تۈركىستان تايمىز، 2-ئاپرېل، ئىستانبۇل: 2026-يىلى مارت ئېيىدا كاناداغا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ئامان قالغۇچى سۇلايمان (تەخەللۇسى) ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي (Mark Carney) بىلەن پارلامېنت ئەزاسى مايكىل ما (Michael Ma) نىڭ خىتاي سىياسىتىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى.
«The Bureau» خەۋىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، سۇلايمان مەزكۇر ئاگېنتلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى سائەتلىك سىنلىق سۆھبىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دۆلىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان زاۋۇت ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىكى ھاياتىنى، شۇنداقلا كامبودژادىكى قۇللار تور ئالدامچىلىقى لاگېرىدا خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن قانداق قىيناققا ئۇچرىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
سۇلايمان سۆھبەت جەريانىدا كانادا خەلقىگە ئىنتايىن مۇھىم بىر سىگنالنى يەتكۈزدى. ئۇ مايكىل مانىڭ پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشى ۋە مارك كارنىينىڭ خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل كېلىشىمىنى ياقلىشىغا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، سۇلايماننى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز شۇ ماشىنىنى ھەيدەۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ ماشىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى ئارىلاشقان.» ئۇ يەنە: «شۇ ماشىنىنى ھەيدىگەندە قانداقمۇ كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ؟ قانداقمۇ خۇشال بولالايسىلەر؟ بۇ ماشىنىنى ياساش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭغا قوشۇلمىغان؛ ئۇلار ئېزىلگەن، ئۇلارنىڭ قېنى شۇ ماشىنىدا،» دەپ تەكىتلىدى.
سۇلايماننىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ، رۇقىيە تۇردۇشمۇ كانادالىقلارغا كەسكىن چاقىرىق قويدى. ئۇ كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىنى ئوغرىدىن مال سېتىۋالغانغا ئوخشىتىپ: «ئەگەر بىرەر جىنايەتچى بىر نەرسىنى ئوغرىلاپ سىزگە ساتسا، بۇ كانادادا قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ. خىتايمۇ دەل مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ،» دېدى. تۇردۇشنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ بۇ ماللارنى سېتىۋېلىشى بولسا ئوغرىنىڭ قولىدىن مال سېتىۋالغاندەك بىر ئىش ئىكەن. ئۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «كۆپرەك ئادەم سېتىۋالغانچە، بۇ قىلمىشنى ئاقلىغان بولىسىلەر؛ خىتاي تېخىمۇ كۆپ مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللىنىدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر شۇ يەرلەردە ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا بۇ ماللارنى سېتىۋېلىش مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكتۇر.»
سۇلايمان باش مىنىستىر مارك كارنىينىڭ نۆۋەتتىكى مەيدانىغا ۋە مايكىل مانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشىغا قارىتا ھېچقانداق مۇرەسسە قىلمىدى. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رېئاللىقنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ماشىنىلىرىنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىدۇ، ئۇلاردا ئىسپات بار.» ئۇ ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇ زۇلۇمنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن ئۆزۈم تىرىك ئىسپات، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلار بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىپ، ماشىنىلارنى ئەكېلىپ ھەيدەۋاتىدۇ، بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر. ئۇلار ئۆز ۋىجدانىغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟» دەپ كۈچلۈك سوئال قويدى.
«The Bureau»نىڭ ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۇلايماننىڭ بۇ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئىنتايىن سەزگۈر بىر پەيتكە توغرا كەلگەن. يېقىندا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىدە، باش مىنىستىر مارك كارنىي مايكىل مانى ئىسمىنى ئاتاپ ماختىغان. كارنىي مەخپىي سىن كۆرۈنۈشىدە مايكىل مانىڭ «باشقىلارنى يېتىشتۈرۈش قىممەت قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى» ۋە «نەتىجىگە يۈزلەنگەن شەخس» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇلارنىڭ تۈپ لىبېرال ۋە كانادا قىممەت قاراشلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مانىڭ پارتىيەدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر ماختاش سۆزلىرى دەل مايكىل مانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلغان، تەنقىدچىلەر تەرىپىدىن بېيجىڭنىڭ رەسمىي مەيدانى بىلەن بىر خىل دەپ قارالغان سۆزلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان.
خەۋەردە يەنە، شۇ قېتىملىق مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىدە بىر قىسىم گۇمانلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، مايكىل ما بىلەن مارك كارنىينىڭ كانادا دۆلەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرگۈچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ تورونتو سايلىمىغا ئارىلىشىش قىلمىشى بىلەن ئالاقىدار دەپ قارالغان شەخسلەر بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. «The Bureau» ئاگېنتلىقى تەكشۈرگەن سۈرەتلەرگە قارىغاندا، بۇ شەخسلەر تورونتودىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن بېيجىڭدىكى خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان كىشىلەر ئىكەن. باش مىنىستىر مارك كارنىي نۆۋەتتە كانادانىڭ سودا تەرەققىياتىنى بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن جىددىي خەلقئارالىق سىياسىي سىناققا دۇچ كەلمەكتە.
ۋاشىنگتونمۇ كانادانىڭ بۇ قەدەملىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەتتە ھەپتە ئىلگىرى كاناداغا پاناھلانغۇچى سۈپىتىدە كەلگەن سۇلايمانمۇ بۇ سىياسىي ئويۇنلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرماقتا. گەرچە سۇلايماننىڭ بەدىنىدىكى توك ۋە رېزىنكە تاياق زەربىسىدىن قالغان جاراھەت ئىزلىرى ئاساسەن ئەسلىگە كېلىپ سۇسلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھىي ئازابى تېخىچە يېڭى. شۇنداقتىمۇ ئۇ كانادادىكى ئەركىن ھاياتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتا ۋە كانادا خەلقىگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكتە. سۇلايمان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئېغىر زۇلۇملارنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، مايكىل مانىڭ ئىنكارلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە مارك كارنىينىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا كېلىشىمىگە ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى.
ئۇ يەنە كانادالىقلارغا ئۆزىنىڭ تورونتو كوچىلىرىدا ماڭغاندا قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. شەرقىي تۈركىستاندا، ئەگەر تېلېفونىڭىزغا ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلېفون كېلىپ، سىزنىڭ سۇلايمان ئىكەنلىكىڭىزنى سورىسا، بۇ كىشىنى دەرھال ۋەھىمىگە سالىدىغان بىر ئىش ئىدى. چۈنكى بۇ ساقچىلارنىڭ سىزنى ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق تېلېفونلاردىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەردە كوچىدا كېتىۋاتقاندا بىرەر ساقچى سىزنى يىراقتىن كۆرۈپ قالسىلا دەرھال توختىتىپ، تېلېفونىڭىزدىكى بارلىق سۆزلىشىش خاتىرىلىرىنى ۋە سۈرەتلەرنى گۇمانلىق بىرەر نەرسە تېپىش ئۈچۈن بىر-بىرلەپ تەكشۈرەتتى.
سۇلايمان تورونتودىكى ھاياتىنى تەسۋىرلەپ: «بۇ يەردە مەن ساقچىخانىنىڭ قەيەردىكىنىمۇ بىلمەيمەن، ئۇنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. ھېچكىم مېنى توختىتىپ نەرسىلىرىمنى تەكشۈرمەيدۇ،» دەپ ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كانادا ساقچىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى تىلغا ئېلىپ، ئالدىنقى قېتىم كوچىدا ئىككى ساقچىنى كۆرگەندە قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىگە پەقەت كۈلۈمسىرەپ سالام قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ سالام قايتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بۇ ئەركىنلىككە ئىشىنەلمەي: «مەن بۇ زادى قانداق دۆلەتتۇ دەپ ئويلىدىم، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئەركىن ھېس قىلىمەن؛ كانادا مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتۇلدۇردى،» دېدى.
قانداقلا بولمىسۇن، سۇلايمان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگەندە يۈزىدە ئاچچىقلىنىش ئەكس ئېتىپ: «ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشى مېنى ئازراق ئازابلايدۇ،» دېدى. ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىق قىلىۋاتقان رۇقىيە تۇردۇشمۇ، باش مىنىستىر مارك كارنىينىڭ بۇ سىياسەتلىرىدىن كېيىن ئەينەككە قانداق يۈز كېلەلەيدىغانلىقىنى سوراپ، سىياسىي ئابستراكتلىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كەسكىن سوئال ئوتتۇرىغا قويدى. سۇلايمان ۋە تۇردۇشنىڭ «The Bureau» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتى ۋە گۇۋاھلىقى 2026-يىلى 21-مارت كۈنى «ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» ئالدىدا قەسەمياد قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پۈتكۈل زۇلۇم جەريانىنى ئەڭ تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بايانلار، سۇلايماننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلىق چاغلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن تارتىپ، دۆلەت تەشكىللىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغىچە، ئاندىن جىنايى گۇرۇھلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئارقىلىق ئۇنى كامبودژادىكى قۇللار لاگېرىغا قانداق ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇلايمان ئەزىز 1996-يىلى 4-مارت كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ، يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ھېچقانداق تەشكىلاتقا قاتناشمىغان ئاددىي بىر پۇقرا ئىدى.
سۇلايمان بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «ھاشار» دەپ ئاتىلىدىغان مەۋسۇملۇق، ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان. بۇ ھاشار تۈزۈمى خىتاي ئائىلىلىرىگە ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگىلا قارىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە بىر كىشىنى چىقىرىشقا مەجبۇر ئىدى. سۇلايمان كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئانىسى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە باراتتى. ئىشلەيدىغان جايلار يېزىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بەزىلەر كەچتە ئۆيىگە قايتالايدىغان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت قېلىشقا، تازىلىق ۋە ياتاق شارائىتى يوق تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئايلارچە يېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ھەقمۇ بېرىلمەيتتى.
سۇلايماننىڭ ئانىسىمۇ كېلىپ-كېتىش كىرا ھەققىنى تۆلەشكە پۇلى بولمىغاچقا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۆيگە قايتالمايتتى. سۇلايماننى ئەڭ ئازابلايدىغىنى ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ زاۋۇتتا ئىشلىگەن چاغلىرىدىكى جاپا-مۇشەققەت ئەمەس، بەلكى كىچىكىدىن تارتىپ كۆرگەن ۋە ھاشارغا بېرىپ باشتىن كەچۈرگەن، بولۇپمۇ ئاشۇ ياشانغان ئاياللارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرى ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كاللامدىن ھېچ چىقمايدىغىنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مەنزىرە. مەن ئۆزۈمنى ياكى باشقا ياشلارنى ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇ يەرگە دەرەخ تىكىش ئۈچۈن بارغان 50، 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنى ئويلايمەن؛ ئۇلار ئۆيگە قايتالماي، بىر نەچچە ئاي ئوچۇق دالىدا يېتىشقا مەجبۇر بولاتتى.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلار ئۆيىدىن ئەكەلگەن يېمەكلىكلىرى تۈگەپ كەتسە قايتىپ بېرىشقا پۇلى يوق، باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ ياكى تىلەپ يەپ جان باقاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كېسەل، ئىشلەيدىغانغا ماغدۇرى يوق ئىدى. مەن بۇنى كۆرەلەيتتىم، ئەمما ئۇلار "مەن كېسەل، بارالمايمەن" دەپ رەت قىلالمايتتى. ئەگەر ئۇنداق دېسە، ئۇلارغا "سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن، سەن ھۆكۈمەت قانۇنىغا ماسلاشمىدىڭ، ئىدىيە جەھەتتە مەسىلەڭ بار" دەپ تۆھمەت قىلىناتتى،» دېدى. سۇلايمان ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدىمۇ ئۆزى ھاشارغا تۇتۇلغان بولۇپ، ھاشارغا بېرىشنى رەت قىلىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم ئېنىق بىلەتتى.
ئۇ ھاشارنىڭ زۇلۇمىنى تەسۋىرلەپ: «بۇ قانداقتۇر سىزنى بىر تىنچ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئەمەس، بەلكى بىر تەھدىت، قورقۇنچلۇق بىر قىسمەت بولۇپ، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. كانادادا كىشىلەر ئەركىن، خالىغان نەرسىگە "ياق" دېيەلەيدۇ؛ ئەمما بىزگە نىسبەتەن "ياق" دېيىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ئۆزۈمنى خۇددى پەقەتلا مەجبۇرلىنىش ئۈچۈن، شۇ خىل ھاياتنى ياشاش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك ھېس قىلاتتىم،» دەپ ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمىنى چۈشەندۈردى. بۇ رەھىمسىز رېئاللىق 2021-يىلى دېكابىردا تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. مەكىت ناھىيەلىك مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان سۇلايمان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى بىر ئۆي قۇشلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئىشلەشكە مەجبۇرىي ئەۋەتىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۇلايمان 2021-يىلى دېكابىردىن 2024-يىلى مارتقىچە خىتاينىڭ ئىچكىرىسىدىكى شۇ زاۋۇتتا تۇتۇپ تۇرۇلدى؛ ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇ ئۆلكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ يەردە مائاش يوق، زاۋۇتتىن ئايرىلىش ئەركىنلىكى يوق، توختىماي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بار بولۇپ، ھەربىيلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ۋە كېچە-كۈندۈزلۈك نازارەت ئاستىدا ئىدى. خىتاي دۆلىتى بۇنى «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسى» ياكى «خىزمەت پۇرسىتى» دەپ ئاتىسىمۇ، سۇلايمان بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ساپ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 2024-يىلى مارتتا، ئاماۋ (Amao) ئىسىملىك بىر خىتاي سۇلايمانغا «بۇ يەردە تۇرمۇشۇڭ ياخشى ئەمەسكەن، باشقا يەرگە بارساڭ پۇل تاپىسەن» دەپ يالغان ۋەدە بېرىپ ئۇنى ئالدىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاغلاردىن ھالقىپ يول يۈردى. سۇلايمان قاچان دۆلەت چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالدى؛ پەقەت يول بەلگىلىرىدىكى تونۇمايدىغان يېزىقلارنى كۆرگەندىلا ئاندىن خىتايدىن چىقىپ كەتكىنىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بېسىپ ئۆتۈۋاتقان دۆلەتنىڭ ۋىيېتنام ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. بىر كېچە توختاپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئۇ نۇرغۇنلىغان ياشلار بىلەن بىللە چوڭ بىر ئاپتوبۇسقا بېسىلدى. ئاپتوبۇس توختىماي يېڭى ياشلارنى ئالاتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەت پۇرسىتىنى خىيال قىلغان، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەتكەس مالغا ئايلىنىپ سېتىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان قۇربانلىقلار ئىدى. زاۋۇتتىن ئايرىلىپ تۆت كۈندىن كېيىن كامبودژاغا يېتىپ بارغاندا، سۇلايمان ئەسلىدە ئاماۋ تەرىپىدىن 17 مىڭ دوللارغا «لۇڭ چياڭ گۇرۇھى» (Long Qiang Group) دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي جىنايى گۇرۇھىغا تور ئالدامچىلىقى ئۈچۈن سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاندىن بىلدى.
«The Bureau» تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سۇلايمان كامبودژادىكى قۇللار لاگېرىغا كىرگەندە، بۇ يەردىكى جىنايى گۇرۇھلارنىڭ بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلانغانلىقىنىڭ بەلگىلىرىنى كۆردى؛ مەسىلەن، ئۇ كىرگەن بىنالارنىڭ سىرتىدا شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرى ئېسىلغان ئىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل «بىر بەلباغ، بىر يول» غا باغلانغان تورلار خىتاي دۆلىتى بىلەن چېتىلىدىغان تەشكىللىك جىنايى گۇرۇھ شەخسلىرى (مەسىلەن «چىشسىز» لەقەملىك ۋەن كۆك كوي) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كامبودژا، بىرما ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا پائالىيەت قىلىدۇ. بۇ جايلاردا خىتاي دۆلەت كاپىتالىزمى بىلەن خىتاي تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇھلىرى ئوخشاش بىر يولدىن مېڭىۋاتقان بولۇپ، سۇلايمان كىرىپ قالغان بۇ تور ئالدامچىلىقى لاگېرى دەل مۇشۇ غايەت زور دەرىجىدىكى چېگرا ھالقىغان جىنايەت سىستېمىسىنىڭ بىر تۈگۈنى ئىدى.
سۇلايمان لاگېردىكى تۇنجى كۈنىلا كومپيۇتېر ۋە يېتەكچى كىتابچە تاپشۇرۇۋالدى. كىتابچىدە كىشىلەرنى قانداق ئالداش، نىشانلارغا قانداق يېقىنلىشىش ئۇسۇللىرىدىن سىرت، ئەگەر كېچىكىپ قالسا، رۇخسەتسىز ھاجەتخانىغا بارسا ياكى بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىسا قانداق جازالىنىدىغانلىقىمۇ يېزىلغان ئىدى. خىتاي خىزمەتداشلىرى ئۇنى ئۆزئارا خىتايچە «گۇ تۈي» (ئىتنىڭ پۇتى ياكى يالاقچى مەنىسىدە) دەپ ھاقارەتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇنى ئاڭلاپ چۈشەنسىمۇ سۈكۈت قىلدى. ئەمما ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ساپ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، گۇرۇپپا باشلىقىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلغىلى كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.
بۇ قارشىلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتكە توختىدى. گۇرۇپپا باشلىقى شاۋبەي ئىسىملىك، بۇرۇن خىتاي ئارمىيەسىدە ئەسكەر بولغان بىر ئادەمنى چاقىردى. شاۋبەي قولىغا ماشىنا چاقىدەك قېلىن رېزىنكە تاياقنى ئېلىپ، سۇلايماننى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مەجبۇرىي تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئون مەرتىۋە قاتتىق ئۇردى. سۇلايمان مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيەسى ئۆزگەردى. ئۇلار مېنى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قۇل دەپ بىلىپ، خالىغان ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولدى. مەن شۇ ئادەمنى بەك ئۆچ كۆردۈم، ئەمما ھېچنېمە قىلالمايتتىم.» سۇلايمان ناتونۇش كىشىلەرنى ئالداشنى ۋىجدانىغا سىغدۇرالمىغاچقا، ھەرگىز ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن جازا دەرىجىسى ئېشىپ بېرىپ، ئاخىرى توك بىلەن قىيناشقا يەتتى؛ توك تايىقىنىڭ زەربىسى ئالدى بىلەن ئون قېتىم، ئاندىن يىگىرمە قېتىم بولۇپ تەدرىجىي ئېشىپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سەكسەن قېتىمغا يەتكەن ئىدى.
خەۋەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىشىچە يەنە ، قوغدىغۇچىلار توك تايىقى ئارقىلىق باشقا خىتاي ئىشچىلارنى قىينىغاندا توكنى ئۈچ-تۆت سېكۇنت بېسىپلا قويۇپ بېرەتتى؛ ئەمما سۇلايمان بىر ئۇيغۇر بولغانلىقى ۋە ئۇلار تەرىپىدىن تۆۋەن كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، خۇددى قەستەن قىلىۋاتقاندەك توكنى ئۇزۇنراق بېسىپ توختىتىپ، ئاندىن يەنە بېسىپ، ئۇزۇن مۇددەت ۋەھشىيلەرچە قىينىغان. سۇلايماننىڭ قولىدىكى توك زەربىسىدىن قالغان جاراھەت ئىزلىرى ئاساسەن يوقالغان بولسىمۇ، ئارقىسىدىكى رېزىنكە تاياقتىن قالغان قارا داغلار تېخىچە تۇراتتى. ئۇ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت فەيىسبۇك (Facebook) ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زاتلارغا ياردەم سوراپ خەت يازغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسى رەت قىلغان ياكى جاۋاب بەرمىگەن. ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالغان پەيتتە، تورونتوغا جايلاشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش بىلەن ئالاقىلىشىپ قالغان.
رۇقىيە تۇردۇش خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان. ئاخىرىدا سۇلايمان لاگېردىكىلەرنىڭ ئىشلىيەلمەيدىغانلارنى دېڭىزغا ئاپىرىپ ئەزالىرىنى سېتىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە قورقۇنچلۇق خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، تۇردۇش ئىككى كۈن ئۇخلىماي چىقىش يولى ئىزدەپ، ئاخىرى لاگېر باشلىقى بىلەن بىۋاسىتە باھالىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۈچ-تۆت كۈنلۈك جاپالىق سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇ خىتاي باشلىق تەلەپ قىلغان 17 مىڭ دوللارلىق بەدەل پۇلىنى 5 مىڭ دوللارغا چۈشۈرۈپ كېلىشىپ، پەقەت سۇلايماننى ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ چىققاندىلا ئاندىن پۇلنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىققان.
كامبودژادا بىر نەچچە ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، 2026-يىلى فېۋرالدا سۇلايمان كاناداغا مۇساپىر بولۇپ كەلگەن. گەرچە ئۇ قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەردىن تۆت نەپىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى: بىرى ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 17 يىللىق، يەنە بىرى قىسقا يوپكا كىيىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق، ئۈچىنچىسى ئۆيىدە جايناماز قويغانلىقى ئۈچۈن 12 يىللىق كېسىلگەن، تۆتىنچىسى بولسا قىيىن-قىستاقتا ئىككى كۆزى كور بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قېچىشىنى «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قېچىش» دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھازىر ئائىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىلىشەلمەيدۇ.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، رۇقىيە تۇردۇش مايكىل مانىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنىڭ خاتا بولۇپلا قالماي، بەلكى قەستەنلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك دۇنيادىكى باشقا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇ تۈزۈم مەلۇم بىر مىللەتكە، ئىرقىي نىشانغا قارىتىلغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ روشەن مۇددىئاسى بار — ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتۇر،» دېدى. ئۇ بۇ مېخانىزمنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىكەنلىكىنى، ياش ئۇيغۇر ئەرلىرى ۋە ئاياللىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تېرىقتەك چېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توي قىلىپ پەرزەنت كۆرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە كىچىك بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋە ئومۇمىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۇلايمان ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئاق چەينەكنى مىسالغا ئېلىپ: «بۇ خۇددى مۇنداق بىر ئىش: بۇ چەينەك ئاق، ئەمما ئۇلار قارا دەيدۇ. خىتايدا ھۆكۈمەت بۇنى قارا دېسە مەن "ياق بۇ ئاق" دېيەلمەيتتىم، مەجبۇرىي ھالدا قارا دەپ قوبۇل قىلاتتىم. ئەمما كانادادا، ھازىر بىرەرسى شۇنى دېسە مەن ئەركىن پىكىر قىلالايمەن. گەرچە ئۆيدىكى ئائىلەمنى خەتەرگە ئىتتىرسەممۇ، مەن يەنىلا دۇنياغا راست گەپنى قىلىپ: بۇ نەرسە ئاق، چۈنكى ئۇ قارا ئەمەس، دەيمەن،» دەپ، ئۆزىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ باش مىنىستىر مارك كارنىي ۋە مايكىل مانىڭ سىياسەتلىرى ئالدىدا ھەقىقەتنى قوغدايدىغانلىقىنى جەسۇرلارچە جاكارلىدى.
خەۋەر ئاستىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ نۇرغۇن كانادالىق كارنىي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى سۇلايماننىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپ بولۇش ئۈچۈن ئەسلىدىكى مەنبەگە مۇراجىئەت قىلىڭ