پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل كايا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى

تۈركىيە «دەۋا» (DEVA) پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل كايا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىدى. ئۇ نۇتقىدا: «سودا-سېتىق مۇناسىۋىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (TBMM) ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغان مەجلىس دىۋان كاتىپى، غازىئانتەپ پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل كايا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى كەسكىن تىل بىلەن ئەيىبلىدى. كايا خىتاينىڭ غايەت زور تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندىكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى بىر-بىرلەپ شەرھلەپ ئۆتتى.

«سۈكۈت قىلىش — ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر نومۇستۇر»

خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشقا سەۋەب بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن كايا مۇنداق دېدى:

«خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىش ياكى ئەرزان باھادا مال بىلەن تەمىنلىنىش، ھەرگىزمۇ 25 مىليون ئۇيغۇر تۈركىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش قىسمەتلىرىگە سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋەجى بولالمايدۇ. ماددىيەتچىلىكنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان ئىنسانىيەتنىڭ بۇ پاجىئەلەر ئالدىدىكى سۈكۈتى ھەقىقەتەن بىر نومۇس مەنبەسىدۇر.»

كايا نۇتقىدا يەنە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەلىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ قەبلەر تۆرىدىن ئورۇن ئالغان: «ھەممە ئىش ئاخىرلاشقاندا، قۇلىقىمىزدا قالىدىغىنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ئەمەس، بەلكى دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈتى بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ زۇلۇمغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

«ئەسلى ھەقىقەت مۇنداق»

ئەرتۇغرۇل كايا نۇتقىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان «تەربىيەلەش لاگېرى» ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش» دېگەن سەپسەتىلىرىنى پاكىتلىق رەددىيەلەر بىلەن چۈشۈرۈپ تاشلىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاچچىق رېئاللىقنى «ئەسلى ھەقىقەت مۇنداق» دەپ كۆرسىتىپ، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى مەجلىس خاتىرىسىگە كىرگۈزدى:

  1. سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش:

كايا رايوندىكى نوپۇس تۈزۈلۈشىنىڭ قەستەن ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇيغۇر خەلقى مەككىرلىك بىلەن پىلانلانغان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە دېموگرافىك مانېۋىرنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا. بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت — بىر خەلقنىڭ يىلتىزىنى قۇرتۇشتىن ئىبارەت. ئەسلى ھەقىقەت ئەنە شۇ!» دېدى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مۇقەددەس كىتابىمىزنىمۇ ئۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  1. زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى:

3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر تۈركىنىڭ «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» نامىدا زامانىۋى قۇللۇققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان كايا: «خىتاي دۇنيانى ئالداۋاتىدۇ. لاگېرلاردىن چىقىرىلغان مىليونلىغان كىشى سانائەت رايونلىرىغا تارقىتىۋېتىلدى. بۇ كىشىلەر قاتتىق نازارەت ئاستىدا، ئەڭ ئېغىر قۇللۇق شارائىتىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئەسلى ھەقىقەت ئەنە شۇ!» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

  1. ئېمبارگونى ئايلىنىپ ئۆتۈش ھىيلىسى:

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ غەربنىڭ ئېمبارگولىرىدىن قېچىش ئۈچۈن «مال مەنبەسىنى ئۆزگەرتىش» ھىيلىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان كايا، ھۆكۈمەتكە سوئال قويۇپ، تۈركىيەگە كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقىنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

«زۇلۇم مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ»

كايا نۇتۇقىنى: «زۇلۇم قىلغۇچى ھەرقانچە قۇدرەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تارىخ ئالدىدا ھەمىشە غەلىبە قىلغۇچىلار مەزلۇملار بولىدۇ»، دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالىيجاناب بىر مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەنبە: memohaber | تەرجىمە: تۈركىستان تايمىز