ترامپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى بىر چەتكە قايرىپ قويدىمۇ؟

تۈركىستان ۋاقت تورى، 16- مارت 2026 – ئىستانبۇل: «The Wire China» تور بېتىدە ئېللا ئاپوستوئاي (Ella Apostoaie) تەرىپىدىن 2026-يىلى 15-مارت ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ماللارنىڭ كىرىشىنى توسۇش تىرىشچانلىقى ئاشكارا سۇسلاشقان. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزىدىن كېيىنكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان رايونىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە قوشۇشى ئۈچۈن زور بىر تىزىملىكنى مىراس قالدۇرغان ئىدى.

ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت مەسلىھەتچىسى لاۋرا مۇرفى تېكىستتە، ئۆزلىرىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن پىشقان ۋە كۈچلۈك بىر تىزىملىك قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مۇرفىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا يۈزلىگەن شىركەتنىڭ بۇ تىزىملىككە قوشۇلماسلىقىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي سەۋەبى يوق. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2021-يىلى ئىككى پارتىيەنىڭ تولۇق قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئاستىدا، ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بىرەر يېڭى شىركەتنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزمىگەن. بۇ ئەھۋال مەزكۇر قانۇن 2022-يىلى ئىيۇندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن سۈكۈت قىلىش مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن.

ئېلان قىلىنغان رەسمىي ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان ئاران 178 مىليون دوللارلىق مالنى تۇتۇپ قالغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ رەقەم 2024-يىلىدىكى 1.4 مىليارد دوللارلىق قىممەت بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، 87 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مال تەكشۈرۈش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. CBP ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدىن ئاۋغۇستقىچە ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 224 يۈك توختاتقان بولسا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەش ئايدا توختىتىلغان يۈك سانى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئاۋام پالاتاسىدىكى 13 نەپەر دېموكراتچى ئەزا ئۆتكەن يىلى دېكابىردا بۇ سۇسلىشىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئالاقىدار ئورگانلارغا نارازىلىق خېتى يازغان.

ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، CBPنىڭ يانۋار ئېيىدا دوكلات بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كونا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ساھەدىكى تەكشۈرۈشنى قانچىلىك دەرىجىدە سۇسلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلارنى تۇغدۇرغان. بايدىن دەۋرىدە خەلقئارا ئەمگەك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل بولغان تېئا لى تېكىستتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى مۇھىم بىر قورالنى ئىشلەتمەي، تۈرلۈك دۆلەتلەرگە نىشانسىز تاموژنا بېجى قويۇش ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنى «نومۇس قىلارلىق ئىش» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى نىشانلاشقا تۈرتكە بولغان ئىدى. سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن سەل ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى. تېكىستتە يەنە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننى ساياھەت مەركىزى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى پېتىر ئىرۋىن ماقالىدە، خىتاينىڭ ساياھەتنى قورال قىلىپ، «ھەممە ئىش جايىدا، قانداقمۇ يامانلىق بولسۇن؟» دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ رايون ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مۇستەقىل تەكشۈرۈشنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئىزچىل قىيىن بولۇپ كەلگەن. لېكىن ترامپ ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، CBP ئەمەلدارلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئازىيىپ كەتكەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن تېكىستتە، CBP ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى چېگرا خادىملىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈشتىن توختىتىپ، پىرېزىدېنتنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىگە خىزمەت قىلدۇرماقتا.

ماقالىدە يەنە باشقىچە بىر قاراشمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈلگەن يۈك سانىنىڭ ئازىيىشىنى شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر قانۇنغا ماسلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا كىرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل تېكىستتە، قۇللار ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن «ئۆزئارا باراۋەرلىك» ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىقنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سودا سىياسەتلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق سۈنئىي ئەرزان مال ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بازار باھاسىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت پۇرسىتىنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى شۇكى، پىرېزىدېنت بىر تەرەپتىن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەكلەرنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىش چەكلىمىسىنى بوشاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەكشۈرۈشلەرنىمۇ سۇسلاشتۇرغان. تېكىستتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تاشقى سىياسەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن ۋاز كەچكەن. مەسىلەن، ترامپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە مەبلەغ ئاجرىتىشنى توختاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

لاۋرا مۇرفى ماقالىدە يەنە، ترامپنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر سودا كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سودا سۆھبەتلىرىگە تېما قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۇرى تۈركەل تېكىستتە، ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان تۈركەل، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ئۈچۈن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇنداق تەلەپلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكانىڭ يەنىلا بۇ مەسىلىگە يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنىڭ ئازايغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ب د ت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يانۋار ئېيىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ ئوخشىمىغان ئۆلكىلىرىدىكى مىللىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي بولسا يېقىندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدە يېڭى بىر قانۇن ماقۇللىغان.