شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرى دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان رايونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

تۈركىستان ۋاقت تورى، 10-ئاپرېل، ئىستانبۇل: ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP)  2026-يىلى 9-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ۋەزىيىتىگە ئائىت مۇھىم بىر دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەتقىقات مۇدىرى دوكتور ھېنرىك شادزىيېۋىسكى تەرىپىدىن تەييارلانغان «يېڭى دوكلات شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىنى كۆرسىتىپ بەردى» ناملىق بۇ مەخسۇس دوكلات، خەلقئارالىق مۇھىت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان ئېغىر پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى «قاردەك ئاپئاق تاغلار ۋە سۈيى سۈزۈك تاغ كۆللىرى بىلەن ئورالغان، مۇھىتى ھېچقانداق بۇزۇلۇشقا ئۇچرىمىغان بىر گۈزەل ۋە تىنچ ماكان» سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ كەلمەكتە. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىل سۈنئىي مەنزىرە تەشۋىقاتلىرى ئاساسلىقى خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى قىستاڭچىلىق ۋە بۇلغانغان شەھەرلەردىن قېچىپ ئارام ئېلىشنى خالايدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، دوكلاتتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار رايوندىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ بۇ ساختا تەشۋىقاتلارغا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاشكارىلىدى.

دۇنيا ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئورگىنى بولغان IQAir نىڭ 2025-يىللىق دۇنيا ھاۋا سۈپىتى دوكلاتىدىكى بايقىلىشلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەر شەرقىي ئاسىيا بويىچە ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 15 شەھەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئالتە ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ «قارا تىزىملىك»تىكى شەھەرلەر خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، بەشئۆلۈك ۋە تۇرپان قاتارلىقلار بولۇپ، رايوننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەن شەھىرى ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى (PM2.5 مىقدارى 109.6) بىلەن پەقەت شەرقىي ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بويىچىمۇ ھاۋاسى ئەڭ ناچار ئىككىنچى شەھەر بولۇپ باھالانغان.

بۇ ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىسى شەرقىي ئاسىيادىكى ئالدىنقى 15 نىڭ ئىچىگە كىرىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ بەشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 100 شەھەر تىزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ، مەزكۇر شەھەرلەردە ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ بولغان PM2.5 نىڭ مىقدارى ئىنتايىن خەتەرلىك دەرىجىگە يەتكەن. PM2.5 كۆرسەتكۈچى دىيامېتىرى 2.5 مىكرومېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان ھاۋادىكى زەھەرلىك زەررىچىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل زەررىچىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆپكىسىنىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىغا كىرىپ كېتەلەيدىغان، ھەتتا قان ئايلىنىش سىستېمىسىغىمۇ سىڭىپ كىرەلەيدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئىس-تۈتەكلىرى، سانائەت جەريانلىرى ۋە تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ خەتەرلىك بۇلغىما ھېسابلىنىدۇ.

دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇ خىل يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى PM2.5 زەررىچىلىرىگە ئۇزۇن مۇددەت ئۇچراش نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئادەم ئۆمرىنىڭ قىسقىرىشى قاتارلىق ئېغىر ساغلاملىق كىرىزىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ ئۆلچىمى بويىچە بۇ زەررىچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مىقدارى 5 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك بولسىمۇ، خوتەن ئاھالىلىرى ھەر كۈنى نەپەسلىنىۋاتقان زەھەرلىك ھاۋا مىقدارى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن تەخمىنەن 22 ھەسسە يۇقىرى بولغان؛ شۇنىڭدەك، قەشقەردىكى بۇلغىنىش دەرىجىسىمۇ خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 17 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، رايوندىكى باشقا شەھەرلەردىمۇ ئوخشاشلا دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر زەھەرلىنىش ۋەزىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ مۇنداق يۇقىرى چېكىگە يېتىشى يېڭى پەيدا بولغان تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس بولۇپ، IQAir نىڭ 2018-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بۇ رايوندىكى مۇھىت كىرىزىسىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوتەن شەھىرى ئۇدا سەككىز يىل جەريانىدا ھەر يىلى شەرقىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان بىرىنچى شەھەر بولۇپ كەلگەن بولسا، قەشقەر شەھىرى ئۇدا سەككىز يىل ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، شۇنداقلا ئاقسۇ، شىخەنزە قاتارلىق باشقا شەھەرلەرمۇ تەكشۈرۈلگەن يىللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە بۇ «قارا تىزىملىك»نىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن.

شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان بۇ ناچار تىزىملىكلەردە مۇقىم ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى، رايوندىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم داۋاملىق ئېغىرلىشىۋاتقان بىر خاھىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. دوكلاتتا سېلىشتۇرۇلۇشىچە، خىتاينىڭ 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە PM2.5 مىقدارى 29.6 غا چۈشكەن ۋە خىتاي مىقياسىدا ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى تەرغىب قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىنىڭ ھاۋاسى ئەكسىچە يامانلىشىپ، بۇلغىنىش مىقدارى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

تارىخىي ۋە ئارخىپ مەلۇماتلىرىغا تايانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى قۇرۇلمىلىق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى خىتاينىڭ خاتا سانائەت سىياسىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئامېرىكادىكى ۋىلسون مەركىزىنىڭ 2011-يىلدىكى دوكلاتىدا ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تېخى 2007-يىلىلا كۆمۈر ئېنېرگىيەسىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىش ۋە مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ بولغان بولۇپ، چەكسىز كان ئېچىش، ئېغىر سانائەت پائالىيەتلىرى ۋە كونترولسىز قېزىلىۋاتقان يەر ئاستى بايلىقلىرى بۇ مۇھىت ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ۋەيران قىلغان.

2016-يىلىغا كەلگەندە بۇ رايون خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان مەركەزگە ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، پۈتۈن خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان ئون شەھەرنىڭ ئالتىسى دەل شۇ يەرگە جايلاشقان ئىدى. يېقىندا تارقىتىلغان «ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ھاۋا تەتقىقات مەركىزى» (CREA) نىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىدا ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ مۇھىت كىرىزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق سەۋەبى خىتاينىڭ ئېغىر بۇلغىما چىقىرىدىغان ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان سانائەت ئوبيېكتلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىدىن غەربكە يۆتكىگەنلىكىدىن بولغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى يەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

ئېغىر سانائەتنىڭ بۇ خىل «غەربكە كۆچۈرۈلۈشى» ئەمەلىيەتتە خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى مەقسەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرى ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قەستەن ھالدا بايلىق مول بولغان ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىپ كەلتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇنلىغان يېڭى «كۆمۈرنى خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارغا، يەنى يېقىلغۇ ۋە باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇش» تۈرلىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ سىياسەت خىتاينىڭ شەرقىي قىسىم ئۆلكىلىرىنىڭ ھاۋاسىنى پاكىزلاش ئۈچۈن، مۇھىت يۈكى ۋە خەتەرلىك بۇلغىمىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا رەھىمسىزلەرچە دۆۋىلەشنى مەقسەت قىلغان.

خىتاينىڭ بۇ كەڭ كۆلەملىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى گەرچە رايوندىكى بارلىق ئاھالىلەرگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېغىر زىيىنى ئېتنىك جەھەتتىن تەكشى تەقسىملەنمىگەن بولۇپ، ئاساسلىق قۇربانلار يەنىلا يەرلىك ئۇيغۇرلار بولماقتا. 2020-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 45 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، بىراق ئۇلار دەل مۇشۇ سانائەت بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن؛ ھەتتا 2026-يىلى 3-ئايدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈردىن ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ يەنە بىر ئۇيغۇر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايون — تۇرپاندا رەسمىي باشلانغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، رايوندىكى چۆللۈك ۋە قۇم-بوران قاتارلىق تەبىئىي ئامىللار مەلۇم تەسىر كۆرسەتسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىقابى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سانائەت يۆتكەش قىلمىشلىرى ئاللىقاچان نازۇك بولغان مۇھىتنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلغان. بۇ قورقۇنچلۇق مۇھىت كىرىزىسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن يەرلىك بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سىياسىي زۇلۇم ئاستىدا ئاۋاز چىقىرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇر خەلقى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىلەن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇرلانماقتا.