«ئەي گۈزەل قەشقەر!» دېگەن سۆزنىڭ سىرى

 
بۇ سۆزنى ھەر ئاڭلىغاندا قەشقەرلىكنىڭ ئىچىدىن بىر نەرسە يۇلۇپ ئېلىنىۋاتقاندەك، بالىلىقى، ئۆيى ۋە پۈتكۈل روھى ئەسلەش ئىچرە قايتىدىن ئاۋازاغا كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
 
«ئەي گۈزەل قەشقەر!» ياكى «ئەي ئەزىزانە قەشقەر!» دېگەن بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم كىم ئېيتقان؟ بىلمەيمەن.
 
بەلكىم بىر قەشقەرلىك مۇساپىر كارۋانىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، بەلكىم بىر ئانا نەۋرىسىنى قۇچاقلاپ ئەللەي ئېيتقاندا، بەلكىم ماڭا ئوخشاش يېراق ئەللەردىكى بىر مۇھاجىر، ھەسرەت بىلەن كۆزلىرىنى يۇمغاندا ئېيتقان بولىشى مۇمكىن.
 
چۈنكى بۇ سۆز ئۆز ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا ئۇ يېڭىدىن تۇغۇلىدۇ، ھەر بىر قەلبتە ئۇ باشقىچە بىر سادا بىلەن ياڭرايدۇ. چۈنكى ئۇ سۆز ئەمەس، ئۇ بىر سىر. خۇددىي قەشقەرنىڭ ئۆزىدەكلا كۆپ قاتلاملىق بىر سىر.
 
قەشقەرنىڭ ھېكايىسى ئىككى زىتلىق ۋە ئىككى چەكسىزلىكنىڭ قۇچاقلىشىشىدىن باشلىنىدۇ. بىر تەرەپتە، ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان مۇزتاغلار. ئۇلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئاق چاچلىرىدەك ئېرىمىگەن قارلىرى، مىڭ يىلدىن بۇيان ئىگىلمىگەن غۇرۇرلۇق قەددىي قامىتى. ئۇلار گويا ۋىجداننىڭ پاكلىقىنىڭ نامايەندىسىدەك ئاپئاق، ئەمما، سۆزسىز.
 
يەنە بىر تەرەپتە، يەرنىڭ باغرى، ياپ - يېشىل ۋادىلار، كىچىك بالىلار قۇياشقا ئوخشىتىغان يۇمىلاق ئوتلۇق ئانار ۋە ئەنجىرلىك باغلار... ئىككى تەرىپى يا ئىپار ھىدى چېچىپ تۇرىدىغان جىگدە دەرىخى ياكى مەغرۇر سۇۋادان تېرەكلىرى بىلەن ئورالغان يېزا يوللىرى...
 
بۇ ئىككى زىتلىق ۋە بۇ ئىككى چەكسىزلىك ئارىسىدا تاۋلانغان بىر ئاجايىپ خەلق ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە مۇزتاغلارنىڭ پاك ۋىجدانى جۇلالانسا، قەلبلىرىدە پايانسىز ئىكىنزارلىقلارنىڭ بەرىكەتلىك مېھرى -مۇھەببىتى سىڭىپ كەتكەن قەشقەرلىكلەردۇر.
 
قەشقەر خەلقى كۆزلىرىدە مۇزتاغنىڭ سالاپىتىنى، يۈرىكىدە مول باغلارنىڭ نۇزۇ-نېمەتلىك مىھرى شەپقىتىنى ساقلايدىغان سىرلىق ئىنسانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئاۋازىدا نە تولۇق شادلىق، نە تولۇق غەم-قايغۇ بار. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈلكىسى گويا مۇز تاغلىرىغا ئوخشاشلا يىراقلارغا تىكىلگەن بىر سېغىنىش، ئازابىمۇ ئىچىدە مەھكەم يوشۇرۇنغان ئۆچمەس ئۈمىدنىڭ ئىپادىسىدۇر.
 
ئۇلارنىڭ تارىخىدا شادلىق ھېچقاچان پۈتۈن بولۇپ بوقمىغان، ھەر بىر بەختنىڭ سايىسىدا بىر يوقىتىش، ھەر بىر كۈلكىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئايرىلىش جاراھىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. شۇڭلاشقا قەشقەرلىكلەرنىڭ مەدىنىيەت ئېڭى دەل مۇشۇ ئىنچىكە ھېسسىياتلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۇغۇلغان.
 
بىر قوشاقتا ھەم توينىڭ شادلىقى، ھەم ماتەمنىڭ ئاھۇ زارى تەڭ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىر داستىخاندا ھەم تۇپراقنىڭ بەرىكىتى، ھەم مىڭ يىللىق ئەسلىمىلەرنىڭ ئىزلىرىنى تەڭ كۆرگىلى بولىدۇ. كىشى ئۇ داستىخاندا ئولتۇرغاندا پەقەت تائامدىن ھۇزۇرلانمايدۇ، بەلكى مىڭ يىللىق بىر ئۆتمۈش بىلەن سىردىشىدۇ.
 
ئات ئۈستىدە شامال بىلەن بىرگە غۇيۇلداپ كېتىۋاتقاندىمۇ، ياكى جىمجىت ھويلىدا مامۇق كۆرپىلەر ئۈستىدە چاي ئىچىشىۋاتقاندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى گويا شېئىرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھايات ئادەتتىكى بىر ياشاش ئەمەس، بەلكى بىر ئۇزۇن مۇساپە. ھەر بىر توختاش بىر تارىخ، ھەر بىر دەقىقە بىر ئەسلىمىدۇر.
 
قېنى ئەسلەيلى! قەشقەرلىكلەر كىم؟
 
سەھەردە تۇنۇرنىڭ ئىسسىق نانلىرى بىلەن غىزالىنىشتىن ئىلگىرى، قوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى قاقىدىغان ئىنسانلار...
 
ھويلىسىدا چاي قاينىغاندا يالغۇز ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، كېلىشى مۇمكىن بولغان نامەلۇم مېھمان ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە دوسقان تەييارلايدىغان ئىنسانلار…
 
بازاردىن ئۆتكەندە سېتىۋالماقچى بولغان ئانارنىڭ باھاسىنى ئەمەس، ئاۋۋال ساتقۇچى بوۋاينىڭ ھالىنى سورايدىغان ئەنئەنىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدۇغۇچىلىرى بولغان ئىنسانلار...
 
ھويلىلىرى كىچىك، ئەمما يۈرىكى كەڭ. داستىخىنى ئاددىي، ئەمما ئۈستىدە مىڭ يىللىق بىر ئەسلىمە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ دۇتار چالغاندا، تارىلارنىڭ نەغمىلىرى ۋە قوشاقلىرىغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ناملىرىنىمۇ قوشۇپ پىچىرلايدىغانلار...
 
«ئەي ئەزىزانە قەشقەر!»
 
بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم رەھمەتلىك دادامنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغاندا، مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم. ئەمدى ئۇ ئاۋازنى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايمەن. ئەمما ئۇ ھەرگىز قۇلىقىمدىن كەتمەيدۇ.
 
قەشقەر تۇپرىقىنىڭ تارىخى پەقەت بىر شەھەرنىڭ تارىخىلا ئەمەس، پۈتكۈل بىر مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكىدۇر.
 
سۇتۇق بۇغراخان بۇ يەردە ئىسلامنىڭ تۇنجى نۇرىنى بىلەن نۇرلانغاندا قەشقەر شەھەر بولۇشتىن ھالقىپ، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى نىشانىنى بەلگىلەيدىغان كومپاسقا، ئىلاھىي بىر غايىگە، ۋىيانانىڭ دەۋزىسىغىچە يېتىپ بارغان ئەئلايى كەلەمىتۇللاھنىڭ نەرىسىگە ئايلانغان ئىدى.
 
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» نى مۇشۇ تۇپراقتا يازغاندا، ئۇ ئەدەبىيات ئەمەس، بىر خەلقنىڭ ھەم ئەخلاق دەستۇرىنى ھەم ئىسلام بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەئەنىۋىي دۆلەت ئەقلىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ھاكىمىيەت نىزامنامىسىنى ياراتقان ئىدى.
 
ئادالەت، ئەقىل، ئېتىقاد، ساخاۋەت ۋە ئاخىرەت قەشقەر ئەخلاقىنىڭ تۈپ يىلتىزى بولۇپ قالغان ئىدى.
 
مەھمۇد قەشقەرى ئۆز تىلىنى، يەنى بىزنىڭ تىلىمىزنى مۇشۇ يەردە جەم قىلىپ، «دىۋانۇل لۇغاتىت -تۈرك» نى يازغاندا بىر لۇغەت سۈپىتىدىلا ئەمەس، بىر مىللىي مۇداپىئە قورغىنى سۈپىتىدە يازغان ئىدى.
 
«بىز بارمىز، بىزنىڭ سۆزىمىز بار، بىزنىڭ سۆزىمىز بىلەن ئالەم بار»
 
بولۇپمۇ شۇ ئۈچ ئاساس؛ ئېتىقاد، ئەخلاق، تىل، قەشقەرنىڭ ئۈچ تۈۋرۈكى بولغان ئىدى. بۇ ئۈچ تۈۋرۈك ئۈستىدە نى نى خانلىقلار قۇرۇلدى، كارۋانلار توختىدى، مەدرىسەلەر گۈللەندى، شائىرلار تۇغۇلدى، ئالىملار كۆز يۇمدى.
 
ئەينى زاماندا قەشقەر، شەرق بىلەن غەربنىڭ بىرلەشكەن يۈرىكى بولدى. يىپەك يولىنىڭ توزانىدا خىتاي، ھىندىستان، ئىران، بىزانس قەشقەر ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇراتتى ۋە ھەممىسى قەشقەردە توختاپ چاي ئىچىپ، قەشقەرنىڭ ئىسسىق نانلىرىنى تېتىپ ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇراتتى.
 
ئەمما تارىخ، بىر چوڭ دەريا. ئۇنىڭ سۈيى گاھىدا بال، گاھىدا قان.
 
1955-يىللىرى، قەشقەرنىڭ مول داستىخىنى باشقىچە بىر ھال ئالدى. ئاشلىق تۈگىدى، ئاچارچىلىق كەلدى. تەبىئي ئاپەت سۈپىتىدە ئەمەس. ئىشغالچى قىزىل خىتاينىڭ قەستەن سىستېمىلىق يوقۇتۇش پىلانى بىلەن.
 
بىر قانچە ئاي ئىچىدە بۇ ئەزىز زېمىن، بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن دەپنە قىلغان ئانىغا ئوخشاپ قالدى.
 
ئەللىك بەش مىڭ كىشى.
 
بۇ ئەللىك بەش مىڭنىڭ ھەر بىرسى بىر ئىسىم، ھەر بىرسىنىڭ بىر ئانىسى، بىر بالىسى، بىر قوشنىسى، ھەتتا قەشقەرچە خوشچاقچاقلىرى بىلەن ئىنسانلارنى كۈلدۈرىدىغان پاراڭ ئۇستازلىرى ئىدى.
 
ئەللىك بەش مىڭ داستىخان بوش قالدى. ئەللىك بەش مىڭ چىنە چىقىلدى. ئەللىك بەش مىڭ ئانا ئۆز بالىلىرىنىڭ ئاچلىقتىن يېرىلغان قاقشال لەۋلىرىگە ۋە بىر تىرە بىر سۆڭەككە ئايلانغان بەدەنلىرىگە كۆز ياشلىرىنى تامچىتتى. ئەمما كۆز يېشى نە ئۈسسۇزلۇقنى، نە ئاچلىقنى قاندۇرالمايتتى. ئەللىك بەش مىڭ مۇھەببەت بىر بىرىدىن ئايرىلدى. ئەللىك بەش مىڭ دۇئا ئىجابەت جاۋابىنى ئالماي تۇرۇپ ئاخىرەتكە يول ئالدى. بەلكى ئاخىرەتتە شاھادەت مەرتىبىسى ئۈچۈن لەۋھۇل مەھپۇزغا قايتا پۈتۈلدى. ئەللىك بەش مىڭ جان ئاچلىقتىن تېپىرلاپ جان بەردى.
 
شۇ كۈندىن باشلاپ، قەشقەرلىكنىڭ شاتلىقى يېرىم، بىر كۆزى ياش، ئىچىگە يۇتۇلغان نەپەس، ئۇنتۇلمىغان ئىسىم ئايرىلماس قىسمىتىگە ئايلاندى.
 
بۇ ۋەھشىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىغا ئۇرۇلغان ئەڭ ئېغىر پالتا، يۈرىكىگە ئويۇلغان ئەڭ چوڭ جاراھەت بولدى. شۇ سەۋەبتىن، قەشقەرلىكنىڭ ئەڭ خۇشاللىق دەقىقىلىرىدىمۇ ئۆتمۈشنىڭ ئەشۇ دەھشەتلىك ئازابىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بىر تويدا ياڭرىغان جۇشقۇن مۇزىكىنىڭ تۇيۇقسىز مۇڭلۇق ھال ئېلىشى، بىر كۈلكىنىڭ ئىچىدە كۆز يېشىنى يوشۇرۇشتىكى قەشقەرچە ئۇستىلىق تاسادىپىي ئەمەس. قەشقەر خەلقىنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق شادلىق نۇقسانسىز، تولۇق بولۇپ باققان ئەمەس، ھەر بىر خۇشاللىقنىڭ يېرىمى ئىشغالىيەتنىڭ، مۇستەملىكىنىڭ ۋە يوقىتىلغان ئەزىزلىكىنىڭ ئەلەملىك ئەسلىمىسى بىلەن تولغان. شۇڭا قەشقەر مۇزىكىسىمۇ بۇ كۆپ قاتلاملىق ھېسسىياتلارنىڭ ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ تىترەك ھالىدۇر.
 
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئۆگزىسىدە چېلىنىدىغان سۇناينىڭ ساداسىمۇ يىراق باياۋانلارنى ئەسلىتىدۇ. دۇتتار ۋە تەمبۇرنىڭ ئىنچىكە زارى يوقىتىلغان يىللارنى، خارلانغان ئېتىقادنى ۋە تۇتۇن بولۇپ توزىغان ئارزۇ- ئارمانلارنى كۈيلەيدۇ. قەشقەر قوشاقلىرىدىكى «دەرت-ئەلەم» پەقەت بىر سۆز ئەمەس، بەلكى ئۆز تۇپرىقىدا ياتقا ئايلىنىپ قالغان، ئېتىقادىدىن، ئۆزلىكىدىن ۋە ئازادلىقىدىن يۇلۇپ تاشلانغان بىر مىللەتنىڭ پىغانىدۇر.
 
«ئەي گۈزەل قەشقەر!»
 
بۇ سۆز مەرھۇم ئانامنىڭ ئېغىزىدىن چىققاندا، جىمجىت كېچە ئىدى. گويا خۇشاللىق بىلەن ئەمەس مالامەت بىلەن ئېيتىۋاتقاندەك تۇيۇلغان ئىدى.
 
قېنى بىر سوراپ باقايلى!
 
بىر شەھەرنى نېمە بىنا قىلىدۇ؟
 
تاشلىرىمۇ، ياكى ئۇ تاشلارغا سۆيگۈسىنى سىڭدۈرگەن قەلبلەرمۇ؟ ۋەتەندىن جۇدا بولغان بىر ئىنساننىڭ بىنا قىلىدىغان ۋەتىنى بولامدۇ؟ خەرىتىدىمۇ؟ دۇئاسىدىمۇ؟ ياكى بالىلىرىغا قويغان ئىسىملەردىمۇ؟
 
ئۇنتۇش ئۆلۈمنىڭ ئەڭ خۇپىيەنە بىر تۈرى ئەمەسمۇ؟
 
ۋە ئەڭ چوڭقۇر سوئال:
 
تىلى ياشاۋاتقان بىر خەلقنى ئۆلتۈرگىلى بولامدۇ؟!
 
ئەزىزانە قەشقەر بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۇخلىمايدىغان بىر ئانا سۈپىتىدە كۆزلىرىنى يۇمۇپ ساقلايدۇ.
 
قەشقەر ناخشىسى بۇ جاۋابنىڭ ئەڭ ساپ تەرجىمىسى.
 
دۇتارنىڭ تارلىرىمۇ قىلدەك ئىنچىكە، چېلىنغاندا پەقەت قۇلاققا ئەمەس، ئۇنىڭ تەكتىدىكى يۈرەككە تېگىدۇ. قەشقەر قوشاقلىرىدىكى «دەرت-ئەلەم» بىر مىللەتنىڭ ئەزەلىي پىغانى ئىكەنلىكىنى شىۋىرلايدۇ.
شۇڭلاشقا قەشقەر تويىدا مۇزىكا جۇشقۇن باشلىنىپ، مۇڭلۇق ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا قەشقەر كېلىنى ئانىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىغاندا، ئۈنلۈك يېغا زەرە قىلىنىدۇ. بۇ كۆز ياشلار پەقەت ئايرىلىشتىن ئەمەس، مىڭ يىل ئاۋالقى مومىسىنىڭ ياش تۆكۈش ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
 
«ئەي ئەزىزانە قەشقەر!»
 
بۇ سۆز مۇھاجىرەتتىكى بىر بوۋاينىڭ ئاخىرقى نەپىسىدە ئاڭلىنىدۇ.
 
ئەۋۋال «ئەي ئەزىزانە قەشقەر!»، ئارقىدىن كەلىمە شاھادەت بىلەن كۆزلىرىنى يۇمىدۇ. چۈنكى كۆزى ئالدىغا ئۆلۈمدىن بۇرۇن قەشقەر كېلىدۇ. چۈنكى ئۈمىد قەشقەرلىكنىڭ تاللىشى ئەمەس، ئايرىلماس بىر پارچىسى ۋە ئۆزگەرمەس خاراكتېرى.
 
قەشقەرلىكنىڭ ئۇمىتۋارلىقى سودىغا ئۇستىلىقىدىن، ياكى ھېسسىزلىقتىن، ۋە ياكى دەرت بىلمەسلىكتىن ئەمەس، بەلكى دەرت ئەلەمنى ئەڭ چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىدىندۇر.
 
چۈنكى ئۇلار بىلىدۇ، «ئەي ئەزىزانە قەشقەر!» دەپ باشلانغان ھەر بىر سۆز، ئەمەلىيەتتە ئازادلىققا بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشتۇر. ۋەتەندىن جۇدا بولغان بىز مۇھاجىرلار ئۈچۈن بولسا، يىراقتا قالغان جەننەت يۈرتىغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ دۇئاسىدۇر.
 
چۈنكى ئۇلار بىلىدۇ ، تۇپراق كۈتىدۇ. تاش سۆزلەيدۇ. ئەسلىمە ئۆلمەيدۇ ۋە بۇ تۇپراقنىڭ ئۈستىدە بىر چاغلاردا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەلىمىدىن تىكلەنگەن ئابىدە سۆزلەر بىر كۈنى يەنە ئازادانە ياڭرايدۇ.
 
بىر كۈنى ئەمما چوقۇم بىر كۈنى، قەشقەرنىڭ ھويلىلىرى يېڭى كېلىنلەرنىڭ كۈلكىسى بىلەن تولىدۇ. بىر كۈنى، ھامان بىر كۈنى ئانىلار قەشقەرچە ئەركىن ئەللەي ناخشىلىرىنى ئېيتىدۇ.
 
چوقۇم بىر كۈنى، ھېيتگاھ مەيدانىدا جەم بولغان جامائەت بىر-بىرىگە قاراپ ئازادلىق مارشىنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ ۋە قەشقەرچە چاخچاقلىرىنى ئۇنتۇماي يەنە ئىچ ئىچىدىن قاقاپلاپ كۈلىدۇ.
 
شۇ كۈنى بىزنىڭ بالىلىرىمىز ۋە نەۋرىلىمىز بۇ «مۇھاجىرەت»، «سۈرگۈن»، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دېگەن سۆزلەرنى پەقەت تارىخ كىتابىدىنلا ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ئۇ كۈنى دۇتار، تەمبۇر چېلىنغاندا، نەغمىنىڭ كەينىدە كۆز يېشى بولمايدۇ. «ئەي گۈزەل قەشقەر!»، «ئەي ئەزىزانە قەشقەر!» دېگەن بۇ سۆز جۇدالىقنىڭ نالىسى ئەمەس، ھەقىقىي دىدارلىقنىڭ ناخشىسىغا ئايلىنىدۇ .
قەشقەر ئۇخلىمايدۇ، دوستلار، ھېچقاچان ئۇخلاپ باققان ئەمەس.
 
ئۇ پەقەت كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىرمۇ تىپچەكلەپ سوقۇۋاتىدۇ ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە، ھەر بىر «ئەي گۈزەل قەشقەر!» دېگەن ئاۋازدا، ھەر بىر قايتىپ بېرىش ئارزۇسىدا.
 
ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھېيتگاھقا تىكىلگەن شۇ كۈنى، بىز ئۇنىڭ سايىسىدا توپلاشقاندا، قىلىدىغان دۇئايىمىز پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن بولمايدۇ. قۇرۇغدالغان ئەللىك بەش مىڭ داستىخاننىڭ، يوقۇتۇلماقچى بولغان مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ ۋە شۇنداقتىمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن مىليونلىغان يۈرەكنىڭ ئەرشىنى لەرزىگە سالىدىغان جۇر ساداسى بولىدۇ.
 
ۋە شۇ كۈنى، قەشقەرنىڭ پاك ۋىجدانىنىڭ ئاپئاق تۇغلىرى بولغان مۇزتاغلىرىمىز يەنە مەغرۇر ئەمما جىمجىت قاراپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈنگە ھامان شاھىت بولىدىغانلىقىنى سىلى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ.
 
«ئەي ئەزىزانە قەشقەر!» ئەزىزلىكىڭ مەڭگۈ داۋام قىلسۇن.