«NTD» بېيجىڭ، 2026-يىلى 17-ماي خەۋىرى: ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئانا يېقىندا ۋاشىنگتوندا «فوكس خەۋەرلىرى» (Fox News) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش، سوراق قىلىنىش ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراپلا قالماي، بەلكى يېڭىلا تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئۆز قۇچىقىدا جان ئۈزگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.
35 ياشلىق مېھرىگۈل تۇرسۇن زىيارەت جەريانىدا، ئەسلىدە مىسىردا سانائەت-سودا مەمۇرىيىتى كەسپىدە ئوقۇغانلىقىنى، شۇ يەردە توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى ئەسلىدى. 2015-يىلى 5-ئايدا، ئۇ يېڭىلا تۇغۇلغان، ئىككى ئايلىق بولغان ئۈچكېزەكلىرىنى ئېلىپ خىتايغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغان، ئەمما ئايروپىلان بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىغا قونۇشى بىلەنلا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار ئۇنى بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋەتكەن ھەمدە مىسىردا تۇرغان مەزگىلىدە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى توختىماي سوراق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قولىغا كويزا سېلىپ، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئەۋەتكەن.
مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇزۇن مۇددەتلىك سوراقلارغا ۋە خارلاشلارغا ئۇچرىغان. بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، دائىرىلەر توساتتىن ئوماق بالىلىرىدىن بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا دوختۇرخانىغا بارغاندا، تىرىك قالغان ئىككى بالىسىنىڭ بۇرۇنلىرىغا ئوكسىگېن تۇرۇبىسى چېتىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئەتىسى دوختۇر ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ ئىسمى يېزىلغان «ئۆلۈم ئىسپاتى»نى تۇتقۇزغان.
ئۇ بالىسىغا زادى نېمە بولغانلىقىنى ھېچكىمنىڭ ئېيتىپ بەرمىگەنلىكىنى، ئۆزى «سىياسىي گۇماندار» دەپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن، دوختۇرلار ۋە ساقچىلارنىڭ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ بالىسىنىڭ جەسىتىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۈچ كۈن بىللە تۇرغانلىقىنى ئەسلىدى. مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا دەپنە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، ئەمما دائىرىلەر سىرتتىكىلەرنىڭ جەسەتنى كۆرۈشىگە يول قويمىغان.
ئۇ يىغا ئارىلاش ھالدا: «مەن ئۇنى قۇچاقلاپ ئىسسىتىپ ئويغىتىشقا تىرىشتىم، ئەمما ئۇ كۆزىنى قايتا ئاچمىدى»، دېدى.
ئۇ يەنە 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا روھىي جەھەتتىن خارلانغانلىقىنى، توك بىلەن قىينالغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نازارەت ئاستىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىر قېتىم «خۇدا سىلەرنى جازالايدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئېتىقادىنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى تار بىر كامېرغا 60 تىن ئارتۇق ئايالنىڭ سولانغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخى ياش قىزلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، 17 ياشلىق بىر قىز جىنسىي تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، روھىي جەھەتتىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئاخىرىدا، ئېرى ۋە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ھازىر ئۇ تىرىك قالغان بالىلىرى بىلەن ئامېرىكادا ياشاۋاتىدۇ، ئۇ 2018-يىلى سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشكەن ئىدى.
2017-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، لاگېر تىپىدىكى ئورۇنلارغا قامالدى. بۇ لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق ۋە باشقا خارلاش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى دەپ قارالماقتا.
«خەۋەرلەر مەركىزى» تەييارلىغان (مەسئۇل مۇھەررىر: ليۇ مىڭ)