ياپونىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا تەلەپنامە سۇنۇلدى

ئوكۇھارا شىنپېي

«سانكەي شىمبۇن» گېزىتى، 2026-يىلى 2-ئىيۇن

باش ئىشتابى گېرمانىيەگە جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، 2-ئىيۇن كۈنى پارتىيە ھالقىغان «ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر پارچە تەلەپنامىنى مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى كەيجى فۇرۇياغا (ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى) تاپشۇرۇپ بەردى.

بۇ تەلەپنامىدە ياپونىيەدىن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 1. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛ 2. شەرقىي تۈركىستاندىن مال ئىمپورت قىلىشنى پىرىنسىپ جەھەتتىن چەكلەيدىغان ياپونىيەنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى بالدۇرراق ماقۇللاش؛ 3. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىت سېلىش قاتارلىق «چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك» قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش.

فۇرۇيا ئەپەندى: «قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك»

تەلەپنامىدە يەنە، باش ۋەزىر سانائې تاكائىچىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن APEC باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا بولغان رەھمىتىمۇ ئىپادىلەنگەن.

ياپونىيە سىياسەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئاچقاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەھدىتلىك بېشارەتلەرنى بېرىشى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يوللىشىغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەئىسى كەيجى فۇرۇيا تەلەپنامىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە، بۇ خىلدىكى توسالغۇلارغا قارىتا: «قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېدى ۋە «ئامېرىكامۇ (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە) يېڭى قانۇن ماقۇللىدى. بىز يەنە بۇ جەھەتتە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېخى ئاخىرلاشمىدى»

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ ئەخمەت تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئازىيىپ كەتتى. ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇچۇر كونتروللۇقى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋاللارنىڭ سىرتقا چىقماسلىقى كاپالەتلەندۈرۈلدى، يەنى ئۇچۇرلار قەستەن يوشۇرۇپ قېلىندى» دېدى ھەمدە ب د ت ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كېڭىيىشىنى تېما قىلغان يېقىنقى دوكلاتلىرىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا: «ئۇلار ساختا ئىسىملار ئېچىلغان نۇرغۇنلىغان ھېساباتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ (SNS) يازمىلىرى ئارقىلىق (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتە) ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ جار سالماقتا. ئەمما ياپونىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىدۇ، ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئالغان زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن داڭلىق مەدەنىيەت ئەربابلىرى يەنىلا غايىب» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال دادىسى ۋە بىر قىسىم تۇغقانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا سولانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، 2019-يىلى 6-ئايدا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي خىتايغا قايتىپ كەتكەن، كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 30 يېشىدا قازا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.

رەجەپ ئەخمەت مەزكۇر ئايالنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي دائىرىلىرى ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى، ئۇلار بۇنداق بىر ئىش يۈز بەرمىگەندەك پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ. بۇنداق غەيرىي ئىنسانىي قىلمىشلارغا كۆز يۇمۇش، تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت رەھبەرلەرگە جاسارەت بېغىشلايدۇ، شۇنداقلا ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ دېموكراتىيەسىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيەسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ياپونىيەنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ، خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئۈمىدتۇر» دېگەنلەرنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تۈركىستان تايمز، خەۋەرنىڭ ياپونچىسىنى بۇ يەردىن  ئوقۇڭ.