ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
«زىمىستان» تورى، 2026-يىلى 1-ئىيۇن
«مۇستەبىتلىك ئۆزىنى يالغانچىلىق بىلەن قوغدايدۇ؛ ھەقىقەت بولسا باستۇرۇش تاملىرىنى جاسارەت بىلەن پارچىلايدۇ.» — ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي ئەسلىمىلىرىدىن.
2026-يىلى 20-ماي كۈنى دەنھاگ شەھەرلىك كېڭىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە چېگرا ھالقىغان تەھدىت سېلىش سىستېمىسىغا قاتتىق زەربە بېرىش يولىدا تارىخىي ۋە قەتئىي سىياسىي قەدەم تاشلىدى. دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆز تەۋەلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بېيجىڭپەرەس يوشۇرۇن تورلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى رەسمىي ئۈزدى. شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن (Jan van Zanen) يىللىق خىتاي پانۇس بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل خىتايپەرەس تەشكىلاتنى مەڭگۈلۈك چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ زالىنى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىنىڭ «ئەمدى قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى»نى جاكارلىدى.
بۇ جۈرئەتلىك مەمۇرىي قارار، يېشىل سولچىلار پارتىيەسى (GroenLinks)نىڭ كېڭەش ئەزاسى ھېرا بات (Hera Butt) بىلەن ئىشچىلار پارتىيەسى (PvdA) ۋە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خەلق پارتىيەسى (VVD) تەرىپىدىن، مېنىڭ كېڭەش ئالدىدىكى ئازابلىق گۇۋاھلىق سۆزۈمدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي مۇنازىرىدىن كېلىپ چىقتى.
دەنھاگنىڭ سىياسىي مەركىزىدىكى بۇ جىددىي مۇنازىرە بىۋاسىتە 14-فېۋرالدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا بېرىپ تۇتۇشىدۇ. شۇ كۈنى ھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پانۇس بايرىمى جەريانىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى يالغۇز كىشىلىك تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا، خىتايپەرەس خەۋپسىزلىك خادىملىرى ماڭا ۋەھشىيانە ھۇجۇم قىلدى. شەھەرلىك كېڭەشتە سۆز قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن قىسقا ۋە چەكلىك پۇرسەتتە، مەن ئۆزۈم دۇچ كەلگەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تېررورنى بايان قىلىپ، تۆۋەندىكى سۆزلىرىم بىلەن يىغىن ئەزالىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدىم:
«ھۆرمەتلىك رەئىس، ھۆرمەتلىك كومىتېت ئەزالىرى،
مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇرېھىم غېنى. مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا 14-فېۋرال كۈنى دەل مۇشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەھشىي، رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى سۈپىتىدە تۇرۇۋاتىمەن. خىتاي مۇستەبىتلىكىگە قارشى تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا، خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى ماڭا ۋەھشىيانە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بوينۇم ۋە قوللىرىمنى تولغاپ، قولۇمدىكى نامايىش تاختىلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى. ھۇجۇم جەريانىدا، ئۇلار قۇلىقىمغا يېقىنلىشىپ ۋەھشىيلەرچە: "لاگېرغا لايىقسەن، ئۆلۈمگە لايىقسەن، سېنى ئۆلتۈرىمەن" دەپ پىچىرلىدى. بۇ دەھشەتلىك كەچمىش مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىمدا ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلدى؛ مەن ئۆزۈمنى خۇددى دېموكراتىك گوللاندىيەدە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ۋەھشىي ھەربىي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، جازا لاگېرىغا سۆرەپ كېتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن قوللىرى مېنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىرىپ، بۇ يەردىكى سالامەتلىكىم ۋە بىخەتەرلىكىمگە زىيان يەتكۈزدى.
شۇ كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى گوللاندىيە تاراتقۇلىرى بىلەن تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى. ئەگەر بۇ شەھەرلىك كېڭەشتىكى سىياسىي پارتىيەلەر شەھەر باشلىقىغا تېگىشلىك جىددىي سوئاللارنى قويمىغان بولسا، ھەمدە "AD" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىرىس ۋان دېن بوم (Iris van den Boom)نىڭ جۈرئەتلىك خەۋىرى بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى يوشۇرۇن پېتى قالغان بولاتتى. مۇنداق بىر يوشۇرۇن قالدۇرۇش خىتاينىڭ گوللاندىيە تۇپراقلىرىدىكى تېخىمۇ تاجاۋۇزكار ۋە توسالغۇسىز دۈشمەنلىك قىلمىشلىرىغا يول ئاچقان بولاتتى. مەن بۇ ئۈچ سىياسىي پارتىيەگە ۋە گېزىتكە سۈكۈتنى بۇزۇپ، بۇ زوراۋانلىقنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ماڭا قارىتىلغان ئۈزلۈكسىز ئۆلۈم تەھدىتلىرى روھىي ساغلاملىقىمغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى مېنىڭ ئىچكى تىنچلىقىمنى بۇزۇپ تاشلىدى. نەتىجىدە، ئائىلە دوختۇرۇمنىڭ جىددىي تەۋسىيەسى بىلەن، مەن مەخسۇس روھىي ساغلاملىق مەركىزىگە (SGGZ) ئېغىر روھىي كېسەللىكلەر بويىچە داۋالىنىشقا كىردىم. بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن قوللىرى مېنىڭ سالامەتلىكىم ۋە ھاياتىمنى ئاشكارا ۋەيران قىلماقتا.
مەن مىللىتىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلەر ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى بەدەل تۆلىدىم. 2024-يىلى مەن مۇشۇ ھاگدىكى دۇنيا پۇقرالار سوتىدا مۇھىم گۇۋاھچى سۈپىتىدە تۇرۇپ، رىم قائىدىسىگە ئاساسەن شى جىنپىڭ سادىر قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى گۇۋاھلىق بەردىم. مېنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىمغا رەھىمسىزلەرچە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، دادام خىتاي جازا لاگېرىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى، ئائىلەمدىكى 19 كىشى يەنىلا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىلدى. مەن بۇ شەھەرلىك كېڭەشكە قەتئىي بىر سوئال قويىمەن: ئەگەر سىلەر مېنى ھەتتا مۇشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ بىخەتەر تاملىرى ئىچىدىمۇ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىدىن قوغدىيالمىساڭلار، ئۇنداقتا بۇ شەھەرنىڭ "تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى" دېگەن نامىنىڭ نېمە قىممىتى قالىدۇ؟ سىلەرگە بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»
2026-يىلى 20-ماي كۈنى، گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەملىكەتلىك گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «Algemeen Dagblad»نىڭ مۇخبىرى ئامارېنس سىككاما (Amarins Siccama) «خىتاي تەشكىلاتى ئەمدى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە قارشى ئېلىنمايدۇ» ماۋزۇلۇق بىر بەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. ماقالىدە شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېننىڭ قەتئىي باياناتلىرى ۋە خىتاي يېڭى يىل پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى كومىتېتنىڭ رەئىسى ئاتوم جۇ (Atom Zhou)نىڭ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
ئاتوم جۇ ئۆز تورىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەرچە بايانات ئېلان قىلدى ۋە پاكىتلارنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى. ئۇ ھېچقانداق زوراۋانلىقنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، مېنى «بايرام كەيپىياتىنى بۇزغان ۋە كىشىلەر بىلەن بالىلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان تاجاۋۇزچى» قىلىپ كۆرسەتتى، ھەمدە مېنى پەقەت «ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كونا تاكتىكىسى بولۇپ، جىنايەت ئۈستىدە قولغا چۈشكەندە ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئوغرى تۇرۇپ «ئوغرىنى تۇتۇڭلار» دەپ ۋاقىرىغانغا ئوخشاش بىر قىلمىشتۇر. بىراق، بۇ يالغانچىلىق تورى شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن تەرىپىدىن قەتئىي بىر تەرەپ قىلىندى.
شەھەر باشلىقى خىتاي تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇنى گوللاندىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە مەمۇرىي تەرتىپىگە قىلىنغان ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئاتىدى. ئۇ گوللاندىيە قانۇنىغا ئاساسەن، پەقەت ھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭلا ئاممىۋى سورۇنلاردا تەرتىپ ساقلاش ھوقۇقى بارلىقىنى چۈشەندۈردى. خىتاي خادىملىرى گوللاندىيە تۇپرىقىدا ساقچىلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى. شەھەر باشلىقى خىتايپەرەس تەشكىلاتنىڭ قىلمىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلاقسىزلىق» دەپ سۈپەتلەپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات سۇپىسىنى تارتىۋالدى ۋە ئۇلارنى بىنادىن مەڭگۈلۈك چەكلىدى. «بىز ئەمدى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدە بۇ بايرامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرمەيمىز. مەن ئەمدى بۇ تەشكىلات بىلەن ھەمكارلاشمايمەن»، دېدى يان ۋان زانېن. شەھەر باشلىقى يەنە مېنىڭ كۈرىشىمنى يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىپ، مېنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىم، جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشىنىڭ سۈرئىتى ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئۇچرىشىشقا قوشۇلدى.
دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تارىخىي قارارى يالغۇز ئەمەس. يېقىندا گوللاندىيە پارلامېنتى (Tweede Kamer) چەت ئەلنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، مۇستەبىت رېجىملەرنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئاجىز دىياسپورا جامائەتلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بىر قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. بۇ قارار ئىلگىرى ئارنېم (Arnhem) شەھىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇق شەھەر» مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈلۈك ئۈزۈش قارارىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
ھاگدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ غەلىبە بېيجىڭنىڭ ياۋروپادىكى يوشۇرۇن تورلىرىغا ئېنىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتتى: غەربنىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتلىرى ئەمدى ئۆز ئۆكتىچىلىرىگە تېررورلۇق قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى سۈكۈتكە مەجبۇرلايدىغان مۇستەبىتلەرنىڭ ئويۇن مەيدانى بولمايدۇ. مېنىڭدەك دادىسى ھەقىقەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى بەدەلنى تۆلىگەن بىر پائالىيەتچىگە نىسبەتەن، «تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى» ئىچىدىكى خىتاينىڭ قانۇنسىزلىقىغا خاتىمە بېرىش بېيجىڭنىڭ باستۇرۇش ماشىنىسىغا بېرىلگەن كۈچلۈك زەربە، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى ئۈچۈن بىر غەلىبىدۇر.
ئابدۇرېھىم غېنى
ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى بولۇپ، ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئېلىپ بارغان يالغۇز كىشىلىك نامايىشلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇ يەنە ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رېئاللىقىنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.