قازاقىستان شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن پائالىيەتچىلەرنى قاماققا ھۆكۈم قىلدى

(ئەسكەرتىش: خەۋەرنىڭ مەنبەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامى شىنجاڭ دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.)

بۈگۈن قازاقىستاندا بىر سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تىنچلىق نامايىشقا قاتناشقان 19 نەپەر قازاقىستان پۇقراسىنى جىنايەتچى دەپ بېكىتتى.

2025-يىلى نويابىردا يۈز بەرگەن مەزكۇر نامايىش جەريانىدا، «نەقىز ئاتاژۇرت پىدائىيلار گۇرۇپپىسى» نىڭ پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇلار 2025-يىلى ئىيۇلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئەسلى كېلىپ چىقىشى شەرقىي تۈركىستاندىن بولغان قازاقىستان پۇقراسى ئالىمنۇر تۇرغانباينى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى، شۇنداقلا خىتاي بايراقلىرىنى ۋە پىرېزىدېنت شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈردى.

نامايىشتىن بىر كۈن كېيىن، خىتاينىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى قازاقىستان دائىرىلىرىنى «مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش»قا ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك دائىرىلەر پائالىيەتچىلەر ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈش باشلىدى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 11 نەپەر پائالىيەتچى «ئىختىلاپ قوزغاش» جىنايىتى بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ ئىككى ئايالنىڭ جازا مۇددىتى كىچىك بالىسى بولغانلىقى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن. يەنە سەككىز كىشىگە ئوخشاش جىنايەت بىلەن قاماقسىز «ئەركىنلىكىنى چەكلەش» جازاسى بېرىلگەن. سوت مەھكىمىسى بارلىق ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۈچ يىلغىچە جەمئىيەتلىك ياكى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىگەن.

قازاقىستان دائىرىلىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىگە قارىماي، تەنقىدىي ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن تەسۋىرلىنىشى مۈجمەل ۋە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان «ئىختىلاپ قوزغاش» جىنايىتىدىن ئۇزۇندىن بۇيان سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغان مۇشۇنداق چوڭ بىر پائالىيەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى تۇنجى قېتىم قاماققا ھۆكۈم قىلىشىدۇر.

قازاقىستان خىتاي بىلەن ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسىگە ئىگە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خېلىلا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە قازاق دىياسپوراسىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. 2016-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «26 سەزگۈر دۆلەت»نىڭ بىرىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان ياكى ئۇ يەرلەرنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خالىغانچە قاماش ئارقىلىق جازالاپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چەت ئەلدىكى تەنقىدچىلەرگە قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» دەپ ئاتالماقتا.

قازاقىستان دائىرىلىرى ئىلگىرى بېيجىڭنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى نامايىش قىلغان پائالىيەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالغان، ئۇلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغان ۋە قىسقا مۇددەتلىك قاماققا ئالغان ئىدى، ئەمما «ئاتاژۇرت» پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە تۈركۈملەپ ئەيىبلىنىشى ۋە ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنىشى قورقۇنچلۇق بىر سىگنال بەرمەكتە: قازاقىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى ئاشكارا نامايىش قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. بۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەيىبلەش ۋە جازالاش ئارقىلىق، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بىلەن كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلىشقا تولۇق تەييار ئىكەنلىكىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ قويدى.

مەنبە: https://www.hrw.org/news/2026/04/13/kazakhstan-jails-activists-for-peaceful-xinjiang-protest