تۈركىستان تايمىز، 26-ئاپرېل، ئىستانبۇل: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز قاماش ۋە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» سىستېمىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىۋاسىتە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى گېرمانىيەدە تۇرۇپ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەقىقەتلەرنى پاش قىلدى. سابىق ساقچى جاڭ يابو شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ لاگېرلار تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ 2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 50 كە يېقىن تۈرمە ۋە لاگېرلاردا شاھىت بولغان دەھشەتلىك رېئاللىقىنى بايان قىلىپ بەردى. جاڭ يابونىڭ بايانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنىڭ پەقەتلا ۋاقىتلىق «لاگېر» ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق بىر «تۈرمە دەۋرىيلىكى» ئىكەنلىكىنى پاش قىلماقتا.
جاڭ يابونىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەتىجە كۆرسەتكۈچى (KPI) جىنايەتنى ئازايتىش ئەمەس، بەلكى تۇتقۇنلار سانىنى كۆپەيتىش ياكى قويۇپ بېرىلگەنلەرنى قايتىدىن تۈرمىگە تاشلاش بولۇپ قالغان. ئۇ 2020-يىلى شايا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنى تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىققان ھامان ئائىلىسىگە ئەمەس، بەلكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ قايتا سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ساقچىلار بۇ كىشىلەرنى «چوڭقۇر قېزىش» باھانىسى بىلەن، ئىلگىرىكى جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم «قايتا ھۆكۈم كېسىش» ئۈچۈن ناماز ئوقۇغانلىقى، ياغلىق چىگىش ياكى بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن ۋاسكېتبول ئوينىغانلىقىدەك ئاددىي سەۋەبلەرنى تېپىپ چىققان.
خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، «روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى» نامىدا قۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدۇر. جاڭ يابو 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە خوتەن رايونلۇق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن-قىستاق جەريانىدىكى ئاچچىق پەريادلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ قاتتىق لاگېر ياكى تۈرمىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى «روھىي كېسەل» كۆرسىتىپ، دوختۇرخانىدا يېتىشنى تاللىغان. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇلار مەجبۇرىي دورا يېگۈزۈش ئارقىلىق ساغلاملىقىدىن ئايرىلغان، بەزىلىرى بولسا قىيىن-قىستاقتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. جاڭ يابو بۇ خىل قىيىن-قىستاقلارنىڭ لاگېرلاردا كۈندىلىك ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جاڭ يابو يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەرنى قانداق ئالدايدىغانلىقىنىمۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. چەتئەللىك مۇخبىرلار ياكى ئۆمەكلەر كېلىشتىن بۇرۇن، يەرلىك كادىرلار ئۇيغۇر كەنتلىرىدىكى ئاھالىلەرنى يۆتكىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خىتاي كادىرلارنى ياكى «تەربىيەلەنگەن» يەرلىك خادىملارنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن «بەختلىك تۇرمۇش» ھېكايىلىرىنى سۆزلەتكەن. بۇ ئارقىلىق سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە لاگېر مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلىنغان «تەن چىڭ» (تۆمۈر تور) سىستېمىسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت تورى كېيىنچە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلغان.
خەۋەردىكى ئەڭ تەسىرلىك قىسىملارنىڭ بىرى «ئۇچۇرچىلار» سىستېمىسى بولۇپ، جاڭ يابو بىر ئۇيغۇر ماشىنا رېمونتچىسىنىڭ ھېكايىسىنى مىسال قىلغان. بۇ كىشى خىتاي ساقچىلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ تۇرۇش بەدىلىگە تۈرمىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى كەچ سائەت 8 دىن بۇرۇن كەنت ساقچىخانىسىغا دوكلات بېرىش مەجبۇرىيىتى تۈپەيلى، شەھەردىكى قىز دوستى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان. بۇ خىل كونترول قىلىش سىستېمىسى پۈتكۈل جەمئىيەتنى بىر چوڭ ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. جاڭ يابونىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر كەنتتە مۇشۇنداق بىر قانچە ئۇچۇرچى بولۇپ، ئۇلار ساقچىلارنىڭ يەرلىك كونتروللۇقىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، جاڭ يابو 2025-يىلى ئاۋغۇستتا ئوغلىنى ئېلىپ ياۋروپاغا ساياھەتكە چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيەدە قېلىپ قالغان. ئۇ خىتايدىكى ئائىلىسىنى، خىزمىتىنى ۋە بارلىق ئىمتىيازلىرىنى تاشلاپ قېچىشىدىكى سەۋەبنى، ئۆزى شاھىت بولغان بۇ «قورقۇنچلۇق رېئاللىق» نى دۇنياغا ئاشكارىلاش ۋە ئۆز ۋىجدانىنى قۇتۇلدۇرۇش دەپ چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئۇ ۋەتىنىدىن ئايرىلدى، ئەمما روھىنى قايتۇرۇپ كەلدى». خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن ما شىڭرۈينىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە تەكشۈرۈلۈشىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر گېرمانىيە ئاۋازى (DW) خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 2026-يىلى 25-ئاپرېل ئېلان قىلغان «خىتايدىن قاچقان سابىق شىنجاڭ ساقچىسى: ئۇ ۋەتىنىدىن ئايرىلدى، ئەمما روھىنى قايتۇرۇپ كەلدى» ناملىق مەخسۇس زىيارەت خەۋىرىگە ئاساسەن تەييارلاندى.