يالقۇن ئۇلۇغيول: خىتاينىڭ زىيانكەشلىكى يەنىلا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى تەقىب قىلماقتا

قۇمۇلدا بىر مەسچىتتە روزا ھېيت نامىزى، ئىيۇل 2016. © 2016 يالقۇن ئۇلۇغيول/ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى

يالقۇن ئۇلۇغيول – كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) خىتاي بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى

2026-يىلى 18-مارت

بۇ رامىزاندا، بىر قاچا ئىسسىق كۆكتات شورپىسى ۋە يېڭى ئېتىلگەن ئۇيغۇر لەڭمىنى بىلەن ئېغىز ئېچىش ئۈچۈن داستىخاندا ئولتۇرغىنىمدا، مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقتىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقان دادامنى ئويلىماسلىققا بەك تىرىشىمەن. ئۇنىڭ نېمىلەرنى يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ھازىر ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىلنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىنى ئويلىماسلىققا تىرىشىمەن.

بۇ رامىزان مېنىڭ دادام بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە ئېغىز ئاچقان ۋاقتىمدىن بېرى ئونىنچى يىل بولۇشى. شۇنداقلا مېنىڭ ۋەتىنىمگە، يەنى دائىرىلەر ۋەھشىيانە جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان-ت)غا بارغىنىمغا ئون يىل بولدى. مەن دادام ۋە باشقىلار ئۈچۈن سۆزلەشنى تاللىدىم، بۇ تاللىشىم مېنى ۋەتىنىمدىكى سۆيگەنلىرىمدىن بەلكىم مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بەدىلىگە توختىدى.

مۇھاپىزىكار بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن، روزا تۇتۇشنى كىچىك يېشىمدىن باشلىغانىدىم. مەكتەپ يىللىرىم ئېنىق ئېسىمدە — مۇئەللىملىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىمدىن روزا تۇتقانلىقىمنى، ناماز ئوقۇغانلىقىمنى ۋە دىندار بىر ئائىلىدىن كەلگەنلىكىمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قانداق چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىم ھېلىمۇ يادىمدا. دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا دۇكاندىن بىر نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، خۇددى يەيدىغاندەك قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى يوشۇرۇنچە تاشلىۋېتەتتىم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكى ئاستىدا ياشاش مېنى بالدۇرلا ھايات قېلىش ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىدى. مەن ئىككى پاراللېل ھاياتتا ياشاشنى ئۆگەندىم: بىرى كۆرسەتمە خاراكتېرلىك ئىتائەت، يەنە بىرى جىمجىت قارشىلىق.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئېلىپ باردى — بۇلار كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ئادالەتسىز تۈرمىگە تاشلاش، ئاممىۋى نازارەت قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. 2018-يىلى ئىيۇن ئېيىدا، مەن ئەڭ قورققان ئىش يۈز بەردى: دادام مەمەت ياقۇپ بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىن ئۇنىڭ 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدىم — ئۇ پەقەت كىملىكى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ تاغا-ھاممىلىرىم، جىيەنلىرىم ۋە باشقا تۇغقانلىرىممۇ 15 يىلدىن ئۆمۈرلۈك قاماققىچە بولغان جازالارنى ئۆتىمەكتە.

ھېكايىنىڭ بۇ قىسمى تىپىك ۋە دۇنياغا تونۇشلۇق.

ئەمما دۇنيانىڭ كۆرمەيدىغىنى، چەتئەللەردە ياشايدىغان مەن، ئاپام، سىڭلىم ۋە ئايالىمغا ئوخشاش يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ يىللاردا قانداق ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئەڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردە، يۇرتتىكى كىشىلەر چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى؛ دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ رايوندىن قېچىپ چىقىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان قىلىپ قويدى.

چەتئەلدە ياشايدىغان بىز يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىمىز ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلغىنىمىزدا، خىتاي ساقچىلىرى بىزنى قورقۇتتى ۋە تەھدىت سالدى — بۇ ھەرىكەتلەر ھازىر «چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك» دەپ ئاتالماقتا. بەزىلەر ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن تەھدىت سېلىنىپ ياكى كۆپ يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن جەم بولۇش ئۈمىدى بىلەن، ھۆكۈمەت ئۈچۈن تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ئىشلەشكە ياكى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا مەجبۇرلانغان.

باشقا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاش، مەن دادامنىڭ سۈكۈتى كۈنلەردىن ئايلارغا، ئايلاردىن يىللارغا سوزۇلغاندا، تەشۋىشلىك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۈتتۈم. ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدىم، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن بولسا ئۇنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ جازا ھۆكۈمىنى ماڭا يەتكۈزگەن كىشى، ئۇنىڭ تىرىك قالغانلىقىغا شۈكرى قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. «بىز نۇرغۇن ئادەمدىن ئايرىلىپ قالدۇق،» دېدى ئۇ كىشى. بۈگۈنكى كۈنگىچە، 58 ياشلىق دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ياكى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

2020-يىلى مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ سۆيگەن كىشىم بىلەن — ئۇمۇ بىر ئۇيغۇر — توي قىلدىم، ئەمما دادامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بەخت تىلىكىنى ئالالمىدۇق. قىزىمىز نۇربانۇ 2021-يىلى تۇغۇلدى. مەن ئۇنىڭ رەسىمىنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپى «دويىن» (Douyin) دا پايلاشتىم؛ يۇرتتىكى بىرەرسىنىڭ، بەلكىم ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ۋە بۇ خۇشاللىقىمىزغا جورا بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم. گەرچە ئۇلار قاتتىق نازارەت سەۋەبىدىن بىز بىلەن ئالاقە قىلىشقا پېتلىنالمىسىمۇ، ھاياتىمىزدىكى بۇ مۇھىم پەيتنى بىلىشىنى خالىغانىدىم. ئەمما، ساقچىلار مېنىڭ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ تۇرغان شۇ بىر پارچە رەسىمىم سەۋەبىدىن بىر نەچچە كىشىنى سوراق قىلغان. ئۇلاردىن مەن بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى سورىغان.

شۇنداقلا مېنىڭ دويىن ھېسابىمنى چەكلەپ قويدى.

ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىدىغان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتىمەن. بېيجىڭنىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكى مېنى بىر كۈنى دادام ئەركىنلىككە چىققان تەقدىردىمۇ، مەن بىلەن بىللە چوڭ بولغان كىشىلەر بىلەن بىخەتەر سۆزلىشىشىمدىن توسۇپ قېلىشى مۇمكىن.

قىزىم 2023-يىلى نويابىردا، ئىككى ياشلىق ۋاقتىدا داۋالاشقا ئامالسىز بىر كېسەللىك بىلەن ۋاپات بولدى. ئىستانبۇلنىڭ يامغۇرلۇق بىر كۈنىدە، دەپنە مۇراسىمىغا كېتىۋاتقاندا، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا، ئاپام بىلەن ئايالىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ قىزىمنىڭ جانسىز تېنىنى قۇچاقلىغىنىمدا، بىر ئەمەس، ئىككى كىشىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم. دادام ئۆزىنىڭ بىر نەۋرىسى بارلىقىنى بەلكىم ھېچقاچان بىلەلمىدى ۋە ئۇنى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىدى؛ مېنى بولسا كۆرسەتمە خاراكتېرلىك ئىتائەتنى رەت قىلغانلىقىم ۋە بېيجىڭنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن جازالىدى.

شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن چىڭ تۇرىمەن. بىر كۈنى يۇرتۇمدا، دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، 2016-يىلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇغان — ئەمما دائىرىلەر 2019-يىلى چېقىۋەتكەن — مەسچىتنىڭ ئورنىدا ناماز ئوقۇيمەن. ئۇنىڭغا نۇربانۇ ھەققىدە ھەممە نەرسىنى، ئۇنىڭ خۇددى دادامنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىمەن.

چۈنكى مەن بىزنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. بىز ھاياتىمىزنى، ھەتتا مەسچىتلىرىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز ۋە قايتىدىن گۈللىنىمىز، چۈنكى ھېچقانداق مۇستەبىتلىك ئەبەدىي داۋاملاشمايدۇ.