يېقىنقى بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سايراگۈل ساۋۇتباي ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كىيېر ستامېرنى لوندوندا خىتاينىڭ غايەت زور ئەلچىخانا بىناسىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئەنگلىيەنىڭ «مۇستەقىللىق گېزىتى» (The Independent) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق مىللىتىدىن بولغان ساۋۇتباي 2017-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ بىرىدە مەجبۇرىي ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزگىلىدە، ئېغىر خورلاش ۋە زىيانكەشلىكلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ باش ۋەزىر ستامېرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتنى خەلقئارا قانۇنلاردىن ئۈستۈن قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
«مۇستەقىللىق گېزىتى» ساۋۇتباينىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن: «نۆۋەتتىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرى بىزنى چوڭقۇر قايغۇ ۋە قورقۇنچقا سالدى». ئۇ يەنە ئەنگلىيەنىڭ خىتاي ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش يولىنى تاللىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەققىدە سۆزلەشكە «ھېچقانداق ھەققى يوق» لۇقىنى قوشۇمچە قىلغان.
ئۇ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر خورلاشلارنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. شۇنداقلا تۇتقۇنلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغان «قارا ئۆي» نىڭ دەھشەتلىك مەنزىرىلىرىنى ئەسلىگەن.
ساۋۇتباينىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكى «تۇتقۇنلارغا قىلغان ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىكلىرى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان سۆزلىرى «مۇستەقىللىق گېزىتى» دە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئۇلار تۇتقۇنلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىيناشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋەھشىي ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. ئۇلار ئاياللارغا سىستېمىلىق تاجاۋۇز قىلىدۇ. مەن توپلىشىپ تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەلىرىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم».
ساۋۇتباي ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشىغا قارىماي، ئوخشاشلا «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە» گە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: «سىز گەپ قىلالمايسىز، يىغلىيالمايسىز، ھەتتا كۈلەلمەيسىز. بىر ئوقۇتقۇچى بولغان تەقدىرىڭىزدىمۇ، ئۇلارغا دەرس ئۆتۈشتىن باشقا ۋاقىتلاردا تۇتقۇنلار بىلەن سۆزلىشىشىڭىزگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەن.
ئۆز ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ساۋۇتباي بۇرۇن قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيەنى بىر «ئۈمىد ۋە ياردەم» ماياكى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى ئايلاردا بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولۇشىغا قارىماي، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى 1-ئايدا بېيجىڭغا قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن «تېخىمۇ چوڭقۇر» مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرىنى تەكىتلىگەن.
ساۋۇتباي مەزكۇر زىيارەتتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندا غايەت زور خىتاي ئەلچىخانىسى قۇرۇشتەك «تالاش-تارتىشلىق پىلان» نى تەستىقلىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ مەزكۇر لايىھەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كەلگەن تەھدىت دەپ قارايدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق كۈندىلىك گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «مۇستەقىللىق گېزىتى» ساۋۇتباينىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن: «ستامېر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ. ئۇ خەلقئارا قانۇن ۋە مەجبۇرىيەتلەرگىمۇ سەل قارىماقتا، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق ھەممە نەرسىدىن، جۈملىدىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك».
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلغان: «ھەر بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئىمزا قويغان، كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەققىدە سۆز ئېچىشقا ھېچقانداق ھوقۇقى يوق. شۇڭا مەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىز مەسىلىسىدىكى بۇ مۇناپىقلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەن». (IANS)