خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا زەربە: گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پائالىيەتچى زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن تارىخىي قارارلار ماقۇللاندى

دەنھاق (The Hague)، 2026-يىلى 21-ماي — گوللاندىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلمىغا قارشى تىنچ نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقان تونۇلغان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ جەسۇرلۇق بىلەن ئېلىپ بارغان قانۇنلۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى گوللاندىيەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك سىياسىي ۋە قانۇنىي نەتىجىلەرنى قوزغىدى. ۋەقە دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ چەكلىنىشى، پارلامېنتتا يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. بۇ قانۇن لايىھەسى گوللاندىيەدىكى دېنك (Denk) پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان. مەزكۇر پارتىيە رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بۇ يىل فېۋرالدا خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى چاغان پائالىيىتىگە بۆسۈپ كىرگەن چېغىدا يولۇققان زورۋانلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە شۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مەزكۇر لايىھەنى تەييارلىغان ئىدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىدىكى ۋەقە ۋە خىتاي تەشكىلاتىنىڭ چەكلىنىشى

2026-يىلى 14-فېۋرال كۈنى، دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسى ئىچىدە ئاتوم جۇ (Atom Zhou) باشچىلىقىدىكى خىتاي دۆلەتلىك چاغان بايرىمىنى تەشكىللەش كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭى يىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ كۈنى پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى سىياسىي شۇئارلار يېزىلغان تاشقى كىيىم ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى (پىلاكات) بىلەن زالغا كىرىپ، سەھنە تەرەپكە قاراپ ماڭغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى غەزەپلىك توندا شوئار توۋلىغان.

شۇ جەرياندا، خىتاي تەشكىلاتى ياللىغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلار دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئابدۇرېھىم غېنىغا جىسمانىي كۈچ ئىشلىتىپ، بوينى ۋە قوللىرىنى تولغاپ، قوپاللىق بىلەن سىرتقا قوغلاپ چىقارغان. ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇرېھىم غېنى ساقچىغا بېرىپ، ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان خىتاي خادىملىرىنىڭ ئۈستىدىن «جىسمانىي ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆلۈم تەھدىتى سېلىش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي دېلو تۇرغۇزغان.

بۇ ۋەقە گوللاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان AD گېزىتىدە مۇخبىر ئامارىنس سىككاما (Amarins Siccama) نىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. دەنھاق شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن (Jan van Zanen) ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي يىغىندا خىتاي تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«بۇ قىلمىش بىزنىڭ كېلىشىمىمىزگە پۈتۈنلەي زىت. پائالىيەت مەيدانىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقەگە پەقەت ۋە پەقەت دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ رەسمىي ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىلا ئارىلىشىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. خىتاي تەشكىلاتىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نامايىشچىغا جىسمانىي جەھەتتىن ئارىلىشىپ، كۈچ بىلەن سىرتقا قوغلاپ چىقارغان. بۇنىڭغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.»

شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىتاي تەشكىلاتى بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقنى ئۈزگەنلىكىنى، ئەمدى قايتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىدا چاغان بايرىمى قاتارلىق ھېچقانداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە سورۇن ھەم پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى كەسكىن تۈردە بايانات قىلدى.

خىتاي تەشكىللىگۈچى كومىتېتى ۋە ئاتوم جۇ ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، غېنىنى «زوراۋانلىق قىلدى، بالىلارغا ۋەھىمە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ھېچقانداق زوراۋانلىق يۈز بەرمىدى دەپ رەت قىلغان بولسىمۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي تەرەپنىڭ قىلمىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نومۇسسىزلىق» دەپ بېكىتتى.

پارلامېنتتىكى سىياسىي بۆسۈش ۋە يېڭى قانۇن لايىھەسى

ئابدۇرېھىم غېنى دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىدا ئۇچرىغان جىسمانىي زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلىپ تەسلىم بولمىدى. ئۇ 2026-يىلى 27-فېۋرال كۈنى بىر ئىپتار پائالىيىتىدە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە دېنك (DENK) پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزى ئۇچرىغان زوراۋانلىقنىڭ سىنئالغۇ ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» تەھدىتىنى پارلامېنتقا ئېلىپ كىرىشنى تەلەپ قىلدى.

ۋان بارلې بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، 2026-يىلى 16-ئاپرېل كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ دېلوسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى توم بېرېندسېن (Tom Berendsen) غا تاشقى كۈچلەرنىڭ بېسىمى ھەققىدە ئۆتكۈر سوئاللارنى سورىدى.

بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە، «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» پارلامېنتقا سۇنۇلدى. مەزكۇر لايىھە يېقىندا (مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى دەپ رەسمىيلەشكەن قارار يىغىنى جەريانىدا) گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى 150 ئاۋازنىڭ 116 ئاۋازى بىلەن، يەنى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بۇ قانۇندا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە تەكىتلەندى. گوللاندىيە سىرتقى ئىشلار مىنىستىرى بېرېندسېن ئابدۇرېھىم غېنى ئۇچرىغان زوراۋانلىقنى ئاشكارە ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىنىڭ گوللاندىيە قانۇنى ئاستىدا تولۇق قوغدىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

«يوللۇق قارشىلىق» ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈلگە

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئائىلىسىدىن 19 ئادەم خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ يىللاردىن بېرى ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئائىلە پاجىئەسى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ تەشۋىقات سورۇنلىرىغا جەسۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىشى ئاخباراتلاردا «يوللۇق قارشىلىق» دەپ باھالاندى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ تارىخىي نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى — ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ جەسۇرلۇقى ۋە ئىزچىللىقىدىن باشقا، گوللاندىيەنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە تولۇق رىئايە قىلىشى، دېموكراتىك ئورگانلار بىلەن توغرا ئالاقە ئورنىتىشى ۋە قانۇندىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.

نېلسون ماندېلانىڭ «ئەركىنلىك يولى ئاسان ئەمەس، ئۈمىد نۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن قورقۇنچ سايىلىرىدىن ئۆتۈشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئابدۇرېھىم غېنى ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنى زوراۋانلىق بىلەن جىمىقتۇرالايمىز دەپ ئويلىغان بولسا، پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. ئۇلارنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارالىق نومۇسسىزلىق بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەگەر بىز ئەركىن ئەللەر تۇرۇپمۇ قورقۇنچ تۈپەيلىدىن سۈكۈت قىلساق، خىتاي ھۆكۈمەت ئاۋازىمىزنى ئاستا-ئاستا ئۆچۈرىدۇ. لېكىن ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغدىساق ۋە ھەقىقەتنى بايراق قىلساق، دېموكراتىك ئورگانلار بىزنى قوغدايدۇ. بىز خىتايغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، ئۇلار بىزنى ھېچقانداق يەردە جىمىقتۇرالمايدۇ. مەن ئۇيغۇر خەلقى تولۇق ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز توختاتمايمەن.»

بۇ ۋەقە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ ياۋروپادىكى «ئۇزۇن قولى» غا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر شاپىلاق ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنىڭ غەلىبىسى دەپ باھالانماقتا.