىرى ۋە يوشۇرۇن توقۇنۇشلىرى، ئامېرىكىنى ئون يىللار ئىلگىرىكى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئوخشاش يېڭى بىر «ئۇرۇش پاتقىقى»غا سۆرەپ كىرىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا. ئەگەر ئامېرىكا بۇ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك، يۇقىرى تەننەرخلىق بىر توقۇنۇشقا پېتىپ قالسا، بۇ پەقەت ئىقتىسادىي زىيان بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى "دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى" دېگەن ئوبرازىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ. بولۇپمۇ غەززە ۋە ئىران مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن سۈر بېسىشىغا ۋە ئىشەنچىسىزلىك ھېس قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

بۇ خىل ۋەزىيەت خىتاي ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. خىتاي ئۆزىنى «تەرەپسىز مۇرەسسەچى» ۋە «تىنچلىقپەرۋەر كۈچ» سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا بوشاتقان سىياسىي بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسىدىن تويۇپ، خىتايغا ئۈمىد باغلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر يۈزلىنىشتۇر. چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر زوراۋان كۈچ تۇرۇقلۇق، ئوتتۇرا شەرقتە «قۇتقۇزغۇچى» قىياپىتىگە كىرىۋالماقتا. ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيىتى خىتاينىڭ خەلقئارالىق سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەۋالىرىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋە ئىرانغا قاراتقان كەسكىن زەربىسى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر زەربە بەردى، ئەمما بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى خىتايغا سىياسىي بوشلۇق يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن نارازى بولۇپ خىتايغا يۈزلىنىشى، خىتاينىڭ ئۆز زېمىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلمىنى خەلقئارانىڭ نەزىرىدىن يوشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلار ۋە پۈتۈن رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر گېئوپولىتىكىلىق ئويۇندۇر.