مۇھەممەد شامىل گەنچئوسمانئوغلۇ
2026-يىلى 4-ئاپرېل
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى»
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى بىر ئەسىرلىك تارىخىنى قىرغىنچىلىقلار تارىخى دېسەك، ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. خىتاي پۇرسەت تاپسىلا، بىرەر باھانە ئويلاپ تېپىپلا مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قويمىدى، ئەركىنلىك كۈرەشلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئەركىن بىر شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئۈچۈن بىر تەھدىتتۇر. نېمىشقا دېسىڭىز، مۇسۇلمان تۈرك جەمئىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمايدۇ، ئۇ جۇغراپىيەنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى مۇستەملىكە قىلالمايدۇ (ئېكسپلاتاتىسىيە قىلالمايدۇ).
زەيدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەد تۇردى ۋە مۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىق يېتەكچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئىسلامىي ھەرىكەت ئاستا-ئاستا تەشكىللىنىۋاتاتتى، مىللەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە خەنزۇلارنى يەرلەشتۈرۈۋاتاتتى، بولۇپمۇ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى باشلانغان بولۇپ، دىنىي بېسىملار كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتاتتى. رايوندا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بېسىملار، دىنىي چەكلىمىلەر ۋە نوپۇس سىياسەتلىرى ئېغىر بىئاراملىق پەيدا قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا چۈشۈرۈۋېتىش (پەلەي قىلىش) قىلمىشلىرى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ئاشۇرغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. زەيدىن يۈسۈپ ۋە سەپداشلىرى بۇ تەرەققىياتلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەلقنى نامايىشقا چاقىردى. خىتاي خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئارمىيەسى رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
بۇ ھەرىكەت بىر قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۇ قىرغىنچىلىق 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەردى. بۇ ۋەقە «بارىن ئىنقىلابى» ياكى «بارىن قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە مۇسۇلمان تۈركلەر ئارىسىدا مۇھىم بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە قايغۇ كۈنى سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ.
ئىنسان پەقەت بىيولوگىيەلىك بىر مەۋجۇتلۇقلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر «مەنا» مەۋجۇتلۇقىدۇر. بۇ مەنا مەلۇم بىر جۇغراپىيەدە، مەلۇم بىر تارىخىي جەريان ئىچىدە شەكىللىنىدۇ. بىزنىڭ مەدەنىيەت تەسەۋۋۇرىمىزدا «ۋەتەن» پەقەت ئۈستىدە ئولتۇراقلاشقان بىر پارچە تۇپراقلا ئەمەس؛ بەلكى بىر ئاڭنىڭ، بىر ئېتىقادنىڭ ۋە بىر نىيەتنىڭ جىسىملانغان شەكلىدۇر. شەرقىي تۈركىستان، يەنى قەدىمىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي تەرىپى، بۇ ئاڭنىڭ «قۇرغۇچى» مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا بارىندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى پەقەتلا بىر سىياسىي ئىسيان ياكى ھەربىي باستۇرۇش ھەرىكىتى دەپ چۈشىنىش، مەسىلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سەل قارىغانلىقتۇر. بارىن — بىر ئەسلىمىنىڭ يېڭىلىنىشى، بىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ «مەن مۇشۇ يەردە» دەپ توۋلىغان نىداسىدۇر.
ۋەقە مۇنداق يۈز بەرگەن: رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا، بارىن يېزىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈرك خەلقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويغان بېسىم سىياسەتلىرىگە (نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، دىن ۋە مەدەنىيەت ئۈستىدىكى چەكلىمىلەر، تەڭسىزلىكلەر) نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا تىنچلىق بىلەن توپلانغان.
نامايىشچىلار خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. بۇ باستۇرۇشقا قارىتا خەلق قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان (تاتىياق، كەتمەن قاتارلىق ئاددىي سايمانلار بىلەن). شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قېرىندىشىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ ۋەقەگە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرغان: مىڭلارچە ئەسكەر، تانكا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئىشلىتىلگەن. توقۇنۇشلار بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان. ئۇيغۇر تۈرك قېرىندىشىمىزنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا:
- مىڭلارچە ئۇيغۇر (بەزى دەۋالاردا 10 مىڭدىن ئارتۇق) «شېھىت» بولغان. يېتەكچى شەخسلەردىن زەيدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەد تۇردى ۋە مۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى.
- جەسەتلەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن كوللېكتىپ قەبرىلەرگە كۆمۈلگەنلىكىگە دائىر شاھىتلىق بايانلىرى بار.
- بۇ ۋەقە خىتاينىڭ رايوندىكى تۇنجى چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قانلىق شەكىلدە باستۇرۇشى سۈپىتىدە تارىخقا كىردى.
بۇ ۋەقە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ (كېيىنچە جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت يوقىتىش سىياسەتلىرى بىلەن داۋاملاشقان) دەسلەپكى مىساللىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. بارىن پەقەتلا بىر جۇغراپىيەلىك نۇقتا ئەمەس؛ بەلكى تۈرك-ئىسلام روھىنىڭ، ئەسىرلەردىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كەلگەن شۇ قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ، 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئىدىيەۋى مەخلۇقىغا قارشى «مەن بار!» دەپ ھەيۋە بىلەن توۋلىغان ماكانى ئىدى.
بارىن — قەشقەرنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يېزا. نوپۇسى 20 مىڭ ئەتراپىدا بولغان بىر جاي. بۇ يەردىكى نامايىشلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئىشغالىيەت كۈچلىرىنىڭ سانى 22 مىڭ 750 كىشى. تىك ئۇچارلار، ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان تولۇق جابدۇقلىق بىر ئارمىيە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بولسا كەكە، كەتمەن، تاتىياق، سوتا قاتارلىق ئاددىي سايمانلار بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتقان بىر خەلق. بۇ زادى قانچىلىك ئادىل(!) بىر تەقسىمات-ھە؟
بارىندا يۈز بەرگەن ۋەقە — جىددىيچىلىكنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەجبۇرىي تېڭىلغان نوپۇس سىياسەتلىرى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەر ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ قىسىلىشى پەقەتلا جىسمانىي بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماي؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئەھمىيەتلىك قىلىش پۇرسىتىنىمۇ تارايتقان ئىدى. ئەنە شۇ نۇقتىدا، بىز «قارشىلىق كۆرسىتىش» دەپ ئاتىغان نەرسە، كىلاسسىك مەنىدىكى بىر قوزغىلاڭ بولۇشتىن توختاپ، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىنى قوغداش رېفلېكسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ «مەن مۇشۇ يەردە، ئۆز مەنام بىلەن مەۋجۇتمەن» دېيىش شەكلىدۇر. يەنى ئەركىن بولۇش، ھۈر بولۇش ئارزۇسىدۇر...
زەيدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەد تۇردى ۋە مۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىق يېتەكچى شەخسلەر بۇ ئىسياننىڭ، بۇ قارشىلىقنىڭ سىمۋوللىرىغا ئايلاندى. ئۇلار نە ماركسىست ئىنقىلابچى، نە غەربچە مىللەتچى ئەمەس ئىدى؛ ئۇلار قەدىمىي تۈركىستاننىڭ «ئالپ»لىق ئەنئەنىسىنىڭ، ئىسلامنىڭ جىھاد بىلەن مەنا تاپقان ۋە بىرلەشكەن شەخسىيەتلىرى ئىدى. نامايىشچىلارنىڭ قورالى يوق ئىدى؛ ئېتىقادى بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئۇپۇقتا كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا (1991)، خىتاي ئۆزىنىڭ «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش» مۇساپىسىنى ئۇيغۇر جۇغراپىيەسىدە سىناق قىلىۋاتاتتى. بۈگۈن ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ قارىغىنىمىزدا، 1990-يىللاردىكى بارىن ۋەقەسى 2010-يىللاردىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»نىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنىڭ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشلەرنىڭ بېشارەتچىسى ئىدى.
بۇ بىر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»نىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدۇر. ئەمما تېخىمۇ چوڭقۇرراق قارايدىغان بولساق، بۇ بىر مەدەنىيەتنىڭ «ئەسلىمىسى»نى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. چۈنكى مەدەنىيەت — ئەسلىمىدۇر؛ ئەسلىمە بولسا تىلدۇر، ئېتىقاددۇر، ماكاندۇر. ئىبنى خالدۇننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بارىندا يوق قىلىنغان نەرسە پەقەت بەدەنلەرلا ئەمەس، بەلكى تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق «ئۇمران»ىدۇر (مەدەنىيىتىدۇر).
تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ جىمجىتلىقى بولسا ئايرىم بىر يارادۇر. 1990-يىللاردىكى تۈركىيە، ئۆزالنىڭ لىبېرال ئېچىۋېتىش دەۋرىدە «تۈرك-ئىسلام بىرىكمىسى» مۇنازىرىلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى؛ ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان نەزەرلەر يا «ئىچكى ئىش» دەپ، ياكى «ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق» نامىدا سۈكۈتتە قالغان ئىدى. ئەرەب دۇنياسى بولسا نېفىت ۋە غەرب ئىتتىپاقلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ كىرىزىسلىرى بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى. بۇ سۈكۈت، ئۈممەتنىڭ «ۋاھدەت» (بىرلىك) غايىسىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۈممەت شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويغان ئىدى.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، ئۇچقۇلار بىلەن كۆزىتىلىۋاتقان مەسچىتلەر، DNA ساندانلىرى ۋە سۈنئىي ئىدراك قوللىغان نازارەتچىلىك... بۇلار بىزگە ئۈمىدسىزلىك بېرىپ قويماسلىقى كېرەك. ئۈمىد تارىخىي تەقدىرچىلىكتە ئەمەس، بەلكى پىترەتنىڭ يېڭىلمەسلىكىدە يوشۇرۇنغان. بارىنلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇن خەلقلەر ئەسىرلەر بويى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن رۇس چار پادىشاھلىقىغىچە، خىتاي ئىمپېرىيەلىرىدىن كوممۇنىزىمغىچە بولغان نۇرغۇن زۇلمەتلەرگە قارشى تۇردى. بۇ قارشىلىق پەقەت سىياسىي ئەمەس، بەلكى مېتافىزىكىلىق بىر روھتۇر. قۇرئان كەرىمدىكى «بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ياراتتۇق» دېگەن ئايەتنى ئەسلىسەك[1]، قىيىنچىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىدۇر. بارىندا شۇ قىيىنچىلىق «شېھىتلىك» مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۈگۈن ئۇيغۇر تۈركىنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى نىداسى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ سەل قارىشىدا بوغۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ۋىجداننىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەكس سادا بېرىدۇ. مۇسۇلمان تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇ ئەكس سادانى ئاڭلىشىمىز كېرەك؛ چۈنكى شەرقىي تۈركىستان — ئانادولۇنىڭ ئەينىكىدۇر. ئۇ يەردە ئەزىلگەنلەر، بۇ يەردىمۇ ئەزىلىسكە مەھكۇم قىلىنىشى مۇمكىن. مەدەنىيەت چېگرا بىلەن ئەمەس، روھ بىلەن قوغدىلىدۇ.
بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ئۇچۇر بىر مەشغۇلات قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان يالغان ئۇچۇرلار ھەقىقەتنى بىر «تەسەۋۋۇر» جىسىمىغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بىز «تەھقىق» دەپ ئاتىغان جەريان دەل مۇشۇ يەردە ئىشقا كىرىشىشى كېرەك. بارىندا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، پەقەتلا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئەمەس، بەلكى ئۇ جۇغراپىيەنىڭ مىڭ يىللىق مۇساپىسىگە قاراش كېرەك. سانلىق مەلۇماتلار بىزگە سانلارنىلا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ «مۇنچە ئادەم ئۆلدى، مۇنچە ئەسكەر ئەۋەتىلدى» دەيدۇ. لېكىن بۇ مەلۇماتلار «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەن سوئالغا تولۇق جاۋاب بولالمايدۇ.
بارىن قىرغىنچىلىقىنى «ۋىجدان تاموژنىسى»دىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇچۇرنىڭ ئەخلاقى بولمىسا، ئۇ ئۇچۇر پەقەت كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدىكى بىر قىلىچتۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان سىستېمىلىق بېسىملار، ئەسلىدە بىر «ئەسلىمىنى يوقىتىش» ھەرىكىتىدۇر. ئەگەر بىر مىللەتنى يوقاتماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئۇنىڭ تارىخ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاڭ، ئۇقۇملىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇڭ ۋە ئۇنى ئۆز جەۋھىرىگە ياتلاشتۇرۇڭ. خىتاينىڭ شۇ كۈنى بارىندا كۆرسەتكەن زوراۋانلىقى پەقەتلا جىسمانىي بىر ھۇجۇم بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە شۇ خەلقنىڭ «كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى»غا بېرىلگەن بىر زەربە ئىدى. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە «ئادالەت» — ھەر بىر نەرسىنى ئۆز جايىغا قويۇشتۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئادالەت، ئۇ جۇغراپىيەنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ ئۆز روھىي يىلتىزى ئۈستىدە ئەركىن نەپەس ئالالىشىدۇر. 1990-يىلى 5-ئاپرېل — بۇ نەپەسنى بوغۇپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىغا قارشى بېرىلگەن بىر ئىنكاستۇر.
1990-يىلى 5-ئاپرېلدا بارىندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بىرەر «ئىستاتىستىكا» ئەمەس، بەلكى بىر دەۋانىڭ شاھىتلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ مىراسى بىزگە بىر مەسئۇلىيەت يۈكلىمەكتە: ھەقىقەتنى تەھقىق قىلىش، ئۇچۇرنى ئەخلاق بىلەن سۇغىرىش ۋە ئادالەتنى نېمە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر قوغداش. تارىخ پەقەت ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارلا ئەمەس؛ تارىخ بۈگۈننىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ۋە ئەتەنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر ئېنېرگىيەدۇر. بارىننىڭ ئېنېرگىيەسى مەزلۇمنىڭ ئاھ-زارى بولۇش بىلەن بىرگە، ئادالەتنىڭ بىر كۈنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان بىر ئىماندۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ ئىماننى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملەش ۋە «ئىنسان» بولۇپ قېلىش غۇرۇرىنى ھەر قانداق تېخنىكىلىق ۋە سىياسىي بېسىمدىن ئۈستۈن تۇتۇشتۇر. چۈنكى كۆك گۈمبەز ئاستىدا ئېيتىلغان ئەڭ ھەقىقىي سۆز شۇكى: ھەقىقەتنى بېسىم ۋە زۇلۇم بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ؛ ئۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە مۇۋاپىق يۈرەكنى تاپقاندا قايتىدىن بىخ سۈرىدۇ. بارىن ئەنە شۇ بىخلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بىخ بىر كۈنى چوقۇم ھەيۋەتلىك بىر چىنارغا ئايلىنىدۇ.
ئىزاھات:
[1] قۇرئان كەرىم، بەلەد سۈرىسى، 4-ئايەت: «بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە (يەنى دۇنيانىڭ مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىدىغان قىلىپ) ياراتتۇق»
مەنبە: Yeni Haber