مۇستەبىتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشى: خىتاي-ئىسرائىلىيە نىكاھى ۋە قەلب دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئاتلىنىشى

ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

«تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتى مۇھەررىرلىكىدىن ئەسكەرتىش:

ئاپتور مىركامىل كاشغەرىينىڭ ئۈچ يىللىق ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىشى ۋە يۈزلىگەن كېچىلىك ئۇيقۇسىنى قۇربان قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈپ چىققان، نۆۋەتتە تۈركچە نەشىر قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «مۇستەبىتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشى» ناملىق كىتابى، «تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتىدە باپ ۋە بۆلۈملەر بويىچە كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ. بۇ كىتابتا، خىتاي، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈگۈنىنى چۆرىدىگەن ھالدا، يەر شارى خاراكتېرلىك گېئو-سىياسەت تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن گەۋدە شەكلىدە ئانالىز قىلىنىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى بۆلۈملىرىنى قاچۇرماي ئوقۇغايسىلەر.

 كىرىش سۆز

2026-يىلى 17-مارت ئەتىگىنى، ۋاشىنگتوندا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ئىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ كەنت، ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشىنى «ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى كۈچلۈك لوبىچىلىق گۇرۇھلىرىنىڭ بېسىمى» بىلەن باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. دەل شۇ مىنۇتلاردا خىتاي تىمتاس بېسىپ ئۆتۈلگەن ئەللىك يىللىق بىر مۇساپىنىڭ ۋە بىر خۇپىيانە نىكاھنىڭ مېۋىلىرىنى توپلىماقتا ئىدى. دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچى، ئۆز ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بىلەن قانداقلارچە بۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىش نۇقتىسىغا سۆرەپ كېلىندى؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، 1979-يىلىغا قايتىشقا توغرا كېلىدۇ.

1979-يىلىنىڭ سوغۇق بىر مارت كېچىسى، بېيجىڭدىن ئەللىك كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ھەربىي ئايرودرومغا ھېچقانداق تەۋەلىك بەلگىسى بولمىغان بىر بويىڭ (Boeing) ئايروپىلانى قوندى. ئايروپىلاندىن ئوتتۇز ئادەم چۈشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مەخپىي مۇداپىئە تېخنىكىلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىجادكارلىرى بولغان IAI ۋە Rafael شىركەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىنژېنېرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ كىملىكى سورالمىدى. يۈزلىرىمۇ رەسىمگە تارتىلمىدى. ئىسىملىرىمۇ يېزىلمىدى. ئايروپىلان ئۇدۇل ئامبارغا سۆرەپ كىرىلىپ، دەرۋازا تاقالدى.

دەرۋەقە، ئايروپىلان ئوتتۇز كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭغا قونغاندا پەقەتلا تېخنىكا ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇلار پېچەتلەنگەن تابۇت ئىچىدىكى غەرب مەدەنىيەتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك روھىنى تارىخنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ۋە ئەڭ پىلانلىق تاپشۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تۇنجى بولىقى سۈپىتىدە بېيجىڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان ئىدى.

شۇ كېچىسى بىر نىكاھ  قىلىندى. خىتاي-ئىسرائىلىيە نىكاھى. مۇراسىمسز، شاھىتلىرى نامەلۇم، ئەمما شۇ ئېنىقكى، ئۇ كېچىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ئاستاغىنا قېيىشقا باشلىدى ۋە بۇ قېيىش 46 يىل بويىچە، ھېچقانداق بىر تەۋرىنىشنى ھېس قىلدۇرمايدىغان دەرىجىدە تىمتاسلىق ئىچىدە داۋاملاشتى.

بۇ كىتاب، ئەنە شۇ نىكاھنىڭ رەسمىي جىنايەت ئارخىپىدۇر. ئەمما بۇ كىتاب پەقەت دۆلەتلەرنىڭ خىيانەتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان پىترىتىنىڭ قانداق يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بىر تەرەپتە يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق قورشاۋ، يەنە بىر تەرەپتە بولسا، ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى 11 كۈندىن كېيىن ئاران ئېنقلاپ چىقالىغان بىر ئۇيغۇر ژورنالىستنىڭ تۇنجۇققان سۈكۈتى.

بىراق كىتابنىڭ يېزىلىش سەۋەبى، بۇ بارلىق گېئو-سىياسەتنىڭ نېرىسىدىكى تولىمۇ شەخسىي بىر تۇيغۇغا باغلانغان، يەنى بىر نىكاھقا ئەمەس، بىر پارچە رەسىمگە.

ئۇ رەسىمدە تۆت ياشلىق بىر كىچىك بالا. ئىسمى مۇھەممەد. ئانىسى ئەتىگىنى ئۇنىڭغا تورت ئېتىپ بەرگەن، تورت قىيامىدا بارمىقى مەينەت بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشكەن بىر رەسىم. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ ئۆي يوق. ئۇ مەھەللە يوق. ئۇ شەھەر ئەمدى كونا شەھەر ئەمەس. مۇھەممەدنىڭ ئانىسى بىر لاگېردا. دادىسى باشقا بىر لاگېردا. بوۋىسى ئۈچىنچى بىر لاگېردا. مۇھەممەدنى ئەمدى «مۇھەممەد» دەپ چىقىرىشمۇ چەكلەنگەن. خىتايلار ئۇنى «ما لياڭ» (Ma Liang) دەپ ئاتايدۇ. ما لياڭ خىتايچىدا «پارلاق» دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن مۇھەممەد پارلاق ئەمەس. مۇھەممەد قاراڭغۇلۇق ئىچىدە. مۇھەممەد ئانىسىنى سورايدۇ.

 بۇ ئەسلىدە بىر خەلقنىڭ پەقەت جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي ئەس – خاتىرىسىنىمۇ تامامەن ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلغان سىستېمىلىق Mnemocide (ئەس – خاتىرە قىرغىنچىلىقى) ئوپېراتسىيەسىنىڭ تۇنجى تەجرىبىخانا مەھسۇلاتى ئىدى.

ئۇ رەسىم ياشانغان 12 ئانىنىڭ قولىدىن قولغا ئۆتۈپ، 8 يىلدىن كېيىن ئاران دېگەندە ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى ئېلىپ مېنىڭ ئالدىمغا قويغان كىشى ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىلىمەن قەلىمىڭ كۈچلۈك، سەن ياز. بۇ بالا ئۈچۈن ياز. ئۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان بىگۇناھ ئۈچۈن ياز. يازغىنكى، دۇنيا بىلسۇن»

مەنمۇ شۇ كېچىدىن باشلاپ يېزىشقا كىرىشتىم. ئۈچ يىل ئۆتتى. بۇ كىتاب ئەنە شۇ كېچىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستان پەقەت يىغا-زارە ۋە ماتەمدىن ئىبارەت بىرلا تىلدا يېزىلدى. ئازاب-ئوقۇبەتلەر خاتىرىلەندى، زۇلۇمنىڭ  سان-سىپىرلىرى ھېسابلاندى، ئەمما «زادى نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئال بۇرۇنقىدەكلا ھاۋادا قېلىۋەردى. ھېچكىم بۇ سوئالنى رېئال سىياسەتنىڭ سوغۇق ئۈستىلىگە قويۇشقا جۇرئەت قىلالمىدى. بۇ كىتاب دەل ئەنە شۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ. ئۇ ماتەم تۇتمايدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. سوئالنى بىر قۇرۇق تىلەك بىلەن ئەمەس، باشتىن- ئاخىرىغىچە مۇئەييەن ئىستراتېگىيەلىك بىر يول خەرىتىسى بىلەن جاۋابلايدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت بىر كىتاب ئوقۇشلا ئەمەس، بەلكى بىر مەۋجۇتلۇق ئىمتىھانىدۇر.

ئەمدى ئالدىڭلارغا بىر قانچە سوئالنى قويىمەن. ئۇلارنىڭ جاۋابى ئاسان ئەمەس.

بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ خايفا پورتىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گىگانت خىتاي كرانلىرىنىڭ، ئامېرىكا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاكۇستىكىلىق بارماق ئىزلىرىنى سېكۇنت ئىچىدە شاڭخەيگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ئاق دېڭىزغا يەنە شۇنداق خاتىرجەملىك بىلەن قارىيالامتىڭلار؟

غەززە كوچىلىرىدا «Battle Tested» (ئۇرۇشتا سىنالغان) دېگەن ماركا بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئالگورىتملارنىڭ، قەشقەردىكى «دىگىتال بائال»  قەتلىگاھىغا روھ بولۇپ پۈۋلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، يەنىلا «پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسسىلىسى، ئىككى ئايرىم-ئايرىم مەسىلە» دېيەلەمتىڭلار؟

جېففرېي ئېپشتېين (Jeffrey Epstein) نىڭ «زورو رانچ» تىكى گېنىكا تەجرىبىخانىسىدا «سەرخىل ئىنسان نەسلىنى ئۇرۇقلاندۇرۇش» خاھىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى دەھشەتلىك بىئو-سىياسىي باغلىنىش بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟ ياكى ئىنسانىيەت پىترىتىگە قارىتىلغان ئومۇمىيۈزلۈك بىر ھۇجۇمنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى سېپىمۇ؟

بۇ سوئاللار سىلەرنى پىترەتكە قارىتىلغان ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇمنىڭ كوئوردېناتلىرىغا، ئەپيۇن ئۇرۇشلىرىدىن پېترو-يۈەن سىستېمىسىغىچە، مانخاتتەندىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كامېرالاردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالگورتمىلىق قەتلىگاھلارغىچە سوزۇلغان بىر خىيانەت زەنجىرىگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ زەنجىرنى كىمنىڭ قۇيغانلىقىنى، كىمنىڭ بويۇنغا تاقىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بەدىلىنى كىمنىڭ تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلگىنىڭلاردا، كىتاب سىلەرگە پەقەت ئۆتمۈشنىلا ئەمەس، قولىڭلاردىن تارتىۋېلىنىش ئالدىدا تۇرغان كېلەچىكىڭلارنىمۇ سۆزلەپ بېرىدۇ.

جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىقرارلىرى، جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، سوت مەھكىمىسى قارارلىرى ۋە ئاشكارىلانغان ھەقىقەتلەردىن تەشكىل تاپقان 480 دىن ئارتۇق بىرىنچى دەرىجىلىك مەنبە ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ كىتابتىكى بايانلار سىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم «بۇلارنى بىلمىگەن بولسام ياخشى بولاتتىكەن» دەپ قىلىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنۇتماڭلاركى، ئويغىنىشنىڭ تۇنجى ئالامىتى، شۇ تاتلىق ئۇيقۇدىن بىئارام بولۇش بىلەن نامايان بولىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، بەدىلىنى جېنى ياكى كەسپىي ھاياتى بىلەن تۆلىگەنلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمدى سۈكۈت قىلىش بىر تاللاش ئەمەس. بۇ كىتاب، ئەنە شۇ بىئاراملىقنى بىر ئازاتلىق ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىلدى.

ئىدىيەلىرىڭلار كىمنىڭ كۇتۇپخانىسىدا شەكىللىنىدۇ؟ تۇيغۇلىرىڭلار كىمنىڭ ئېكرانىدىن قانات قېقىشنى ئۆگىنىدۇ؟ قورقۇنچلىرىڭلار كىمنىڭ ئالگورىتمىسى تەرىپىدىن سەمىرىتىلىدۇ؟ ئۈمىدىڭلار كىمنىڭ سىنارىيەلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ؟

بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيۋاتقان بولساڭلار، سىلەر يالغۇز ئەمەس. بۇ سوئاللار بۈگۈن ئەمدى سورالمايدىغان بولدى. چۈنكى بىر چەك-چېگرا يوقىتىلدى. ئەمدى بىر «ئىچكىرى» ياكى «تاشقىرى» دەيدىغان پەرق يوق، پەقەت بىرلا ئىچكىرى بار. بۇ ئىچكىرىنىڭ سېپىللىرى كۈنسىرى يۈكسەلمەكتە، ئىچىدىكىلەر سېپىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ كۆرمەيدۇ.

ئۇلار خىياللىرىدا سېپىلنى ئەمەس، سېپىلنىڭ ئارقىسىدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. يۇقىرىغا قاراپ، «مانا ئاسمان» دەيدۇ، ئەمما ئۇلار قاراۋاتقان ئاسمان باشقا بىرسى قۇرۇپ چىققان بىر تورۇستۇر. ئۈستى كۆك رەڭگە بويالغان، بۇلۇتلار سىزىلغان، قۇياش ئۈچۈن بىر گراموفون ئورنىتىلغان. ھەقىقىي ئاسمان باشقا بىر يەردە. ھەقىقىي ئاسمان، شۇ تورۇسنىڭ يېرىقلىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە.

بۇ كىتاب ئەنە شۇ يېرىقنىڭ خەرىتىسىدۇر.

مەن سىلەرگە بەزى دەرۋازىلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بېرىمەن. بىرى 1979-يىلىنىڭ بېيجىڭ كېچىسىنى ئاچىدۇ. بىرى 2017-يىلى نېتانىياھۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قۇرغان «جەننەتتىكى نىكاھ» جۈملىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بىرى مەنخەتتەننىڭ «71 East 71st Street» ئادرېسىدىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر سابىق باش مىنىستىرى ئوتتۇز قېتىمدىن ئارتۇق مەخپىي كىرىپ چىققان قورو دەرۋازىنى ئاچىدۇ. بىرى خايفا پورتىدا ئۆرلەۋاتقان خىتاي كرانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك قارا قۇتىلارنى ئاچىدۇ. بىرى قەشقەردە بىر يۇمشاق دېتالنىڭ يۈز ئەللىك سېكۇنت ئىچىدە بىر ئىنساننىڭ كىملىكىنى قانداق ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ. يەنە بىرى بولسا، 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا جەۋلان قىلغان ۋە قايتىدىن جەۋلان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان مۇقەددەس كۆك بايرىقىمىزنى ئاچىدۇ.

بارلىق دەرۋازىلار تەڭ ئېچىلغاندا، كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدە، ئالدىڭلاردا پەقەت بىرلا ئۆي بولىدۇ. ئۇ ئۆي دۇنيانىڭ ئاخىرقى قىرىق ئالتە يىللىق بىنا قۇرۇلمىسىدۇر. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈستەل. ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر توختام. توختامنىڭ ئاستىدا ئىككى ئىمزا، بىرسى خىتاينىڭ، يەنە بىرسى ئىسرائىلىيەنىڭ. توختامنىڭ ئۈچىنچى تەرىپى، يەنى ئىمزا قويىدىغان يېرى بوش تۇرغان ئۈچىنچى قۇر سىزگە تەۋە.

چۈنكى سىزمۇ شۇ توختامنىڭ بىر پارچىسى. توختامنىڭ ئاستىغا ئۆز قولىڭىز بىلەن ئىمزا قويمىغانلىقىڭىز ئەركىن بولالىغانلىقىڭىز ئەمەس، ئەكىسچە سىستېمىنىڭ چاقلىرى ئارىسىدا سىز قالدۇرغان ھەر بىر «ئۇچۇر »، شۇ بوش قالغان قۇرغا رازىلىقىڭىزنى سورىماستىن ئىسمىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك يېزىلىشىغا خىزمەت قىلىدىغان سىياھقا ئايلىنىدۇ. بۇ كىتاب، ئەنە شۇ سىياھنى قايتۇرۇۋېلىشىڭىز ئۈچۈن يېزىلدى. تېمىسى سىزنىڭ كېلەچىكىڭىز، پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچىكى، شەھىرىڭىزنىڭ كېلەچىكى ۋە مەدەنىيىتىڭىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدۇر.

خىتاينىڭ ۋېيچى (Weiqi / قورشاش) ئويۇنىدا بىر تاشنىڭ ئەتراپى قورشاۋغا ئېلىنغاندا، ئۇ تاش تاختىدىن ئېلىپ تاشلانمايدۇ. تاش ئورنىدا تۇرۇۋېرىدۇ. ئەمما ئەمدى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قورشاۋغا ئالغۇچى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئورنى ئوخشاش، رەڭگى ئۆزگەرمىگەن ئەمما ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنى كۆرگەن ماھىر دەرھال ھېس قىلىدۇكى، ئۇ تاش ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەمەس. بىراق يىراقتىن قارىغانلار، ئويۇن قائىدىسىنى بىلمەيدىغانلار، خىتاينىڭ ۋېيچى (Weiqi / قورشاش) ئويۇنىغا ئەنئەنىۋى شاھماتنىڭ كۆزى بىلەن باقىدىغانلار، ئۇ تاشنى يەنىلا كونا ئىگىسىنىڭ دەپ ئويلايدۇ.

بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەنە شۇنداق تاشلار مەۋجۇت. ئىسىملىرى كونا دۆلەتنىڭ ئىسىملىرى. بايراقلىرى كونا بايراقلار. سىياسەتچىلىرى كونا سىياسەتچىلەرگە ئوخشايدۇ. ئەمما ۋەزىپىلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئۇلارنى قورشاۋغا ئالغان كۈچ بولسا كۆرۈنمەيدۇ، ئۈنسىز، سامان ئاستىدىكى سۇدەك.

بۇ، خىتاي ئىستراتېگىيەسىدىكى «شى» (Shi / شارائىتنىڭ قۇدرىتى) قانۇنىيىتىدۇر. يەنى ئوچۇق- ئاشكارە بىر ئۇرۇشقا كىرمەي تۇرۇپ، تاختىدىكى بارلىق نەپەس يوللىرىنى بىرلا قېتىمدا ئەمەس، بەلكى ئەللىك يىللىق بىر سېڭىپ كىرىش بىلەن بوغۇپ تاشلاش ھىيلىسىدۇر.

بىر كۈنى بۇ قورشاۋ ئاشكارىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تاختىنىڭ ئۈستىدە قايسى تاشنىڭ ھەقىقىي تۈردە كىمنىڭ ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ كۈن يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇلۇشى كېرەك بولغان بىر كىتابتۇر بۇ. ئۇ كۈن كەلگەندىن كېيىن، بەلكىم ئوقۇش پۈتۈنلەي مۇمكىنسىز بولۇپ قېلىشى ئېنىق.

بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ سىرلىق ھىيلىسى ھەممە نەرسىنىڭ ئوپ - ئوچۇق، ئاشكارە ئوتتۇرىدا تۇرۇپمۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇنى كۆرمەسلىكىدۇر. ئىشىك ئوچۇق، ئەمما ئىچىگە ھېچكىشى باقمايدۇ. ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى، ئەسلىدە مەخپىيەتلىكنىڭ ئەڭ پىشقان، ئەڭ مۇكەممەللەشكەن ھالىدۇر.

بۇ كىتاب بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، بىر ئويغىتىش سىنىقىدۇر. بىر ماتەم ناخشىسى ئەمەس، بىر ئازادلىق ھۆججىتىدۇر. سىز ھازىر شۇ دەرۋازىدىن ئىچىگە قارىماقچى بولۇپ تۇرىۋاتىسىز. قاراۋېرىڭ، قورقماڭ. قارىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر ئويغىنىشتۇر. سىز قارىمىغانچە ئۇ ئۆي چوڭىيىۋېرىدۇ. سىز قاراشنى باشلىغان مىنۇتتىن ئېتىبارەن ئۇ ئۆي كىچىكلەشكە باشلايدۇ.

ئەمىسە مەرھەمەت ئىشىك ئېچىلىۋاتىدۇ….