ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ ئەزالىرى 2025-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسى ئېدمونتون شەھىرىدىكى ئالبېرتا پارلامېنتى ئالدىدىكى ۋىئولېت كىڭ ھېنرى مەيدانىغا جەم بولۇپ، «2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەسلىمە» ناملىق نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. (سۈرەتنى گېتتى سۈرەت ئاگېنتلىقى [Getty Images] ئارقىلىق Artur Widak/NurPhoto تەمىنلىگەن)
ئاپتورلار: سامىر گوسۋامى ۋە نىرولا ئەلىما (ئوبزورچىلار)
The Hill گېزىتى - 2026-يىلى 11-ئاپرېل
بېيجىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا ئۆزىنىڭ 15-بەش يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلغاندا، خەۋەر تېمىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئارزۇسىغا مەركەزلەشتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئارزۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ ئۇل ئەسلىھەلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈنمەيۋاتىدۇ.
يېڭى پىلان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك مىللەتلەرنى نىشان قىلغان، دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېنىق لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىشچىلارنى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ موتورى سۈپىتىدە رەھىمسىزلەرچە ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى داۋاملىق ئېزىشى ئۇنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم مىنېرال بايلىق بازارلىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش نىشانىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەرزان ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشىش ئارقىلىق، بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ئادىل رىقابەتلىشەلمەيدىغان بىر خىل قۇرۇلمىلىق ئەۋزەللىك يارىتىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ترامپ ماي ئېيىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ ئەندىشىلەرنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىشى كېرەك.
تەشكىلاتىمىز سىياسەت ھۆججەتلىرىنى تەھلىل قىلدى، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي رەھبەرلىكى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى بېكىتىدىغان يىللىق يىغىن — «ئىككى يىغىن»دا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىز غەربنىڭ تېخنىكا ۋە مۇداپىئە سانائىتى ئىچىدە سىستېمىلىق ھالدا جىمجىت جۇغلىنىۋاتقان، ئېغىر خورلاشلار ئۈستىگە قۇرۇلغان خەتەرلىك ئىستراتېگىيەلىك بېقىنىشلىقنى بايقىدۇق.
يېڭى پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى — ھالقىلىق تېخنىكىلىق بېقىنىشلىقنى تۈگىتىش ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ تاشقى بېسىم ياكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، خىتاينى «دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپى»گە جايلاشتۇرۇشتۇر. بۇ نىشانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى خام ئەشيالارغا كەڭ كۆلەمدە ۋە ئىشەنچلىك ئېرىشىشكە باغلىق. شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەل بۇ نۇقتىدا مەركىزىي ئورۇنغا ئىگە.
مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بېرىللىي زاپىسىنىڭ %83.5 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشتا ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان بىر خىل ماتېرىيالدۇر. خىتاي دۇنيادىكى لىتىي تۆمۈر فوسفات باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %99 نى كونترول قىلىدۇ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىنېرال بايلىقىغا تايىنىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول كۆمۈر زاپىسىدىن پايدىلىنىپ، مىنېرال ماددىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان تولۇقلىما ياردەم بېرىلگەن ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ باھاسى ھەر كىلوۋات سائىتىگە تەخمىنەن 2.7 سېنت ئەتراپىدا. ئامېرىكادا بولسا بۇ تەخمىنەن 7.5 سېنت، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولسا 22 سېنت. ئېنېرگىيە تىتان، ماگنىي ۋە لىتىي قاتارلىق ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش تەننەرخىنىڭ %40 تىن %60 كىچە بولغان قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پەرق غەرب ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئادددىيلا رىقابەتلىشەلمەيدىغان قۇرۇلمىلىق رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يارىتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىنېرال بايلىقتىكى ئەۋزەللىكى پەقەت تولۇقلىما بېرىلگەن ئېنېرگىيەدىنلا كېلىپ چىقمايدۇ: ئۇ يەنە بۇ بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە دۆلەت تەرىپىدىن سىستېمىلىق يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىلىرىغا تايىنىشتىن كېلىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پىلانلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە بەكلا تايىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھۆكۈمەت بۇ سىستېمىنى كېڭەيتىش، ئۇنى سىستېمىنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلماقتا.
خىتاي سۈنئىي ئىدراكتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى نازارەت قىلماقتا ۋە ئارخىپ تۇرغۇزماقتا، ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا تۈرگە ئايرىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. بۇنىڭغا سۇكۇت قىلىشتىن باشقا تاللاش يوق. رەت قىلىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش دەپ قارىلىپ، تۈرمىگە تاشلىنىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن»دا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنى»نى ماقۇللىدى. بۇ بارلىق رەسمىي ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە «خەنزۇ تىلى بىرىنچى» سىياسىتىنى تۇرغۇزىدىغان ۋە بىرلا خىتاي كىملىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان كەڭ دائىرىلىك بىر قانۇن ھۆججىتىدۇر. بۇ قانۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نىشانىنى پۈتۈن جەمئىيەتتىكى قانۇنىي مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ نېمە دېيەلەيدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى چەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نازارەتنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىنى چىڭىتىدۇ.
بۇ پەقەت قۇرۇق گەپ ئەمەس — سىياسەتلەر بەش يىللىق پىلانلاردا بېكىتىلگەندە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تېز ھەرىكەتكە كېلىدۇ. يېڭى بەش يىللىق پىلان ئېلان قىلىنغان ئوخشاش بىر كۈندە، شەرقىي تۈركىستان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە 18 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت 92 كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ كېلىشىملەر ئېنېرگىيە، ھالقىلىق مىنېراللار، ھېسابلاش ۋە ياسىمىچىلىق ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇ تەرەققىياتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل سانائەت زەنجىرىدىكى رولىنى تېخىمۇ زورايتىشقا بولغان كەڭ كۆلەملىك ئىنتىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ھالقىلىق مىنېراللار دۇنيا بازارلىرىغا يېتىپ بارغىچە، ئۇلارنىڭ باھاسى مەجبۇرىي شارائىت ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توك تەننەرخى ۋە دۆلەتنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن ئەمگەك كۈچىنىڭ يوشۇرۇن تەننەرخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بولغان بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەۋزەللىكتىن بەھرىمەن بولالمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا جەھەتتە رىقابەتلىشەلمەيدۇ. توك خىتاينىڭ دۆلەتلىك تورىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى يوقىلىدۇ، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىن يىراقتا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوشۇرۇن تولۇقلىمىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما نازارەتچىلەر ۋە سېتىۋالغۇچىلارغا تولۇق ماس كېلىدىغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ترامپ كېلەر ئايدا خىتايغا بارغاندا، ئامېرىكانىڭ پەقەت ئەركىن ۋە ئادىل سودا ئاساسىدىلا رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى، سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ھالقىلىق مىنېرال بازارلارنى كونترول قىلىشقا بولغان ئۇرۇنۇشلارغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.
ھۆكۈمەت بۇ يۆنىلىشتە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشقا باشلىدى، ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان ماللارنىڭ ئۆز بازارلىرىغا كىرىشىنى قانداق توسايدىغانلىقىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە چاقىردى. ھۆكۈمەت يەنە شېرىكلەرنىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئامېرىكا يەنە 2021-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار ھەر قانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە. ئەڭ مۇھىمى، بىز خىتاينىڭ داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي جەمئىيەتلەرنى داۋاملىق قوللىشىمىز كېرەك.
خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ھالقىلىق مىنېرال بازارلاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن پۈتۈن ھۆكۈمەت كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. ئامېرىكا بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.