ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىپلوماتلارغا ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىستان ۋاقتى، 2026-يىلى 12-ئىيۇن، ۋاشىنگتون — ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن، ئاسىيا ۋە خىتايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارغا ئۇيغۇر تىلى تەربىيەسى بېرىشنىڭ مۇھىملىقى مۇزاكىرە قىلىندى. غەربىي يېرىم شار تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كۇرتىس (John Curtis) نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە يېتەكچىلىك قىلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دىكى ماددىلارنى تىلغا ئېلىپ، رايوندىكى دىپلوماتلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلالىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. مىنىستىر رۇبىئومۇ ئۆزى ئىلگىرى ئېلىپ بارغان بۇ خىزمەتلەرگە ئاساسەن بۇ ئېھتىياجنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئۆگىنىش قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش ئالاھىدە تىللاردا دىپلوماتلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مىنىستىرلىق ئىچىدىكى تىل تەربىيەلەش جەريانلىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا يەنە، تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان خامچوت خىزمەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

كۆرۈشۈشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كېڭەش پالاتا ئەزاسى كۇرتىس: ئەپەندى، بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. سىزنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى بۇنچە ئېنىق باشقۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىڭىزگە ئىزچىل قايىل بولۇپ كېلىۋاتىمەن.

مەن سىزدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، نۆۋەتتە غەربىي يېرىم شار تارماق كومىتېتىغا رەئىسلىك قىلىۋاتىمەن. مەن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى تەيۋەن ۋە تەيۋەننىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى مۇناسىۋەتلىرىدۇر.

ئەمەلىيەتتە بىز غەربىي يېرىم شاردىكى تەيۋەن ئىتتىپاقداشلىرى توغرىسىدا تۇنجى تارماق كومىتېت يىغىنىمىزنى ئۆتكۈزدۇق. سىزگە ئايان بولغىنىدەك، ھوندۇراس 2023-يىلى خىتاينىڭ نۇرغۇن ۋەدىلىرى بەدىلىگە تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. ھېچقانداق ھەيران قالارلىق يېرى يوقكى، بۇ ۋەدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئورۇندالمىدى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى سايلام مەزگىلىدە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە توختالغان ئىدى.

خامچوتىڭىزدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (جخج) نىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش فوندى ئۈچۈن 245 مىليون دوللار ئاجراتتىڭىز. مەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋان ھوللېن (Van Hollen) بىلەن بىرلىكتە، بۇ بايلىقنىڭ بىر قىسمىنى مەخسۇس تەيۋەن ئۈچۈن ۋە ئۇ يەردىكى جخج نىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئاجرىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن. سۇئالىم شۇكى: ھوندۇراسنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشى ۋە تەيۋەن بىلەن غەربىي يېرىم شاردا ئورتاق ئىقتىسادىي ئالدىنقىلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى نۇقتىسىدىن، ئامېرىكا بۇ فوندنى تەيۋەن ئۈچۈن قانداق ئىشلىتەلەيدۇ؟ بۇ فوندنى يەنە قايسى ساھەلەردە باھالاپ چىقالايمىز؟

مىنىستىر ماركو رۇبىئو: ھەئە، ئالدى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىشنى ئۆزگەرتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، "ئەگەر ئېتىراپ قىلىشنى ئۆزگەرتسەڭلار، بىز سىلەرگە مۇشۇ قەرزنى بېرىمىز" دېيىشىدۇر. ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا قەرزدىنمۇ ئۆتۈپ، پاراخورلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار "سىلەرگە ئۇنى-بۇنى ھەقسىز بېرىمىز، سىلەر ئۈچۈن بىر يىغىن زالى، كۆۋرۈك ياكى پورت قۇرۇپ بېرىمىز" دەيدۇ.

بىراق ئۇلار بۇ ۋەدىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە ۋاپا قىلمىدى. شۇڭا قىلىنىدىغان بىرىنچى ئىش، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئورۇندالمىغانلىقىغا دىققەت قارتىشتۇر.

يەنە بىر تەرىپى بولسا، ئەگەر بۇلار قەرز بولسا، ئۇلار پۈتۈن دۇنيادا ۋە خۇسۇسەن بۇ يېرىم شاردا بىز ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان "قەرز تۇزىقى" نى پەيدا قىلىدۇ.

مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ فوندنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەقسىتى پەقەت تەيۋەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ گەرچە بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىگە قىلىنغان بېسىملار نەتىجىسىدە بۇ قەدەمنى تاشلىغان بولسىمۇ.

تېخىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك قارىساق، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېلېگراف سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، يوللار قۇرۇشقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئوچۇق ئېيتقاندا، مەيدانغا چىقىۋاتقان بىردىنبىر شىركەتلەر تېخىمۇ تۆۋەن تەننەرخ ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بىلەن كەلگەن جۇڭگو شىركەتلىرىدۇر.

ۋاھالەنكى، بۇ تۈرلەرنىڭ تاماملىنالمىغانلىقىغا دائىر ئېغىر بىر ئۆتمۈش بار. ئۇلارنىڭ ئىش قىلىش ئۈچۈن دۆلەتنى خىتاي ئىشچىلار بىلەن تولدۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەلىيىتى مەۋجۇت. شۇڭا، بۇ فوندنىڭ بىر قىسىم مەقسىتى، بۇ دۆلەتلەرگە جۇڭگو ياكى باشقا غەرەزلىك تاشقى تەسىرلەرگە قارشى تۇرالايدىغان تاللاشلارنى سۇنۇشتۇر.

بۇنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكا سودا كارخانىلىرىنى رايونغا جەلپ قىلىش بولسا، يەنە بىر قىسمى بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل بېسىم تاكتىكىلىرىغا ئالدىنىپ قالماي، ئۆز تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بايلىق ۋە ياردەملەرنى تەمىنلەشتۇر.

كۇرتىس: رەھمەت. رۇخسىتىڭىز بىلەن بىر مىنۇت خىتاي مەسىلىسىگە ئۆتەي. خامچوتىڭىزدا، دۆلەت تىل تەربىيەلەشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان تاشقى مۇلازىمەت ئىنستىتۇتى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى بىيۇروسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تىل ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنىپتۇ.

بىراق بۇ يەردە، كېڭەش پالاتاسىدا، مەن ئىلگىرى سىز يېتەكچىلىك قىلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مەن بۇ لايىھەنىڭ ئالاھىدە قوللايدىغان قىسمى شۇكى، تاشقى ئىشلار خادىملىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى تەربىيەسىنىڭ پەقەت مۇھىملا ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ ھەمدە ئاسىيا ۋە خىتايدا بۇ تىلنى سۆزلىيەلەيدىغان خادىملىرىمىزنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

دیپلوماتلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تىلىدا ئاڭلاپ چۈشىنىشىنىڭ ئىنتايىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلايمەن. سىزنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىڭىز ۋە مىنىستىرلىقنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زۇلۇملىرىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، سىز بۇ ماددىنى يەنىلا قوللامسىز ۋە بۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟

مىنىستىر ماركو رۇبىئو: ھەئە، ئوچۇق ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلى دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان بىر تىل ئەمەس، بىراق دۇنيانىڭ مۇھىم بىر رايونىدا ئىنتايىن قىممەتلىك. شۇڭا، بىز ئادەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىزچىل بىر قىيىنچىلىق بولۇپ كەلگەن تىل يېتەكچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز. ئورگانلارنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىمۇ، تاشقى ئىشلار خادىملىرى ۋەزىپە ئورۇنلىرىغا تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى تىل تەربىيەسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تېز سۈرئەتتە بېرەلەشتۇر.

ئەلۋەتتە، بەزى تىللاردا يېتەكچىلىككە ئېرىشىش خېلى قىيىن. ئەگەر تىلنىڭ ئاساسى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولسا، بەزى تىللارنى ئۆگىنىش باشقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. مەسىلەن، ئىسپانچە سۆزلىيەلىسىڭىز ئىتالىيانچە ئۆگىنىش ئاسان؛ بىراق خەنزۇچە (ماندارىن) ياكى مۇشۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش تېخىمۇ قىيىندۇر. شۇڭا تىل بىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر. بۇ جەرياندا، بىز خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قوراللىرىمىزدا نامزاتلارنىڭ ئالدىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى بىر تىلنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىغىمۇ قارايمىز، بۇمۇ چوڭ بىر ئەۋزەللىك يارىتىدۇ.