كانادا خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك

جىم ۋورمىڭتون (ئالىي تەتقىقاتچى)، يالقۇن ئۇلۇيول (خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى) | 2026-يىلى 1-ئاپرېل، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW)

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىينىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەشتىكى سۇسلۇقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خەلقئارالىق بېسىمنى ئاجىزلىتىۋېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.

پارلامېنت ئەزاسى مايكىل مانىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دوكلاتلىرىغا گۇمان بىلەن قارىغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان كارنىي، 30-مارت تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا كانادانىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكى مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتتى. ئەمما خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىۋاسىتە سورالغاندا، كارنىي: «خىتاينىڭ بەزى رايونلىرىدا خەۋپ تېخىمۇ يۇقىرى،» دەپلا جاۋاب بەردى.

كارنىينىڭ بۇ مۈجمەل سۆزلىرى، خىتاينىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى پاختا، ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلار ساھەسىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن سىستېمىلىق تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر كەڭ كۆلەملىك پاكىتلارغا سەل قارىغانلىقتۇر. ب د ت، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇستەقىل ئورگانلار بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ھەققىدە ئىزچىل دوكلات بېرىپ كەلمەكتە.

كارنىينىڭ بۇ پوزىتسىيەسى يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رەسمىي باياناتلىرىدىنمۇ چەتنەپ كەتكەن. 2021-يىلى 1-ئايدا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى (Global Affairs Canada) كارخانىلارنى ئۇ يەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مەسلىھەتنامە ئېلان قىلغان ئىدى.

كارنىي باياناتىدا يەنە «كانادانىڭ بالىلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى. شۇنداقتىمۇ، كارنىي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىشىنى توسىدىغان قانۇنلارنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلالمىدى. شۇنداقلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆرنەك قىلغان، تەمىنات زەنجىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى بويىچىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىدى.

كانادانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق» دەپ پەرەز قىلىش مېخانىزمى يوق. ھالبۇكى، بۇ نۇقتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ يادرولۇق ئالاھىدىلىكىدۇر. ئامېرىكا دائىرىلىرى ئالدىنقى ئايدا كانادانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 دۆلەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كاناداغا قاراتقان ئاشكارا دۈشمەنلىكى ئالدىدا، كارنىي سودا شېرىكلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مەقسىتىدە كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك؛ ئۇنداق بولمايدىكەن، كانادا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي، خەۋپسىزلىك ۋە ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەۋەككۈلچىلىكلەرنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان «تۆۋەن ھوقۇقلۇق» ئىقتىسادنى پەيدا قىلىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

باش مىنىستىر كارنىي كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا كانادانى ئالغا يېتەكلەۋاتقاندا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئېنىق ۋە كەسكىن ئەيىبلەش قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، كانادانىڭ تاشقى ۋە سودا سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تۈۋرۈكىگە تايىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىشى لازىم.