تەتقىقاتچىلار: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خاككېرلىرى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە مۇخبىرلارغا قارىتا مۇرەككەپ تور ئالدامچىلىقى ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان

سام كوپېر (Sam Cooper)

ئوتتاۋا – 2025-يىلى ئاپرېلدا، ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختىنىڭ «ۋاتسئاپ» (WhatsApp) ھېسابىغا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بىر ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇر ئەۋەتكۈچى ئۆزىنى مەشھۇر ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورى ۋە ئېتنو-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەمەت توختىنىڭ بۇ كىشىگە ئىشىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلىرى بار ئىدى. رېژىسسور ئۇنىڭغا ئېلخەت ئارقىلىق رەسمىي بىر ھۆججەت ئەۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ئادرېسىنى سورىغان.

مەمەت توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە نىشانىغا ئايلىنىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا قارىغاندا ئاللىقاچان ئاچچىق تەجرىبىلەر بىلەن بىلىپ يەتكەنىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ خىتايدىن كەلگەن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى تەھدىت تېلېفونلىرىغا دۇچ كېلىپ كەلگەن بولۇپ، 2023-يىلى يانۋاردا بىر خىتاي ساقچىسى بۇنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئامېرىكا ۋە كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغانىدى. ئۇ ھوشيار بولۇشنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ «ۋاتسئاپ» ئۇچۇرى ناھايىتى راستتەك تۇيۇلغاچقا، ئېلخەت ئادرېسىنى بېرىپ قويغان.

ئارقىدىن كەلگەن ئېلخەت بولسا رېژىسسورنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، بەلكى ناتونۇش بىر ئادرېستىن كەلگەن بولۇپ، مەمەت توختى يېڭى ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئالدىن كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغانىدى. تېكىستتىكى ئۇلانما بىر مۇستەقىل فىلىم تارقىتىش شىركىتىنىڭ تور بېتىدەك كۆرۈنگەن، مەمەت توختى تەكشۈرگەندە شىركەتنىڭ راست ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە ئۇ ئۇلانمىنى چەككەن.

بىراق، ئۇلانما ئۇنى فىلىمگە ئەمەس، بەلكى «Google» ھېسابىنىڭ پارولىنى سورايدىغان بىر ساختا بەتكە باشلاپ كىرگەن. بۇنىڭدىن گۇمانلانغان مەمەت توختى بەتنى دەرھال تاقىۋەتكەن. شۇ ئەسنادا «Google» بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى شەكلىدە ياسالغان يەنە بىر ئېلخەت كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا گۇمانلىق كىرىش ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش مۇرەككەپ خىتاي يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، مەمەت توختى بۇ يېزىقنى نە ئوقۇيالايدىغان، نە ئىشلىتەلەيدىغان ئەمەس ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ تورۇنتو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى، دۆلەت قوللىغان تور جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى 20 يىلدىن بۇيان ئىز قوغلاپ كېلىۋاتقان «سىتىزېن لاب» (Citizen Lab) تور بىخەتەرلىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلەشتى.

«سىتىزېن لاب»نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە دەلىللىنىشىنى ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تەنقىدچىلەرنى سۈكۈتكە مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن مۇخبىرلارنى نىشان قىلغان 100 دىن ئارتۇق زىيانلىق تور بېتى (دايىرە نامى) بايقالغان. تەتقىقاتچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشەنچ بىلەن شۇنى دەلىللىدىكى، بۇ سىستېمىلىق رەقەملىك پاراكەندىچىلىك سالىدىغان، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاكتىيورلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەرىكەتلەر شى جىنپىڭنىڭ «ئەتراپلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى» نەزەرىيەسى ئاستىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىستخبارات ئورگانلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان مەشغۇلاتلار بىلەن تامامەن ئوخشاشلىققا ئىگە.

مەمەت توختى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان نەتىجىلەر ھەققىدە توختىلىپ «The Bureau»غا مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇملار پەقەت بىرلا قېتىملىق سىڭىپ كىرىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭ نىشانلارغا قارىتىلغان. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى دېموكراتىك جەمئىيەتلەرگە كېڭەيتىشىگە قارشى چىققان پائالىيەتچىلەر ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.» ئۇ يەنە بۇ تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە، يەنى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىت تۈزۈملەرگە قارشى تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولغان ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچكە زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەمەت توختى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى پەقەت شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشلا ئەمەس، بەلكى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تۈپ ئاساسىنى ۋەيران قىلىپ، ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىن تالاپەت يەتكۈزۈشتۇر. بۇ ھۇجۇملار كۈندىلىك ئالاقىلىرىمىزدىكى ئىشەنچنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئەڭ ئادەتتىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلارمۇ گۇمان بىلەن قارىلىدىغان گۇمانخورلۇق مۇھىتىنى يارىتىۋاتىدۇ. بۇ خىل كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىشەنچسىزلىك رەقەملىك ساھەدىن ھالقىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى دېدى.

«سىتىزېن لاب»نىڭ دوكلاتىدا خاككېرلىق پائالىيەتلىرى «GLITTER CARP» ۋە «SEQUIN CARP» دەپ نام بېرىلگەن ئىككى چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. گەرچە بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ نىشانى ۋە ئۇسۇللىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى تەنقىدچىلىرىنى نازارەت قىلىش، قورقۇتۇش ۋە سۈكۈتكە مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

https://www.thebureau.news/p/ccp-hackers-targeted-uyghur-leaders