شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى سۈرەتكە ئالغان خىتاي فىلىم ئىشلىگۈچىسى گۇەن خېڭ ئامېرىكادا سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشتى

خىتاي پۇقراسى گۇەن خېڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق ئالدى. ئۇ 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قامالغان بىر قانچە جازا لاگېرلىرىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خىتاي پۇقراسى گۇەن خېڭ 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. پاناھلىق تىلىمەكچى بولۇپ ئامېرىكاغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن، گۇەن خېڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا تاموژنا ۋە كۆچمەنلەر ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ (ICE) مەسئۇلىيىتى ئاستىدا ئۇگانداغا سۈرگۈن قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.

2017-يىلى بىلەن 2019-يىلى ئارىسىدا، كەم دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق ئەيىبلەش ياكى سوتلىنىش بولماستىن، كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان 380 دىن ئارتۇق جازا لاگېرىغا «ئالدىنى ئېلىش» مەقسىتىدە قامالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ لاگېرلار «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى 2013-يىلى ۋە 2014-يىلى يۈز بەرگەن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىگە (TIP) چېتىشلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن يولغا قويغان ئىدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ بىرىنچىسى 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىردە بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بېرىپ، بەش كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سىر ئاشكارىلىغۇچى

2021-يىلى گۇەن خېڭ YouTube قانىلىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قامالغان 18 جازا ئورنى كۆرسىتىلگەن 20 مىنۇتلۇق بىر سىن ئېلان قىلدى. بۇ ئورۇنلار Buzzfeed ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بىرلىكتە بېكىتكەن خەرىتىلەردىن ئېلىنغان ئىدى.

بۇ سۈرەتلەر ئاپتوموبىل ئىچىدىن ياكى سومكىغا يوشۇرۇلغان كامېرا ئارقىلىق تارتقان بولۇپ، يول بويىدىكى كۆزەتكۈچى مۇنارلىرى ۋە تىكەنلىك سىملار بىلەن قورشالغان لاگېرلارنى نامايان قىلىدۇ. بۇ بىنالارنىڭ بىرىدە «ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» دەپ خەت يېزىلغان.

گۇەن خېڭ ئۆزى چۈشەندۈرگىنىدەك، خىتاي پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن بۇ ئورۇنلارغا گۇمان قوزغىماي يېقىنلىشالىغان. بۇ سىن توردا نۇرغۇنلىغان خىتاي تور ئىشلەتكۈچىلىرىگە يېتىپ باردى. بىراق گۇەن خېڭ تېزلا زىيانكەشلىك نىشانىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ كىملىكى، تۇرالغۇسى ۋە كەسپىي ئۇچۇرلىرى توردا ئاشكارىلاندى. تەيۋەندە ياشايدىغان ئانىسىدىن باشقا، خەينەن ئۆلكىسىدىكى ئائىلە ئەزالىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن سوراق قىلىندى.

خىتاي زۇلۇمى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا

2021-يىلى گۇەن خېڭ خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، شياڭگاڭ، ئېكۋادور ۋە باھاما ئارقىلىق فىلورىداغا باردى ۋە ئامېرىكاغا كىردى. ئۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ ئالبانى شەھىرى ئەتراپىدا ICE خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىندى.

دېكابىر ئېيىدا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ICE گۇەن خېڭنى ئۇگانداغا سۈرگۈن قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى. بۇنداق بىر سۈرگۈن قىلىش ئۇنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى زىيانكەشلىك قىلىش خەۋپىگە دۇچ قالدۇرغان بولاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بېسىم سىياسىتى ھازىرمۇ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياقلايدىغان ئاۋازلارغا قارىتا داۋاملاشماقتا.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان لاگېرلار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 2022-يىلدىكى دوكلاتىدا بەزى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) 2022-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنىلا 500 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، قىيناش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش جىنايەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ باستۇرۇش مەدەنىيەت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى سىستېمىلىق يوقىتىشنى نىشان قىلماقتا. 2017-يىلىدىن باشلاپ، دائىرىلەر «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى نامىدا رايوندىكى 15 مىڭ 500 مەسچىتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى چېقىۋەتكەن ياكى ۋەيران قىلغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ بۇ سىياسىتىنى 1948-يىلدىكى ئەھدىنامىگە ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات خادىملىرىنى باستۇرۇشى

نۆۋەتتە كەم دېگەندە 121 ژۇرنالىست تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خىتاي، دۇنيادا ئەڭ كۆپ مەتبۇئات خادىمى قامالغان دۆلەت بولۇپ قالدى. «چېگراسىز مۇخبىرلار» تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىلدىكى دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىدە، خىتاي 180 دۆلەت ئارىسىدا 178-ئورۇنغا تىزىلدى.

گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا «سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى» كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرى «جاسۇسلۇق»، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» ياكى «تېررورلۇق» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۆكتىچىلەرنى سۈكۈتكە مەجبۇرلىماقتا. رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئەيىبلەنمەكتە، شۇنداقلا ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل زىيالىيلارمۇ 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى