خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قەدەملىرى توختاپ قالغىنى يوق: قەشقەر ۋە خوتەندە قۇرۇلغان يېڭى ناھىيەلەر، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ۋەتىنىدە ئۇلارنى ئۆز يىلتىزىدىن ياتلاشتۇرۇش ۋە مىللىي روھىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكەتتۇر.
11.04.2026
شى جىنپىڭ ئىدارە قىلىۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىدە سۈرئەتنى ئاشۇردى. «شىنجاڭ» يالغانچىلىقى بىلەن بېسىۋېلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي، ئەمدىلىكتە رايوننىڭ مەمۇرىي خەرىتىسىنى «شېڭلىڭ»، «خېئەن» ۋە «خېكەن» دېگەندەك يات ئىسىملار بىلەن قايتىدىن سىزىپ، جۇغراپىيەنى ئۆز كىملىكىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا.
قەشقەردىكى بىر بېسىۋېلىش ھەرىكىتى: شېڭلىڭ (Xinling)
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەلبى، جۇغراپىيەنىڭ قەدىمىي مەركىزى قەشقەردە، 27-مارت كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلەت كابىنېتىنىڭ تەستىقى بىلەن «شېڭلىڭ» (Xinling) ناملىق يېڭى بىر ناھىيە قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر «تەرەققىيات خۇشخەۋىرى» سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بۇ خەۋىرى، قەشقەرنىڭ ئىسلامىي ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا قارىتىلغان پىلانلىق بىر ھۇجۇمنىڭ پارچىسىدۇر.
رايوندىكى يەرلىك ئىسىملارنىڭ (دىنىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىغا ئىگە بولغانلارنىڭ) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خىتايچە ئىسىملار بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئەسلىمىسىدىن ئۆز يىلتىزىغا بولغان باغلىنىشىنى يۇلۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشتۇر.
خوتەندىن كەشمىرگىچە سوزۇلغان قورشاۋ
2025-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق قىلىپ قۇرۇلغان خېئەن ۋە خېكەن ناھىيەلىرى بولسا، مەسىلىنىڭ پەقەت ئىچكى ئاسسىمىلياتسىيە بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايون خاراكتېرلىك بىر كېڭەيمىچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ يېڭى مەمۇرىي بىرلىكلەرنىڭ كەشمىرنىڭ لاداخ رايونى بىلەن تۇتىشىشى يېڭى دېھلىنى جىددىي ھالەتكە كەلتۈردى. خىتاينىڭ «چېگرانى تۈزەش» نىقابى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكىتى، ھىندىستان تەرىپىدىن «قانۇنسىز بېسىۋېلىش» دەپ سۈپەتلىنىپ نارازىلىق بىلەن قارشى ئېلىندى.
بېيجىڭنىڭ بۇ قەدەملىرى، بىر تەرەپتىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئۆز تۇپرىقىدا «مۇساپىر» قىلىپ قويىدىغان بىر نوپۇس قۇرۇلۇشى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ھەربىي-مەمۇرىي بىرلىكلەر بىلەن مۇستەھكەملەش تىرىشچانلىقىدۇر.
ئىمپېرىيالىست خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى، غەربنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» تېمىسىنى قۇرۇق سۆز ئورنىدا ئىشلىتىپ ھەل قىلىش چارىسى ئىشلەپچىقارمىغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بولسا كۆپىنچە سۈكۈتتە تۇرغان بىر «ئىمانقىرغىن» جەريانىدۇر.
ئىمان قىرغىنى: خىتاينىڭ بىر مىللەتنىڭ دىنى ۋە روھىنى ئۆلتۈرۈش تەشەببۇسى
يەر ئىسىملىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىش تىرىشچانلىقىدۇر. «قەشقەر» ئىسمى پەقەت بىر شەھەر نامىلا ئەمەس، بەلكى بىر روھنىڭ سىمۋولىدۇر.
يېڭى قۇرۇلغان ھەر بىر ناھىيە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رايونغا تېخىمۇ كۆپ ساقچى كۈچى، تېخىمۇ كۆپ نازارەت كامېراسى ۋە تېخىمۇ كۆپ «ئىدىيەۋى تەربىيەلەش مەركىزى» (يىغىۋېلىش لاگېرى) ئورۇنلاشتۇرۇشى دېگەنلىكتۇر.
ئىسلام ئالەمىدىكى ئەڭ چوڭ مەزلوم جۇغراپىيەلەرنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان، پەقەت بىر «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بىر «ئىمان ۋە غۇرۇر» مەسىلىسىدۇر.
مەنبە: ئۇيغۇر خەۋەر، باران ژۇرنىلى