تۈركىستان ۋاقتى، 2026-يىلى 12-ئىيۇن، باڭكوك — تايلاند سوت مەھكىمىسى 2015-يىلى باڭكوكتىكى ئېراۋان بۇتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، 11 يىللىق ناھەق تۇتقۇندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى قارارى چىقاردى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ قارارنى سىياسىي غەرەز كۆزلەنگەن، ئادالەتتىن پۈتۈنلەي يىراق بىر نادامەت دەپ ئەيىبلىمەكتە. تايلاند دائرىلىرى بۇندىن بۇرۇن كۆپ قېتىم يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
2026-يىلى 11-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى، باڭكوك جەنۇبىي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلال مۇھەممەد (ئادەم قاراداغ) ۋە يۈسۈپ مىرئەلى 20 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 120 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغان پارتلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ جازا كۆرسەتتى. سوت مەھكىمىسى ئەيىبلىگۈچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئون ئەتراپىدىكى گۇۋاھچىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ جازانى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ جازانى تەن ئالمىدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا، يۈسۈپ مىرئەلى سوت زالىدا ئىنگلىزچە ۋە تايلاندچە: "بۇ ناھەقچىلىك! مەن ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، تايلاندنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى ۋەيران بولدى!" دەپ توۋلىدى. شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بۇ ئون يىللىق سوت مۇساپىسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز، خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە قىلغان سىياسىي بېسىمىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى (WGAD) ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا چىقارغان رەسمىي قارارىدا، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ 11 يىل بويىچە قاماقتا تۇتۇلۇشىنى "قانونغا خىلاپ ۋە خالىغانچە تۇتقۇن" دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى (FIDH) مۇئاۋىن رەئىسى تېپپېي ئونو (Teppei Ono) بۇ ھەقتە توختىلىپ، شۇنچە كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپتەرلىرى دەپسەندە قىلىنغان بۇ ئىككى مەھرۇمنىڭ ئەمدىلىكتە ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان ياشاش ھوقۇقىنىڭمۇ تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئىككى ئەيىبلىنۈچى سوتتا ئۆزلىرىنىڭ 2015-يىلى تۇتۇلغان چاغدا تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر قىيناشقا ئۇچرىغانلىقىنى، ساختا ئىقرارلارنى بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند سوتى بۇنى "يېتەرلىك ئىسپات يوق" دەپ رەت قىلدى.
BBC نىڭ جەنۇبىي-شەرقىي ئاسىيا مۇخبىرى جوناتان ھېد (Jonathan Head) نىڭ بىۋاسىتە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپلا تايلاند ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇساپىسى نۇرغۇن گۇمانلارنى تۇغدۇرغان. تايلاند ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، پارتلاش يۈز بەرگەن مەيداننى ئىككى كۈن ئىچىدە سېمونتلاپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. ساقچىلار قوراللىق تۇتقۇندىن كېيىن، بومبا قويغۇچىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا سىن كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تۇتۇلغانلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق تاپالمىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ئەيىبلىگەن. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ساقچى تەرەپ جىنايەتچىنى تېپىشقا تىكىلگەن 80 مىڭ دوللارلىق مۇكاپاتنى، تۇنجى تۇتقۇندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىگە تارقىتىپ بەرگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، BBC مۇخبىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بىلال مۇھەممەد ئۆزى تۇتۇلغان ئۆيدە مالايسىياغا، ئۇ يەردىن ئۆز قېرىنداشلىرى ياشايدىغان تۈركىيەگە قېچىش ئۈچۈن قاچاقچىلارنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان. 2013 ۋە 2014-يىللىرىدىن باشلاپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ، مالايسىيا ۋە تايلاند قاتارلىق جەنۇبىي-شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ياشلىرىمۇ، دەل شۇ ئېغىر ھىجرەت يولىدىكى، ئەركىنلىك ئىزدەپ جېنىنى ئالقانغا قويغان شەرقىي تۈركىستانلىق مەھرۇملارنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
خەلقئارا قانۇنشۇناسلار كومىتېتى (ICJ) قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى سوتنىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق سوزۇلۇشىنى ئەيىبلەپ، بۇ جەرياندا ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سوتنىڭ بۇنچە ئۇزۇن سوزۇلۇشىغا تايلاند تەرەپنىڭ "ئۇيغۇرچە تەرجىمان تاپالمىدۇق" دېگەن باھانىلىرى سەۋەب بولغان، تۇتۇلغانلار خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تايلاندنىڭ قولىدا ھېچقانداق رەسمىي، ئېنىق رەقەملىك دەلىل بولماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى — بېيجىڭنىڭ مىلياردلىغان دوللارلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىمىنىڭ نەتىجىسىدۇر. تايلاند ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 2015-يىلى ئىيۇلدا 109 ئۇيغۇرنى، يېقىندا يەنى 2025-يىلى فېۋرالدا يەنە 40 ئۇيغۇرنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا زەنجىرلەپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى (RFA) غا بەرگەن باياناتىدا ئېيتقىنىدەك، تايلاندنىڭ بۈگۈنكى بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق سوت قارارى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر قۇربانىدۇر.