ۋاشىنگتون | 2026-يىلى 12-ماي: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 11-ماي كالىفورنىيە ئىشتاتى ئالكادىيا (Arcadia) شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەيلىن ۋاڭ (Eileen Wang) ئۈستىدىن فېدېراتسىيە سوتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 58 ياشلىق ئەيلىن ۋاڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە تىزىملاتماي تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
جىنايىتىنى تونۇش ۋە ئىستېپا
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇماندار ۋاڭ جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ، تەپتىش تەرەپ بىلەن «جىنايەتنى ئېتىراپ كېلىشىمى» (Plea Deal) ھاسىل قىلغان. شۇ كۈنى ئۇ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، «چەت ئەل ۋاكالەتچىسى» سۈپىتىدە تىزىملاتماي تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ھەرىكەت قىلغان.
ئەيىبلەش مەزمۇنى
ئەرزنامىدە قەيت قىلىنىشىچە، گۇماندار ۋاڭ يەرلىكتىكى خىتاي نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارغا قارىتىلغان تور بېكەتنى باشقۇرۇش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى تارقاتقان. جۈملىدىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە پاختا تېرىقچىلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغان. ئەگەر جىنايىتى تولۇق بېكىتىلسە، ئۇ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسى
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىسى ئايزېنبېرگ (Eisenberg) بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ھەرىكەت قىلغان بىر كىشىنىڭ ئامېرىكادا ئاممىۋى ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى كىشىنى ئىنتايىن ئەنسىرىتىدىغان بىر ئەھۋال. بولۇپمۇ ئۇنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يوشۇرۇن تۇتۇلۇشى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.»
ئەيلىن ۋاڭ 2022-يىلى 11-ئايدا ئالكادىيا شەھەرلىك كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان بولۇپ، مەزكۇر شەھەردە شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى كېڭەش ئەزالىرى نۆۋەت بىلەن ئۆتەيتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالكادىيا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %60 نى ئاسىيالىقلار (خىتايلار) تەشكىل قىلىدۇ.