2008-يىلىدىكى ئۇيغۇر نامايىشلىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سۈكۈتكە مەجبۇرلاپ، دۇنيا نەزىرىدىن غايىب قىلغان قارا كۈنلىرى

ئاپتورى: ئانىش كۇمار  (Anish Kumar)

يېڭى دېھلى: 2008-يىلى مارت ئېيىدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر نامايىشچى خىتاي كونتروللۇقىدىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ بوستانلىق شەھەرلىرى بولغان خوتەن ۋە قاراقاش كوچىلىرىغا توپلانغان ئىدى. بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ تۇتۇق پىلىكى — ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر سودىگەر مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە سىرلىق ئۆلۈپ كېتىشى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۇنى مەخپىي دەپنە قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى بولدى.

بۇ نامايىش بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى، تىبەتتىكى قالايمىقانچىلىق خىتاي دائىرىلىرىنى زىلزىلىگە سالغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. ساقچىلار نامايىشچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ، يۈزلىگەن كىشىنى تۇتقۇن قىلىشى بىلەن رايوندىن كېلىدىغان ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي كېسىلدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدا ئۇزۇن يىلدىن بۇيان جۇغلانغان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ پەقەت پارچە-پۇرات كۆرۈنۈشلىرىلا سىرتقا ئاشكارىلاندى.

2008-يىلى شىنجاڭدا نېمىلەر يۈز بەردى؟

بۇ نامايىشلار تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئادەتتىكى بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللىق زۇلۇمنىڭ پارتلىشى ئىدى. 2008-يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق بېسىمغا دۇچار قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلامىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش، رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش، دىنىي كىتابلارنى مەنئى قىلىش ۋە مەسچىتلەرنى دۆلەتنىڭ تولۇق نازارىتىگە ئېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتاتتى.

ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر پەقەت خىتاي تىلىدىلا مائارىپ بېرىدىغان سىستېمىغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن باسقۇچلۇق تاقىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا خىتايلارنىڭ رايونغا تۈركۈملەپ كۆچۈشى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن چەتكە قېقىلىش گىردابىغا ئىتتىرىپ قويغان ئىدى.

نامايىشچىلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىنى ساقلاپ ياشاشنى، ئانا تىلىدا سۆزلەشنى، ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشنى ۋە ئۆز تارىخىنى بالىلىرىغا مىراس قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي بوغماقچى بولغان ئۇيغۇر سادالىرى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن تېز ۋە قاتتىق بولدى. بىخەتەرلىك قىسىملىرى دەرھال رايوننى قورشاۋغا ئالدى. شىنجاڭغا يېتىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان چەتئەللىك ژۇرنالىستلار تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا توسۇۋېلىندى ياكى تۇتقۇن قىلىندى. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئىنتايىن چەكلىك، پارچە-پۇرات ۋە قاتتىق سۈزۈلگەن ھالەتتە ئىدى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» كېيىنكى دوكلاتلىرىدا بۇ باستۇرۇشنى ھۆججەتلىك پاش قىلىپ، ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە ۋەقەنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشىنىڭ دۇنيادىن قەستەن يوشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا، خىتاينىڭ بۇنداق بىر چوڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغان «ئەندىزىسى»دۇر. مارتتا باشلانغان تاراتقۇ قامالى كېيىنكى ھەپتىلەردە ئەمەلدىن قالمىدى، ئەكسىچە دائىملىق سىستېمىغا ئايلاندى.

خىتاي شۇنى تۇيۇپ يەتتىكى، ئۇ مۇشۇنداق زور كۆلەملىك بىر ۋەقەنى باستۇرۇپ تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق خەلقئارالىق جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. 2008-يىلى مارتتا شىنجاڭغا چۆككەن جىمىتلىق ئەمەلىيەتتە بىر «تەييارلىق جىمىتلىقى» ئىدى.

2008-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك چىقىمى زىيادە ئېشىپ، نازارەت قىلىش تورى مىسلىسىز كېڭەيتىلدى. ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى، ساياھەت تارىخى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن نىشانلايدىغان ئىلغار ئالگورىزملار تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. 2017-يىلىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان تۈركۈملەپ تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى، ئەسلىدە ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جىمىغۇر قۇرۇپ چىقىلغان بىر ئاپپاراتنىڭ پارتلىشى ئىدى.

2008-يىلىدىكى دۇنيا كۆز يۇمغان ئۇيغۇر نامايىشلىرى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇس ئىنكاسى بېيجىڭغا دۇنيانىڭ باشقا تەرەپكە قاراشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بالدۇرلا جەزملەشتۈرۈپ بەردى. خىتاي 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى بولغاچقا، غەرب تاشقى سىياسىتىدە سىياسىي ئېھتىياتچانلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئىقتىسادىي مەنپەئەت باغلىنىشى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئىدىكى، ھۆكۈمەتلەر نۇرغۇن كىشىلەر «ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دەپ تەرىپلىگەن بىر مەسىلە ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خەتەرگە ئىتتىرىشنى خالىمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بۇ قاراشلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. 2019-يىلى ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى (مەسىلەن «خىتاي كابېللىرى») زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يىللاردىن بېرى ئېيتىپ كەلگەنلىرىنى جەزملەشتۈردى: تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى تەربىيەلەش ئەمەس، بەلكى جازالاش خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق ۋە قەستەن لايىھەلەنگەن بىر قىرغىنچىلىق ئىدى.

2008-يىلى مارت، ئۇيغۇر ئاۋازلىرىنىڭ سىرتقا ئاڭلانغان، ئەمما بېيجىڭ تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك جىمىقتۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان كۈنى ئىدى. دۇنيا بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىدى، لېكىن ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئۈن-تىنسىز يوشۇردى. ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ سۈكۈتنىڭ ئاچچىق ئاقىۋەتلىرى بۈگۈنمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

 https://newsable.asianetnews.com/amp/world/uyghur-protests-of-2008-how-voices-in-xinjiang-were-silenced-by-china-articleshow-g1ofvmb