ئۇيغۇر مۇنبىرى: «خەلقئارالىق سۈكۈت ئاخىرلىشىشى كېرەك»

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىققا قارشى خەلقئارالىق تونۇشنى ئۆستۈرۈش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش چاقىرىقى قىلىش مەقسىتىدە، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى»گە جەم بولدى. مۇنبەردە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ۋە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ۋە مەسئۇلىيەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

15-ئىيۇن 2026-يىلى

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى 2026-يىلى 11-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن خەلقئارا سەھنىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جاۋابكارلىققا تارتىش چاقىرىقلىرى، بۇ يىل ئۈچىنچى قېتىم تەشكىللەنگەن خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

11-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇنبەرگە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، قانۇنشۇناسلار، ئاكادېمىكلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەت تاشلىشى كېرەك بولغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (UZDM) تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قوللىغان بۇ يىللىق مۇنبەر «لاگېرلارنىڭ ئونىنچى يىلى: ئېتىراپ قىلىشتىن جاۋابكارلىققا تارتىشقىچە — كېيىنكى قەدەم نېمە؟» دېگەن تېمىدا ئېچىلدى. مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كۈنتەرتىپنى پەقەتلا دەپسەندىچىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئەيىبلەش سەۋىيەسىدە قالدۇرماي، ئەمەلىي سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە قانۇنىي نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان جاۋابكارلىققا تارتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا تەرتىپ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا يېتەرسىز قالدى؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى باشلىغان تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن بۇيان ئون يىل ئۆتكەنلىكىگە دىققەت تارتقان تەشكىللەش ھەيئىتى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ ئورگان خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق ۋە مەڭگۈلۈك تۈس ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەمەلىيىتى، چېگرا ھالقىغان بېسىملار، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر شۇنداقلا مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى مۇنبەر جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ئاساسلىق تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

پىروگرامما دائىرىسىدە تەشكىللەنگەن «يوقالغان ئاۋازلار» ماۋزۇلۇق سۈرەت كۆرگەزمىسىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت قوزغىدى. كۆرگەزمىدە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارتقان قىيىنچىلىقلىرى شۇنداقلا ھازىرمۇ تۈرمىدە تۇرۇۋاتقان ياكى قىيناققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھېكايىلىرى قاتناشقۇچىلارغا ئاڭلىتىلدى.

مۇنبەرنى تەشكىللىگۈچىلەر تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بېرلىندىكى بۇ يىغىنغا 25 دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى ۋە 80 گە يېقىن سۆزلىگۈچى قاتناشقان. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان پىروگرامما بويىچە ئالتە يۈرۈش گۇرۇپپا يىغىنى (پانېل)، سەككىز قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن.

پانېللاردا شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە تەيۋەن مىساللىرى ئارقىلىق خەلقئارا تەرتىپنىڭ قىزىل سىزىقلىرى مۇنازىرە قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى ۋە بۇ دائىرىدە يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا خەلقئارالىق ۋە كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقى، نۆۋەتتىكى مېخانىزملارنىڭ نېمە ئۈچۈن يېتەرسىز قالغانلىقى ۋە خەلقئارا جاۋابكارلىققا تارتىش مېخانىزمىنى قانداق كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى تەكشۈرۈپ چېقىلدى.

يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ يېڭى ئېتنىك بىرلىك سىياسىتى، ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان بېسىملار ۋە مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتقان توپلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداقلا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئېلىپ بېرىلغان ئالاھىدە بىر مەيدان سۆھبەت يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

«قىرغىنچىلىقنىڭ ھۆججەتكە ئايلىنىشى ئادالەت ئېلىپ كەلمەيدۇ»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ۋە يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئىسا، «پېرسپېكتىف» (Perspektif) ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالىق سەھنىلەردە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى داۋاملىشىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى ئورتاق بىر پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى ئۇكرائىنا، غەززە ۋە ئىران قاتارلىق ئۇرۇش رايونلىرىغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىسا: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن چەتكە سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن بۇ ۋەھشىي زۇلۇمنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇش ۋە داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەقسىتىدە كۆرۈشتۇق. خەلقئارالىق سۈكۈت ئاخىرلىشىشى كېرەك!» دېدى.

بۇ مۇنبەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (UZDM) تەشكىللىگەن بولۇپ، 20 قوللىغۇچى ئارىسىدا HASENE International نىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىسا، خەلقئارا جاۋابكارلىقنى قوللاش ئۈچۈن كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭمۇ شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ 2022-يىلىدىكى تۇنجى يىغىنىنى ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان، بۇ يىغىننىڭ بولسا ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان HASENE International نىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مەسۇد گۈلباھار (Mesud Gülbahar) يىغىندىكى سۆزىدە، ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىلىرى، مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمى ۋە تىرىك قالغانلارنىڭ گۇاھلىق سۆزلىرى ئىزچىل ۋە ئەندىشە قىلارلىق بىر ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، قىرغىنچىلىقنىڭ ھۆججەتكە ئايلىنىشىنىڭلا ئۆزى ئادالەت دېگەنلىك ئەمەسلىكىدۇر. ئېتىراپ قىلىش ھەرقانچە مۇھىم بولمىسۇن، ھەرگىزمۇ جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ» دېدى.

گۈلباھار يەنە ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان لاگېرلار تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەمىنلەش زەنجىرى قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ياۋروپا ئىقتىسادى، ھېچقانداق بىر خەلقنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىغا ۋاسىتىلىك ھالدا بولسىمۇ شېرىك بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

«سۈكۈت قىلىش نورماللىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ»

مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكلەر مەسىلىدە شەكىللەنگەن خەلقئارالىق ئورتاق پىكىر بولدى. 2026-يىلىغا قەدەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، چېخىيە، ئىرېلاندىيە، لىتۋا ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى «قىرغىنچىلىق» ۋە/ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى مەھكىمىسىنىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئەتراپلىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنىدى. دوكلاتتا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتلەر ۋە ئاساسىي ھوقۇقلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەكلىنىشىگە ئائىت ئېغىر پاكىتلار يەر ئالغانىدى.

مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئورگانلار، ب د ت نىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىدىن كېيىن خىتايغا قارىتا يېتەرلىك دىپلوماتىك بېسىم شەكىللەندۈرگىلى بولمىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بېرلىندىكى مۇنبەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورتاق ئەندىشىلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە بارغانسېرى نورمال بىر ئەھۋال سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى بولدى. قاتناشقۇچىلار، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بولسا دەپسەندىچىلىكلەر ئالدىدا خەلقئارالىق سۈكۈتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك دوكلاتلارمۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يۈزلىگەن ئۇيغۇر يېزا ۋە يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆچۈرۈشكە قارىتىلغان سىستېمىلىق بىر سىياسەت دەپ باھالىغان بولسا، مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى ناخشىلار ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى دېگەن نېمە؟

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى تۇنجى قېتىم 2022-يىلى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان «بىريۇسسېل خىتابنامىسى» ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي ۋە قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىلغانىدى.

مۇنبەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى 2023-يىلى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بېرلىندىكى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مۇنبەر بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ئېتىراپ قىلىش» باسقۇچىدىن «جاۋابكارلىققا تارتىش» باسقۇچىغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىگە ئائىت چاقىرىقلار ئەڭ كۈچلۈك ئاڭلانغان يىغىن بولۇپ قالدى.

مۇنبەر ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغان «بېرلىن خىتابنامىسى»دە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتابنامىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر قىسىم ماددىلار تۆۋەندىكىچە:

  1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ياشاۋاتقان ياكى تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان جەمئىيەتلەر ۋە خەلقلەر (ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، جەنۇبىي موڭغۇللار شۇنداقلا تەيۋەن ۋە شياڭگاڭ خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر-بىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 

  1. دۆلەتلەر ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە دىياسپورادىكى جەمئىيەتلەر ئۈچۈن بىخەتەر پاناھلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى؛ چېگرا ھالقىغان بېسىم خەۋپى يۇقىرى بولغان شەخسلەرنىڭ ئائىلە جەم بولۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

 

  1. تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدىن نەپ ئالغان شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىي يۈزدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.

 

  1. جاۋابكارلىققا تارتىش مەقسىتىدە، «پۇلنىڭ ئىزىنى قوغلاش» پىرىنسىپى بويىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن ياكى ئۇنى قوللىغان ئورگان ۋە شىركەتلەرگە قىلىنغان مەبلەغلەرگە جازا يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك.

 

  1. دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياراتقان تەھدىتكە قارشى ئورتاق سەپ قۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى قوللىشى كېرەك.

 

  1. ئۇيغۇر ھوقۇقى مەسىلىسى جامائەتچىلىك كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالماسلىقى لازىم. ئايرىم-ئايرىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە تىرىك قالغانلارنىڭ ھېكايىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈشى كېرەك. ئالاھىدە يوقاپ كەتكەن ياكى تەقدىرى نامەلۇم بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىلىشى كېرەك.

 

  1. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان پارلامېنتلار قىرغىنچىلىقنىڭ ئونىنچى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە قارارلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

 

  1. خەلقئارا جەمئىيەت لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

 

  1. ئالاھىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلار، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى رولى تۈپەيلىدىن جازالارغا دۇچ كېلىشى ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.

 

  1. دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ يېڭى «ئېتنىك بىرلىك قانۇنى» ۋە بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا ياراتقان تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغان تەقدىردە، قانۇننى تەييارلاشتا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرگە جازا يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك.

 

  1. دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ۋە پاناھلانغۇچىلىرىنى قوغدىشى، ئۇلارغا پاناھلىق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ئۈچىنچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىق (non-refoulement) پىرىنسىپىنىڭئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

 

  1. خەلقئارا جەمئىيەت تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەدەنىيەتنى قوغداش تەشەببۇسلىرىغا تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش كۆرسىتىشى كېرەك.

 https://perspektif.eu/2026/06/15/berlinde-uygur-forumu-uluslararasi-suskunluk-sona-ermeli/