ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش تۈرى (URAP) بارىن ئىنقىلابىنىڭ 36 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئادالەت ئىزدەش ئۈچۈن دۇنيانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
ئوتتاۋا: ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش تۈرى (URAP) بارىن ئىنقىلابىنىڭ 36 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ھەمدە بۇنى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ سىمۋولى ۋە تۈپ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان كۈرەشنىڭ نامايەندىسى دەپ تەسۋىرلىدى.
URAP ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىنقىلاب 1990-يىلى 5-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق بارىن يېزىسىدا باشلانغان. ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلغان ئىدى. بۇ نامايىشلارغا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرىي تېڭىلغان توغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، جۈملىدىن مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قىلمىشلىرىغا بولغان غەزەپ-نەپرەتمۇ تۈرتكە بولغان.
URAP نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىنچ باشلانغان نامايىش خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە زور تۈركۈمدىكى ھەربىي كۈچ چىقىرىپ ئىنقىلابنى باستۇرغان. باياناتتا: «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىنغان» دەپ قەيت قىلىندى ھەمدە تالاپەتنىڭ ئېنىق سانىنى بېكىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مەزكۇر تەشكىلات بارىن ئىنقىلابىنى رايوندىكى دۆلەت زۇلۇمى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ تەسۋىرلىدى. URAP باياناتىدا يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قاراشلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى.
مۇھەممەت توختىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن URAP مۇنداق دېدى: «36 يىلدىن كېيىنمۇ بارىننىڭ روھى ياشىماقتا. ئۇ يالغۇز بىر قېتىملىق ۋەقە بولماستىن، بەلكى كېيىنچە كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەت ئەلدىكى زىيانكەشلىك قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇشى ئىدى».
باياناتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئېتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. بۇ خاتىرە كۈنى ياد ئېتىش پەيتى بولۇشتىن سىرت، يەنە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن بىر ھەرىكەت چاقىرىقىدۇر.
URAP ھۆكۈمەتلەرنى، خەلقئارالىق ئاپپاراتلارنى ۋە مەدەنىي جەمئىيەت پائالىيەتچىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى تونۇشقا، بارىن ئىنقىلابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆتمۈشتىكى ۋەھشىلىكلەر ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوللاشقا ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە چەت ئەلدىكى زىيانكەشلىككە ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرگە قارىتا ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئادالەت، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يەر شارى مىقياسىدا ھەمجەھەت بولۇشقا چاقىردى ھەمدە قۇربانلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ قالدۇرغان مىراسلىرىنىڭ خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرگە ئىلھام بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
(ANI)