مۇستەبىتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشى: خىتاي-ئىسرائىلىيە نىكاھى ۋە قەلب دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىققا ئاتلىنىشى (1- باپ: نېتانياھۇنىڭ بېيجىڭغا ئاتلىنىشى)

ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

1 - باپ: نېتانياھۇنىڭ بېيجىڭغا ئاتلىنىشى

«ئىنسان دېگەن نانكور بولىدۇ، ئۇ ھەممە نەرسىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك، ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقلارنىمۇ تېزلا ئۇنتۇيدۇ، ھەتتا بەزىدە بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆزىگە بىر يۈك ھېسابلايدۇ» فىيودور مىخايلوۋىچ دوستويېۋىسكىي

****** ****** ****** ****** ****** ***

بىر باش مىنىستىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تۆكۈلگەن خىيانەت ئېتىراپى:

«بىز سىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلار... خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى جەننەتتە قىلىنغان نىكاھتۇر» — باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ، بېيجىڭ، 2017-يىلى 20-مارت

2017-يىلى 20-مارت بېيجىڭ. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ 600 دىن ئارتۇق سودا-سانائەتچى، مىنىستىر ۋە بيۇروكراتلاردىن تەركىب تاپقان، ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۆپ سانلىق ھەيئەتنى باشلاپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سارىيىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسىدىن ئىچىگە قەدەم قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننىڭ 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىملەرگە قول قويۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلغىنىغا تېخى 48 سائەتمۇ بولمىغان ئىدى. خىتاي بىر تەرەپتىن رايوننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆزىگە تارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن (ئىسرائىلىيەدىن) غەربنىڭ ئەڭ مەخپىي تېخنىكا گېنلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا ئىدى. قىسقىغىنا ئىككى كۈن ئىچىدە، ئىككى ئايرىم دۆلەتتىن ئۇستىلىق بىلەن ئىككى خىل ھوسۇل ئېلىنغان ئىدى. [1]

نېتانياھۇ شۇ كۈنى داليەن ۋاندا (Dalian Wanda)، ئەلى بابا (Alibaba)، بەيدۇ (Baidu)، ۋاخاخا (Wahaha) ۋە لىنوۋو (Lenovo) قاتارلىق خىتاينىڭ گىگانت شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپ خىتاب قىلدى:

«بۇ تىرىشچانلىقىڭلاردا بىز سىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلارمىز. ھازىر دۇنيادا يۇقىرى تېخنىكا مۇجەسسەملەنگەن پەقەت ئىككىلا چوڭ مەركەز بار، بىز ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەشنا بولۇۋاتىمىز. خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى جەننەتتە قىلىنغان نىكاھتۇر.» [1]

بۇ سۆزلەرنى ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىيەلىك سۇپايىلىق دەپ چۈشىنىش ئەڭ چوڭ خاتالىق. ئەسلىدە نېتانياھۇ «ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلارمىز» دېيىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىقات-ئىجادىيەت ئەقلىنى خىتاينىڭ سانائەت گەۋدىسىگە بىر «مۇلازىمەت مودۇلى» سۈپىتىدە تەقدىم قىلغانلىقىنى رەسمىي مۇقىملاشتۇرماقتا ئىدى. بۇ بىر ھەمكارلىق تەكلىپى ئەمەس، بەلكى «ئامېرىكا تىنچلىقى» (Pax-Americana) دىن ۋاز كېچىپ، «خىتاي تىنچلىقى» (Pax-Sinica) غا بېقىنىشنىڭ ئالدىن تۈزۈلگەن كېلىشىم لايىھەسى ئىدى. بۇ «كىچىك شېرىك» ئۆزىنىڭ قايسى ھۆكۈمرانغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان تاللاپ بولغان ئىدى.

بۇ جۈملىدىكى ھەر بىر سۆزنى دىپلوماتىك سۆز ئەنئەنەسى بويىچە ئايرىم ئايدىم ئانالىز قىلىشقا ئەرزىيدۇ:

«كۆڭۈلدىكىدەك»: ئىسرائىلىيە سۇنغان تېخنىكا زاپىسىنىڭ نۇقسانسىزلىقىغا بېرىلگەن كاپالەت.

«كىچىك»: قاتلاملىق بەيئەتنىڭ ئاشكارە ئېتىراپ قىلىنىشى.

«شېرىكىڭلارمىز»: ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئەسلىدە كىمگە ئائىت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش.

«جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ»: بۇ بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ دىپلوماتىيەلىك سۇپايىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن چىرايلىق ئوخشىتىشى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكادىن يىلىغا 3.8 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم ئالىدىغان بىر ئىتتىپاقداشنىڭ، ئۆز خوجايىنىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىگە سۇنغان ئىستراتېگىيەلىك ساداقەتنامەسىدۇر.

خەلقئارا سىياسەت ئەدەبىياتىدا، ئۆزىنى قوغداۋاتقان چوڭ كۈچنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دۈشمىنىگە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئاشكارە ساداقەت ئىزھار قىلىپ، «بىز سىلەرنىڭ كىچىك شېرىكىڭلار» دېگەنلىكىنىڭ ئىككىنچى بىر مىسالى يوق. بۇ ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن بىر خاتالىق ئەمەس، بەلكى ئونلىغان يىلغا سوزۇلغان سىستېمىلىق بېقىنىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. 

سىز ئوقۇۋاتقان بۇ باپ، دەل شۇ مەخپىي نىكاھنىڭ جىنايەت خاتىرىسىدۇر. بۇنى بىز دەۋاتقىنىمىز يوق. جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىمزالىرى، ئۆز كامېرالىرى ۋە ئۆز سۆزلىرى بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.

 

1-بۆلۈم: مەخپىي نىكاھنىڭ ئاشكارە توي مۇراسىمىغا ئايلىنىشى

1992-يىلى يانۋاردا ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا رەسمىي دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى يېڭى بىر باشلىنىش ئەمەس ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت، 1979-يىلىدىكى (كېيىنكى باپتا بارلىق تەپسىلاتلىرىنى بىلەن ئاشكارىلايمىز) بېيجىڭنىڭ قاراڭغۇ كېچىسىدە، سىيونىست شائۇل ئەيسىنبېرگ (Shaul Eisenberg) نىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانىدا توشۇلغان ھەربىي تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي باشلىنىپ بولغان ئىستراتېگىيەلىك نىكاھنىڭ ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى قانۇنىي تۈسكە كىرىشى ئىدى.[2] نىكاھ ئەسلىدە 13 يىل ئىلگىرىلا قىلىنغان بولۇپ، 1992-يىلىدىكى مۇراسىم پەقەت دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىلگەن، كېچىككەن بىر توي رەسىمىدىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ كېچىككەن ئېتىراپنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گېن قۇرۇلمىسىغا چۇڭقۇر بىر قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. داۋىد بېن-گۇرىئون 1948-يىلى دۆلەتنى قۇرغاندا، تۆت ئاساسلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى «رايون يوليورۇقى» (Periphery Doctrine) ئىدى. بۇ يوليورۇقنىڭ مەقسىتى: ھەرگىزمۇ بىرلا چوڭ كۈچنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالماسلىق، كۆپ قۇتۇپلۇقنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقلىق تورىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.[3] بۇ يوليورۇق تاشقىرىدىن قارىغاندا كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، سىستېمىلىق بىر مۇناپىقلىقنىڭ ئۇلى ئىدى.

بۇ يوليورۇقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۈچ تۈرلۈك پۇختا پاكىت بىلەن پاش بولىدۇ:

بىرىنچىسى، 1960-يىللاردا پېنسىلۋانىيەدىكى NUMEC ئاتوم تېخنىكا زاۋۇتىدىن 269 كىلوگىرام قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ (بىر قانچە ئاتوم بومبىسىغا يەتكۈدەك مىقدار) غايىب بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى دىمونا (Dimona) يادرو مەركىزىگە يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ مەخپىي دوكلاتىنىڭ 1968-يىلى پرېزىدېنت جونسونغا سۇنۇلۇشى ئىدى.[4] ئامېرىكانىڭ تۆت پرېزىدېنتى بۇ ئوغرىلىقتىن خەۋەردار ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ تەكشۈرۈشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالمىدى.

ئىككىنچىسى، 1967-يىلى فىرانسىيەنىڭ «Mirage V» كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ لايىھەسىنى  ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق يولى بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى «Nesher-Kfir» كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى. [5]

ئۈچىنچىسى، 1980-يىللاردا ئامېرىكانىڭ مەبلىغى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان «Lavi» كۈرەشچى ئايروپىلان لايىھەسى 1987-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ لايىھەنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ۋە خىتاينىڭ «Chengdu J-10» كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ دەل مۇشۇ تېخنىكا گېنى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى.[5]

بۇ ئۈچ ۋەقەنىڭ ھېچقايسىسى كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېھتىياجى بولماستىن، بەلكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخنىكىسى ۋە بايلىقىنى شىلىپ يېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق ئورنىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.

ئىسرائىلىيە ئامېرىكادىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىۋاتقان، يەنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىي ياردەملەر، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئامېرىكا ۋېتوسى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېرىلمىگەن چەتئەل ھەربىي مەبلەغ فوندى ئالاھىدە ھوقۇقى... قاتارلىقلاردىن بولۇشىغا بەھىرلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنە بىر تەرەپتىن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن يادرو ساھەسىدە مەخپىي ھەمكارلاشقان، ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا بولسا ھەر ئىككى تەرەپكە قورال سېتىپ بەرگەن، شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھەربىي مۇستەبىتلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)  كىرەلمىگەن رايونلاردا «كۆلەڭگە ھۆددىگەر» لىك رولىنى ئوينىغان ئىدى.[6] خىتاي بىلەن بولغان بۇ نىكاھ، بۇ خىل كۆپ تەرەپلىمىلىك سۇيىئىستېمالنىڭ 21-ئەسىردىكى نۇسخىسى ئىدى. لېكىن بۇ  ئىلگىرىكىلەردىنمۇ خەتەرلىك ئىدى.

خىتاي ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ ITAR (خەلقئارا قورال سودىسى بەلگىلىمىسى) چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىمايدىغان يوشۇرۇن بىر بازار يارىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاشىنگتونغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىدىغان تاللاش يولى ھېسابلىناتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قويىدىغان تېخنىكا چەكلىمىلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان «ئىستراتېگىيەلىك سۇغۇرتا» بىلەن تەمىنلەيتتى. [7] بۇ سۇغۇرتا 2023-يىلىغا كەلگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان ئوچۇق-ئاشكارا بىر «قۇتۇپ تەھدىتى» گە ئايلاندى.

بۇ نىكاھنىڭ يەنە بىر ھېسسىياتلىق تەرىپى بار، بېيجىڭ بۇ نۇقتىنى دەستەك قىلىپ ئىشلىتىشتە شەيتاننىمۇ ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇستا ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەھۇد ئولمېرت (Ehud Olmert) نىڭ دادىسى (Mordechai Olmert)  مورتىچاي ئولمېرت 1908-يىلى روسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇگۇرۇسلان شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1919-يىلى ئائىلىسى بىلەن خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىگە كېلىپ پاناھلانغان ئىدى. 14 يىل بويىچە خىتايدا خۇددى بىر خىتاي ئۆسمۈردەكلا يېتىشكەن ئىدى.[8] ئەھۇد ئولمېرتنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا: «دادام پەلەستىنگە كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ خىتايدىكى يۇرتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 88 يېشىدا سەكراتتا ياتقاندا، ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى خىتايچە قىلغان ئىدى.»[8]

بىر ئىسرائىلىيە سىياسەتچىسىنىڭ دادىسى ئۆلۈم سەكراتىدا ئىبرانىيچە ياكى يىدىشچە ئەمەس، بەلكى خىتايچە سۆزلەۋاتاتتى. بۇ تەپسىلات، ئىسرائىلىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنىڭ ئادەتتىكى دىپلوماتىيەلىك كېلىشىملەردىن بەكلا يۇقىرى، خۇددى گېن تۈزۈلۈشىگە پۈتۈلگەن بىر كودقا ئوخشاش ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ مەخپىي ئىشارىتىدۇر.

خىتاي بۇ ھېسسىي رىشتىنى ئادەتتىكى بىر ئەسلىمە سۈپىتىدە تاشلاپ قويمىدى، بەلكى ئۇنى سىستېمىلىق بىر تەسىر كۆرسىتىش قورالىغا ئايلاندۇردى. خاربىندىكى يەھۇدىي مەدەنىيەت مىراسى مەركىزىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇزاق شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ يەھۇدىي قەبرىستانلىقى ھېسابلىنىدىغان بۇ مەركەز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىرى زىيارەت قىلىدىغان دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە ئايلاندۇرۇلدى. بىر «يەھۇدىي دوستلۇقى» مۇزېيى قۇرۇلدى.[9] خىتاي بىر تەرەپتىن خاربىندىكى يەھۇدىي سىناگوگلىرىنى جۇلالاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسچىتلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتاتتى. قەبرىستانلىقلىرىنى بۇلدوزېرلار بىلەن تۈزلەۋاتاتتى ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئالگورىزىملىق ئۆچۈرگۈچلەر بىلەن يوقىتىۋاتاتتى. ئوخشاش بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا پۇل تۆكۈپ ھۆرمەت بىلدۈرسە، يەنە بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈۋاتاتتى. يەھۇدىي چىركاۋلىرىغا بېرىلگەن ئەھمىيەت، ئەسلىدە قەشقەردىكى مەسچىت ۋەيرانچىلىقىنى يوشۇرىدىغان دىپلوماتىيەلىك بىر بوياقتىن ئىبارەت ئىدى.

بېيجىڭنىڭ بۇ ھېس تۇيغۇنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئۇستىلىقى، خىتاي ئىستىخبارات يوليورۇقىدىكى «دىياسپورا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ نازۇك تەڭشەك قوراللىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ بوۋىسى خىتاي تۇپرىقىدا دەپنە قىلىنغان بولسا ۋە دادىسى ئىسرائىلىيەدە ئۆلۈش ئالدىدا ۋەسىيەتنى خىتاي تىلىدا قىلىۋاتقان بولسا، يەنى بىر ئائىلىنىڭ مەدەنىيەت كودلىرىغا خىتاي تىلى بۇ قەدەر سىڭىپ كەتكەن بولسا، خىتاي بىلەن قۇرۇلغان ھەر بىر دىپلوماتىيە قۇرۇق دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، ئاڭ ئاستىدا چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ھېسسىي رىشتىگە ئايلىنىدۇ. نېتانياھۇنىڭ 2017-يىلى بېيجىڭدا ئېيتقان «جەننەتتىكى نىكاھ» ئېتىراپىنىڭ پىسخىكىلىق ئاساسى، دەل خاربىن كوچىلىرىدا، بىر بالىنىڭ خىتايچە ئۆگەنگەن ئەشۇ 14 يىللىق جەريانىدا سېلىنغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي سەرخىللىرى بۇ سۇيىئىستېمالنىڭ ھەم قورالى، ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شېرىكىگە ئايلانغان ئىدى.

 

2-بۆلۈم: «جەننەتتىكى نىكاھ»  ئېتىراپىنىڭ ئەمەلىيلىشىش يىلنامىسى

نېتانياھۇنىڭ «جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ» دېگەن ئوخشىتىشى ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك سىپايىلىك سۆزى بولمىغىنىدەك، پەقەت 2017-يىلى بېيجىڭدا ئويلىمىغان يەردىن ئېغىزدىن شۇنداقلا چىقىپ كەتكەن سۆزدە ئېزىپ كېتىشمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ جۈملە، رەسمىي ساداغا ئايلانغان 2017-يىلىدىن بەكلا بۇرۇن، ئون يىلغا سوزۇلغان سىستېمىلىق بېقىنىشنىڭ ئاڭ ئاستىدىكى شىفرىسىدۇر. سىياسەت ئىلمىدە سىياسىي بايانلار ھەر ۋاقىت مىكروفون ئالدىدا سۆزلەنمەيدۇ. بەزىدە قويۇلغان ئىمزالار، بەزىدە ئىنچىكە ھېسابلانغان ۋاقىت تاللاشلىرى، بەزىدە بولسا سىرتتىن قوغداۋاتقان خوجايىنغا قاراتقان مەنىلىك قۇرقۇتۇش ئىشارەتلىرى بىلەنمۇ «تىلغا ئېلىنماستىن تەكرارلىنىدۇ». 2017-يىلىدىكى ئاشكارە جاكارلىنىشقا بارىدىغان يولدا، بۇ نىكاھ 2013- ۋە 2015-يىللىرىدىكى ئىككى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا، ۋاشىنگتون بىلەن تىركىشىشكەن ھەر دوقمۇشتا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قايتا-قايتا ئىسپاتلانغان ئىدى.

بىرىنچى دوقمۇش، 2013-يىلى ماي ئېيى بولۇپ، بۇ قۇرۇلما خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى. شى جىنپىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىك ئورۇندۇقىغا تېخى يېڭىلا ئولتۇرغان، ئورۇندۇق تېخى ئانچە ئىسسىپ كەتمىگەن چاغ ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ئامېرىكا پايتەختىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ رەقىبىنىڭ پايتەختىگە كەلگەن ئىدى. نېتانياھۇنىڭ دەل شۇ مەزگىلدە بۇ «جەننەت نىكاھنىڭ» نىڭ ئاساسىنى تۇنجى قېتىم ئۆز قولى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۈستىلىگە قويغاندىكى ۋاقىت تاللىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى. ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تور جاسۇسلۇقى ئەيىبلەشلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىنلەشكەن، ئوباما ئۆزىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان پەيت ئىدى. ئىسرائىلىيە ئۆز سېپىنى خۇپىيانە بەلگىلەپ بولغان بولۇپ، 2017-يىلى ئاشكارا جاكارلانغان بۇ مەشھۇر جۈملىنىڭ تۇنجى پەلسەپەۋىي ئۇرۇقلىرى مەزكۇر زىيارەتتە چېچىلغان ئىدى. بۇ ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك كۆرۈشۈش ئەمەس، بەلكى بېيجىڭغا سۇنۇلغان تۇنجى ئەمەلىي بېقىنىش بايانى ئىدى. كونا خوجايىننى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يېڭى ئىمپېراتورنىڭ ئالدىدا قىلىنغان تۇنجى يوشۇرۇن بەيئەت ئىدى.

ئىككىنچى دوقمۇش، 2015-يىلى ئاپىرىل ئېيى بولۇپ، بۇ بەيئەتنىڭ مالىيەۋىي ۋە قانۇنىي تۈس ئېلىشى بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي باشچىلىقىدىكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا (AIIB) ئەزا بولماسلىق ھەققىدىكى بىۋاسىتە ۋە كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن، نېتانياھۇ ئۆز قولى بىلەن بۇ بانكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇشقا ئىلتىماس سۇندى.[11] ئامېرىكا ۋە ياپونىيە خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئاشكارە رەت قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۆز خوجايىنىدىن شۇنچە زور ھەربىي ياردەملەرنى ئېلىۋاتقان بىر دۆلەت، ۋاشىنگتوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنى كۆزگە ئىلماي، خىتاينىڭ يەر شارى مالىيە قۇرۇلمىسىنىڭ قۇرغۇچى شېرىكى بولۇشنى تاللىغان ئىدى. نېتانياھۇ، تېل ئاۋىۋ بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئەمەلىي كېلىشىمنى ئىتتىپاقداشلىق ھەق - ھوقۇقىنى  دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە قويغان مەزكۇر ئىمزاسى ئارقىلىق قۇرۇق بىر دىپلوماتىك سۆز ئويۇنىىغا ئەمەس، پۇختا بىر ئىستراتېگىيەلىك سەپداشلىققا ئايلاندۇرغان ئىدى.[12] ئىتتىپاقداشلىق ھەق – ھوقۇقىدا بۇنىڭ نامى يوشۇرۇن بەيئەت، ئىستراتېگىيەلىك لۇغەتتە بولسا، بۇنىڭ ئاتىلىشى «ئەمەلىي قۇتۇپ ئالماستۇرۇش» تۇر.

ئۈچىنچى دوقمۇش بولسا بۇ مەخپىي كېلىشىمنىڭ مىكروفوندا ئاۋازغا، سەھنىدە ئاشكارە بايانغا ئايلانغان يىلنامىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. 2017-يىلى 20-21-مارت كۈنلىرى نېتانياھۇ 600 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان چوڭ ھەيئەت بىلەن بېيجىڭغا چۈشتى.[1] ئون يىلدىن بېرى قىلغان ھەرىكەتلىرى، قويغان ئىمزالىرى ۋە ۋاشىنگتونغا قارىتىپ ھومىيىشلىرى بىلەن مۇجەسسەملەشكەن ھەقىقىي نىيىتىنى، ئاخىرى خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئاشكارا ئېيتقان ئىدى: «خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى، جەننەتتە قىلىنغان نىكاھتۇر.»

نېتانياھۇنىڭ 2022-يىلى نەشىر قىلىنغان ئۆز تەرجىمىھالىدىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى ۋە مەبلەغ شېرىكچىلىكىنى دەل مۇشۇ «جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ» (marriage made in heaven) ئوخشىتىشى بىلەن قانداق ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقى، ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۆز تەھلىلىدە، بۇ سىياسەتنىڭ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئەكىس-سادالىرىنى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقتا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ چۆڭقۇر تەكشۈرۈپ چىققان ئىدى.[33]

بۇ ئۈچ دوقمۇشنىڭ ماتېماتىكىسى ئىنتايىن ئېنىق. 2013-يىلى نىيەت بايان قىلىندى، 2015-يىلى بۇ بېقىنىش مالىيە قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولدى.  2017-يىلى بولسا بەيئەت رەسمىي مۆھۈرلەندى. ئوخشاش بىر جۈملە، ئۈچ ئايرىم دوقمۇشتا بەزىدە جىمجىت بىر ئىمزا، بەزىدە جاراڭلىق بىر نۇتۇق سۈپىتىدە، ھەر قېتىم بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭقۇر ئورگان خاراكتېرلىك مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى. بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل، تۆت يىل ئىچىدە ئەمەلىي بىر مەشغۇلاتتىن ئاشكارە بىر سىياسىي نىشان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

 

3-بۆلۈم: بېيجىڭ تەرەپنىڭ مەدھىيەسى، نىكاھنىڭ يەنە بىر تەرىپى

«جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ» ئەگەر پەقەتلا بىر تەرەپلىمىلىك بىر مۇھەببەت بايانىلا بولغان بولسا ئىدى، بۇ كىتابنىڭ تېزىسلىرى پەقەت بىر باش مىنىستىرنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن سۆزلىرىنىلا پاش قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، نىكاھ ئىككى تەرەپ تەڭ ئىمزا قويغان بىر توختامنامىدۇر. بېيجىڭ تەرەپ، تېل ئاۋىۋدەك يۇقىرى ئاۋازدا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە خاس ئىنتايىن ئاڭلىق ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە، ئىسرائىلىيە-يەھۇدىي مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان بىر مەدھىيە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ تارىخىي يىلتىزى، زامانىۋىي خىتاينىڭ قۇرغۇچى ئاتىسىغىچە تۇتىشىدۇ. سۈن جۇڭشەن (Sun Yat-sen) 1920-يىلى 24-ئاپرېلدا شاڭخەي سىيونىستلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نىسسىم ئېلىئاس بېنيامىن ئەزراغا (Nissim Elias Benjamin Ezra) يازغان ئىمزالىق خېتىدە، سىيونىزمنى «بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىگەن ۋە: «دېموكراتىيەنىڭ بارلىق ئاشىقلىرى، سىلەرنىڭ بۇ شانلىق ۋە تارىخىي دۆلىتىڭلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ھەرىكىتىڭلارنى پۈتۈن قەلبى بىلەن قوللىماي تۇرالمايدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلغان ئىدى.[14] زامانىۋىي خىتاي دۆلىتىنىڭ تۇنجى ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى، پەلەستىندە بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى، تېخى ئىسرائىلىيە قۇرۇلۇشتىن 28 يىل ئىلگىرىلا ئاشكارە مۇقەددەسلىككە كۆتۈرگەن ئىدى.

زامانىۋىي خىتاي دىپلوماتىيەسى بۇ ئاساسنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى، ئەكسىچە ئۇنى سىستېمىلىق بىر تەسىر كۆرسىتىش قورالىغا ئايلاندۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 2013-يىلى دېكابىردا قۇدۇستا مۇنداق جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىشىكىنى يەھۇدىيلارغا تاقىغاندا، خىتاي خەلقى ناھايىتى كۆپ ساندىكى يەھۇدىي پاناھلانغۇچىلارغا قۇچاق ئىچېپ ئۇلارنى پاناهلاندۇردى... بۇ سىناقتىن ئۆتكەن دوستلۇق، ھەقىقىي دوستلۇقتۇر.» [15] 

مەدھىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىندى. خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېقىن سىياسىي سەپدىشى بولغان ۋاڭ چىشەن تېل ئاۋىۋ زىياتى جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ناتسىستلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ خاتىرگاھى«ياد ۋاشېم» (Yad Vashem) سارىيىنى رەسمىي دۆلەت زىيارىتى سۈپىتىدە زىيارەت قىلىپ، 6 مىليون يەھۇدىينىڭ روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.[16] ۋاڭ چىشەن بۇ زىيارەتتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر تۈركىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماش قارارىنى ماقۇللىغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئىمزا قويغان كىشىلەردىن بىرى ئىدى. بىر ئادەم «ياد ۋاشېم» دا بىر تەرەپتىن 6 مىليون يەھۇدىينى ھۆرمەت بىلەن خاتىرلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەردە 1.5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان ئىدى. بىر تەرەپتە يەھۇدىي سىناگوگلىرىنى زىننەتلەش بىلەن يەنە بىر تەرەپتە شىرقىي تۈركىستاندا مەسچىت چېقىشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق زىددىيەت، دەل مۇشۇ ۋاڭ چىشەننىڭ ئەمەلىي ئەپتى-بەشەرىسىدە بىرلىشىپ گەۋدىلەنگەن ئىدى.

بۇ مەدھىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ نازۇك خىشىنى بولسا شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن قويدى. 2019-يىلى 15-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى سۆھبىتى يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، دۇنيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ كىلاسسىك نادىر ئەسەرلىرىنى ساناش جەريانىدا مۇنداق بىر تاللاشنى ئېلىپ باردى: «شېئىرلار كىتابى (شىجىڭ) ۋە كۆڭزىنىڭ تەلىماتلىرى (لۇنيۇ)نىڭ ئارقىسىغا يەھۇدىيلارنىڭ تالمۇد (Talmud)نى، ئاندىن مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرى، رىگۋېدا ۋە گېنجى ھېكايىلىرىنى قويغان ئىدى» [17] شى جىنپىڭ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمە سۇپىسىغا بىرەر ئىسلامىي ئەسەرنى قويۇشنىڭ ئورنىغا، بىر يەھۇدىي دىنىي كىتابىنى (تالمۇدنى) قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قايسى مەدەنىيەتنى قىتئەداش، قېرىنداش دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن جاكارلىغان ئىدى. ئۇنتىمايلىكى، خىتاي سىياسىتىدە ھېچقانداق نەرسە تاسادىپىي بولمايدۇ.

خىتاينىڭ بۇ مەدھىيە تاكتىكىسىنىڭ ئەمەلىي مەقسىتى «Times of Israel» گېزىتىنىڭ 2022-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قانۇنىي جەھەتتىن تولۇق پاش قىلىندى: «خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەنسېرى، دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتلىرى يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىسستلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىش (خولوكوست) بايانلىرىنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولدى... خىتاي دىپلوماتلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مۇئامىلىلەر سەۋەبىدىن كەلگەن جازالارغا جاۋاب قايتۇرۇشتىمۇ دەل مۇشۇ خولوكوست تارىخىنى سۇيىئىستېمال قىلدى.» [18] خىتاينىڭ سۈن جۇڭشەندىن شى جىنپىڭغىچە سوزۇلغان بىر ئەسىرلىك مەدھىيە زەنجىرى، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىلغان دىپلوماتىك بىر پەردە رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

شۇنداق قىلىپ نىكاھنىڭ ئىككى تەرىپى تولۇقلاندى. كۆيئوغۇل ئىسرائىلىيە «بىز سىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلارمىز» دېگەن بولسا، كېلىن خىتاي «بۇ ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرداشلىقىدۇر» دېيىشنى باشلىدى. ئىككى تەرەپ تەڭلا ئۆز تاللاشلىرىنى ئۆز ئاغزى ۋە ئۆز ئىمزالىرى بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغان ئىدى.

 

4-بۆلۈم: ئاقسارايغا «ئۇنداقتا مەن خىتايغا بارىمەن» دەپ قىلىنغان تەھدىت

2023-يىلىنىڭ ياز پەسلى، «جەننەتتىكى نىكاھ» ئېتىراپىنىڭ بىر دىپلوماتىك قورقۇتۇش قورالىغا ئايلانغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. نېتانياھۇ 2022-يىلى دېكابىردا قايتىدىن باش مىنىستىرلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، تولۇق يەتتە ئايغىچە ئاقسارايدىن ھېچقانداق رەسمىي تەكلىپ ئالالمىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى ئەدلىيە ئىسلاھاتى كرىزىسىنى باھانە قىلىپ، سايلام بىلەن كەلگەن بىر باش مىنىستىرنى گويا «ياختۇرۇلمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلىغان ئىدى. [19] لېكىن، بۇ چەتكە قېقىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى نازارىتىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاي بىلەن قۇرۇلغان مەخپىي تېخنىكا لىنىيەسىنى كېسىپ تاشلاش تىرىشچانلىقى بار ئىدى.

نېتانياھۇنىڭ بۇ سىرتتىن قورشاۋغا ئېلىنىشقا قايتۇرغان جاۋابى، ئىتتىپاقداشلىق تارىخىغا يېزىلىدىغان بىر «قۇتۇپ ئالماشتۇرۇش قورقۇتۇشىغا» ئايلاندى. 2023-يىلى ئىيۇندا ۋاشىنگتونغا «مېنىڭ باشقا گېئو- سىياسىي تاللاشلىرىممۇ بار» دېگەن سىگنالنى ئەڭ كەسكىن تەلەپپۇزدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېتانياھۇ بېيجىڭ زىيارىتىنى ئېلان قىلدى.[20] بۇ ھەرىكەت ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك قورقۇتۇش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات شېرىكىنىڭ بارلىق مەخپىيەتلىكىنى بېيجىڭنىڭ ئۈستىلىگە بىر «سودا سوممىسى» سۈپىتىدە قويۇشقا ئۇرۇنۇشى ئىدى.[21] بىر باش مىنىستىر ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، خوجايىنىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىنىڭ قوينىغا يۈگۈرۈش ئارقىلىق جازالاۋاتاتتى. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئەدەبىياتىدا بۇ قىلمىشنىڭ ئاتىلىشى ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس، بەلكى «ئىستراتېگىيەلىك پارازىتلىق» تۇر.

شى جىنپىڭ بۇ ئېغىر ئىشەنچ كرىزىسىنى دەرھال بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇردى. بايدىن نېتانياھۇنى يېتىم قالدۇرغان شۇ كۈنلەردە بېيجىڭ تەرەپ تېزلىكتە رەسمىي دۆلەت زىيارىتى تەكلىپنامىسى ئەۋەتىپ، بۇ جىددىيچىلىكنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىغا قادالغان دىپلوماتىك بىر خەنجەرگە ئايلاندۇردى.[22]

نېتانياھۇنىڭ مەزكۇر قورقۇتىشىنىڭ ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستىخبارات مەخپىيەتلىكى» سېپىلىنى تەۋرەتكەنلىكى ئىدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (IDF) نىڭ  سابىق باشلىقى ئاموس يادلىننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن قاتتىق گۇۋاھلىقى بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ جىنايەت ئىسپاتىدۇر: «ئەگەر باش مىنىستىرنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكىلەردىن بىرى خۇددى بىن سالمانغا ئوخشاش ئىش تۇتۇشنى ئاقىلانىلىق، خىتايغا بېرىپ بايدىننىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئەقىللىق ئىش قىلغانلىق دەپ ئويلاۋاتقان بولسا، ئېغىر خاتالاشقان بولىدۇ.» يادلىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى مۇنداق ئاشكارىلىغان ئىدى: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇلار ئامېرىكىدىن يىلىغا مىلياردلىغان دوللارلىق ھەربىي ياردەم ئالمايدۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ ۋېتو ھوقۇقىغا بېقىنىپ قالغان يېرى يوق، ئامېرىكىنىڭ مالىيە كاپالىتىگىمۇ مۇھتاج ئەمەس.»[23]

بۇ جۈملىنىڭ بىر ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تۆكۈلۈشىنىڭ جىنايەت دېلوسىدىكى قىممىتى شۇكى: سابىق ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات باشلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي كوزىرىنى ئوينايدىغان ھېچقانداق ئۈستۈنلىكى يوق، چۈنكى ئىسرائىلىيە مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەمەس، بەلكى قوغداش ئاستىدىكى بىر بېقىندىدۇر. يادلىننىڭ بۇ گۇۋاھلىقىنى موسسادنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى رام بېن باراك ۋە ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى تامىر ھايمانمۇ تولۇق تەستىقلىغان ئىدى.[23]

 

5-بۆلۈم: 2017-يىلدىكى شېرىكچىلىكنىڭ 2025-يىلىدا تېخىمۇ چۇڭقۇر سانائەتلىشىشى

2017-يىلى مارتتا بېيجىڭدا ئىمزالانغان «ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن ئەتراپلىق شېرىكچىلىك» (Innovative Comprehensive Partnership) كېلىشىمى، 46 يىللىق سىستېمىلىق سۇيىئىستېمال جەريانىنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك ئىسپاتى بولدى. بۇ كېلىشىم تېخنىكا يۆتكەشنى ئادەتتىكى بىر سودىدىن ھالقىتىپ، رەسمىي بىر ئاپپارات مېخانىزمىغا باغلىدى.[24] بۇرۇن ئاستىرىتتىن ماڭىدىغان تېخنىكا ئېقىمى ئەمدىلىكتە توختاۋسىز، تەشكىللىك ئاقىدىغان چوڭ بىر دەرياغا ئايلانغان ئىدى.

بۇ دەريانىڭ ئەمەلىي ئامبىرى خىتاينىڭ ئىككى شەھىرىگە رەسمىي قۇرۇلدى. چاڭجۇ تېخنىكا ئىجادىيەت باغچىسىدا 300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيە شىركىتى، شاڭخەي تېخنىكا ئىجادىيەت مەركىزىدە 200 دىن ئارتۇق بىرلىشىپ قۇرغان كارخانا ۋە 800 دىن ئارتۇق خىتايدا تىزىملاتقان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى... بۇلار خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەشكىللەنگەن بىر سانائەت بىرلىشىشى ئىدى.[25] بۇلارنىڭ «پۇقرالار ھەمكارلىقى» دېگەن چىرايلىق نىقاپ ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئەسلى مەشغۇلات مېخانىزمى مۇنداق ئىدى:

ئىسرائىلىيەنىڭ تور ئىستىخبارات قىسمى بولغان يۇنىت 8200 نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان يېڭى شىركەتلەر (start-up) ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان سۈنئىي ئەقىل مودېللىرى، خىتاينىڭ 1.4 مىليارد نوپۇسلۇق چەكسىز دىگىتال ئۇچۇر ئامبىرىدا خۇددى «لابوراتورىيە مۇھىتىدەك» مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئەخلاقىي پىرىنسىپلار بىلەن چەكلەپ قويغان بەزى سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى، خىتاينىڭ (دېموكراتىك ئەخلاقىي چەكلىمىلەردىن خالىي)، چەكسىز نازارەت-كۆزىتىش ئۇچۇرلىرى بىلەن پىشىپ يېتىلىپ، بېيجىڭنىڭ كەلگۈسى يەر شارى خاراكتېرلىك تور ھۆكۈمدارلىقىنى ئەڭ ئاساسلىق يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەۋاتاتتى. 

2017-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە سوزۇلغان سەككىز يىلنىڭ ھەقىقىي جىنايەت ھۆججىتى تېخىمۇ چۆڭ بىر رېئاللىقتا ياتاتتى: بۇ شېرىكچىلىك كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ، تېخنىكا ئېقىمى ھەرگىز توختاپ قالمىدى، توختىتىپ قىلىشمۇ ھەتتا ۋاقتىنچە توڭلىتىشمۇ مۇمكىن بولمىدى. 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ئاشكارە تەنقىدلىرىگە، ھەتتا 2025-يىلى سېنتەبىردە نېتانياھۇنىڭ «خىتاي ئىسرائىلىيەگە قارشى بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن دىپلوماتىك باياناتلىرىغىمۇ قارىماستىن، مەزكۇر تېخنىكا باغچىلىرىدىكى شىركەتلەر ئۈزلۈكسىز چوڭايدى، ئەقلىي مۈلۈك تىزىملاشلىرى كۆپەيدى، يېڭى بىرلىشىپ قۇرۇلغان كارخانىلارغا ئىمزا قويۇش توختاپ قالمىدى.[26] بۇ توختاۋسىز زەنجىر 2025-يىلىغا كەلگەندە ئەمەلىي ئىمزالار بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. 2025-يىلى فېۋرالدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشىغا ئەۋەتكەن رەسمىي ئۇچۇرىدا «خىتاي-ئىسرائىلىيە ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن ئەتراپلىق شېرىكچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا جەزملەشتۈردى» دېدى. بۇ بايان 2017-يىلدىكى شېرىكچىلىك ھۆججىتىنىڭ سەككىز يىللىق ئۈزۈلمەس زەنجىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تامغىسى بولغان ئىدى. [27]

ئىمزالار پەقەت قۇرۇق سۆز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. 2025-يىلى مايدا تېل ئاۋىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ھاياتلىق ئىلمى تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، يېڭى ئىسرائىلىيە تېخنىكا تۈرلىرى چاڭجۇ تېخنىكا باغچىسىغا كىرىش كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويدى. شۇ يىلى بۇ باغچا قورۇسىدا خىتاي-ئىسرائىلىيە تېخنىكا ئىجادىيەت ئىنستىتۇتى (Guang-Israel Tech Innovation Institute) ئونلىغان يېڭى كارخانا ۋە ھەمكارلىقلار بىلەن رەسمىي ئېچىلدى.[28][29] 2025-يىلى 20-ئاۋغۇستتا بولسا خىتاينىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ جۈنجېڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە گېزىتى «Calcalist» نىڭ بىرىنچى بېتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىقات-ئىجادىيىتى (AR-GE) + خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشى + يەر شارى بازىرى» مودېلىنىڭ «كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى» جاكارلىدى.[30]

بۇ ئۈزۈلمەس مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە سىياسىي شاماللار قايسى تەرەپكە چىقسا چىقسۇن، دىپلوماتىك سۆزلەر قانچىلىك كەسكىنلەشسە كەسكىنلەشسۇن، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى قانچىلىك كۈچەيسە كۈچەيسۇن، ھەتتا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلغان چاغدىمۇ يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بىر تېخنىكىلىق بىر گەۋدىلىشىشنىڭ نەخ ئىسپاتىدۇر.

2025-يىلى خىتاينىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ جۈنجېڭنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىقات-ئىجادىيىتى + خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشى» فورمۇلاسىنى بىۋاسىتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە گېزىتىدە ئاشكارا ئېلان قىلىشى[30]، بۇ ئۈزۈلمەس زەنجىرنىڭ ئەمدى يوشۇرۇنۇشقىمۇ ئېھتىياجى قالمىغانلىقىنىڭ ئېتىراپى ئىدى. تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇببا سىستېمىسى ئەمدىلىكتە مەخپىلىكتىن ھالقىپ، شارقىراپ ئاقىدىغان چوڭ دەرياغا ئايلانغان ئىدى. سىياسەتچىلەر سەھنىدە غەززە كرىزىسىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا، تېخنىكا يۆتكەش تۈرۈببا سىستېمىسىنىڭ چىشلىق چاقلىرى ئاستىرتتىن جىمجىت ئايلىنىپ، غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىلىكىنى شەرققە توشۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.

 

6-بۆلۈم: نىكاھنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھېسابى

بۇ يەردە سورىلىشى كېرەك بولغان سوئال، يۈزەكى سودىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىنمۇ چوڭقۇردۇر: ئىسرائىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى راستىنلا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى «ئالدىغان» تەڭپۇڭسىزلىقمۇ، ياكى ئاڭلىق بىر رول بۆلۈشۈشكە ئاساسلانغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكمۇ؟

سانلىق مەلۇماتلار تۇنجى قاراشتا ئادەمنى ئالدايدىغان بىر مەنزىرىنى سىزىپ بېرىدۇ. 2017-يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكا بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، لېكىن ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئەكسىچە داۋاملىق ئاشتى.[31] مەبلەغ ئازايدى، لېكىن بىرگەۋدىلىشىش چوڭقۇرلىشىپ تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

ئىسرائىلىيە بۇ سودا تەڭپۇڭسىزلىقىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ شۇنچە بېسىملىرىغا قارىماي، خىتايغا ئىشىكنى ئوچۇق قويۇشتا چىڭ تۇرۇۋاتقان، ھەتتا بارغانسېرى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى «ئالدىنىپ قېلىش» ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر. بۇ تاللاش ئىككى قاتلاملىق بىر لوگىكىغا تايىنىدۇ.

بىرىنچى قاتلام، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق نىشانىنىڭ مەجبۇرىي نەتىجىسىدۇر. «ھەرگىزمۇ بىرلا چوڭ كۈچكە باغلانماسلىق» پىرىنسىپى، ئامېرىكىغا بولغان بىر قۇتۇپلىق بېقىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن توختاۋسىز باشقا قۇتۇبلارنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي يالغۇز  ئامېرىكىغا كۆرسىتىشكە بولىدىغان ئەڭ كۈچلۈك «تاللاش» ۋە بىر قورقۇتۇش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ بىباھا بىر دەستەكتۇر.

ئەڭ ھالقىلىق ئىككىنچى قاتلام، بۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق تېزىسلىرىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تېخنىكىلىرى (يەنى Lavi كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن J-10 لىنىيەسىگىچە، Phalcon رادار كودىدىن يۇنىت 8200 نىڭ كۆزىتىش ئالگورىزىملىرىغىچە) غەربنىڭ ھەربىي ۋە دىگىتال بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى ئىچىدىن يىمىرىپ تاشلايدىغان خاراكتېرگە ئىگە.

دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىستىخبارات ئاپپاراتلىرىدىن بىرىگە ئىگە بىر دۆلەتنى، «قايسى تېخنىكىنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قاراشنىڭ ئەسلا ئېتىبارغا ئالغۇچىلىكى يوقتۇر. ئىسرائىلىيە خىتايغا تېخنىكا يۆتكەۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىق تەختىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئاڭلىق تۈردە تۆھپە قوشتى. بۇ ئادەتتىكى بىر «ئىتتىپاقداشنىڭ خىيانىتى» ئەمەس. بۇ  ئامېرىكا تىنچلىقى (Pax Americana) دىن كېيىن قۇرۇلىدىغان يېڭى يەر شارى تەرتىپىدە، يەنى كىتابىمىزدا «دىگىتال بائال» (Digital Baal) دەپ ئاتالغان ئالگورىزىملىق ھۆكۈمدارلىق سىستېمىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر رول كاپالىتىگە ئېرىشىش ئوپېراتسىيەسىدۇر. خىتاي بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ سانائەت ماتورى، لوندون مەركەزلىك يەر شارى خاراكتېرلىك سىيونىست مالىيە گېگانىتلىرى مەبلەغ قۇرۇلمىسى، ئىسرائىلىيە بولسا بۇ سىستېمىنىڭ تېخنىكىلىق مېڭىسى سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا.

بۇ جىنايى ھېسابنىڭ ئىككى تۈۋرۈكىنى يانمۇ-يان قويغىنىمىزدا، نىكاھنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ:

بىرىنچى تۈۋرۈك،  ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغانلىرىدۇر: 310 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان ئومۇمىي ياردەم، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئامېرىكا ۋېتوسى، سەككىز ئەۋلاد ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېرىلمىگەن «چەتئەل ھەربىي مەبلەغ فوندى» ئالاھىدە ھوقۇقىدۇر. [32]

ئىككىنچى تۈۋرۈك بولسا،  ئىسرائىلىيەنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە خىتايغا بەرگەنلىرىدۇر: 1979-يىلى باشلانغان تېخنىكا يۆتكەش زەنجىرى[5]، 2015-يىلىدىكى AIIB (ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى) ئىمزاسى[11]، 2017-يىلىدىكى «ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن ئەتراپلىق شېرىكچىلىك» كېلىشىمى ۋە 2023-يىلى ئۆزلۈكىدىن خوجايىنىنىڭ ئىشىكى يەتتە ئاي تاقالغاندا، بېيجىڭنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن قىلىنغان دىپلوماتىك قورقۇتۇش.[19]

بۇ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، يەنى ئالغانلىرى بىلەن بەرگەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قورقۇنچلۇق پەرق، ھېچقانداق باھانە-سەۋەبكە ئورۇن قالدۇرمايدۇ. دوستويېۋىسكىينىڭ: «ئىنسان دېگەن نانكور بولىدۇ! ئۇ ھەممە نەرسىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك، ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقلارنىمۇ تېزلا ئۇنتۇيدۇ، ھەتتا بەزىدە بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆزىگە بىر يۈك ھېسابلايدۇ» دېگەن بۇ بۆلۈمنىڭ ئەڭ بېشىدا ئەسكەرتكەن جۈملىسى، پاكىتلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزلۈكىدىن قايتا جۇلالانماقتا.

بۇ نىكاھنىڭ ئاخىرقى رەسمىي تالونى (بەدىلى)، نە ئامېرىكا باج تۆلىگۈچىلىرىنىڭ يانچۇقىدىن چىققان مىلياردلىغان دوللارلىق ياردەملەر بىلەن، نە ئىسرائىلىيە جامائەتچىلىكىنىڭ ئۈمىدسىزلىكى بىلەن ئۆتەلمەيدۇ. ئۇ بەدەل قەشقەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا كىملىكى ۋە ئېتىقادى ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان مىليونلىغان مۇسۇلماننىڭ ھاياتى بىلەن ئۆتەلمەكتە. نېتانياھۇنىڭ «جەننەتتىكى نىكاھ» ىنىڭ مەھىر ھەققى كېلىشىمى، مەزلوم بىر خەلقنىڭ قېنى بىلەن يېزىلماقتا. خىتاي بۇ نىكاھنىڭ سانائەت جەللادى، ئىسرائىلىيە بولسا ئۇنىڭ تېخنىكىلىق يۇمشاق دېتالچىسى سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا.

بۇ نىكاھتىن بارلىققا كەلگەن قوراللار، ئۇنى مۇمكىن قىلغان خىيانەت زەنجىرى ۋە بۇنى ھېچ كىشىنىڭ توختىتىالمىغانلىقىنىڭ قاراڭغۇ ھېكايىسى، كېيىنكى باپلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسىدۇر. 

كېلەر جۈمە كۈنى «تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتىدە كىتابىمىنىڭ 2 - بابى بىلەن يۈز كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر!.....

  1. Dosya Kaynakçası

[1] "Israel and China a 'Marriage Made in Heaven,' Says Netanyahu" — The Diplomat, 25 Mart 2017. Netanyahu'nun 20-21 Mart 2017 Pekin ziyareti ve "cennette kıyılmış nikâh" beyanı. https://thediplomat.com/2017/03/israel-and-china-a-marriage-made-in-heaven-says-netanyahu/

[2] "Between Beijing and Washington: Israel’s Technology Transfers to China" — Journal of East Asian Studies 13:3 (2013). 1992 öncesi gizli ilişkilerin akademik analizi. https://doi.org/10.1017/S1598240800008328

https://www.researchgate.net/publication/267447803_Between_Beijing_and_Washington_Israel's_Technology_Transfers_to_China

[3] Yossi Alpher, Periphery: Israel's Search for Middle East Allies (Rowman & Littlefield, 2015). Ben-Gurion'un 1958 Periferi Doktrini'nin kanonik incelemesi. ISBN: 978-1-4422-3101-6. https://books.google.com/books/about/Periphery.html?id=nzHqngEACAAJ

[4] "The NUMEC Affair" — National Security Archive, George Washington University, Kasım 2016. CIA'nın 1968'de Başkan Johnson'a sunduğu NUMEC istihbaratı, 269 kg uranyum kaybı. https://nsarchive.gwu.edu/briefing-book/nuclear-vault/2016-11-02/numec-affair

https://nsarchive.gwu.edu/document/22145-10-memorandum-sac-wfo-director-fbi

[5] "Did Israel 'Transfer' Military Technology to Help China Build the J-10 Fighter?" — The National Interest, Kasım 2024. Lavi-J-10 transferi ve Mirage V-Nesher-Kfir hattı. Ayrıca: John W. Golan, Lavi: The United States, Israel and a Controversial Fighter Jet (University of Nebraska Press, 2016). https://nationalinterest.org/blog/buzz/did-israel-transfer-military-technology-help-china-build-j-10-fighter-85491

[6] "Great Power Rivalry and Israeli Selective Neutrality: 'Walking Between the Drops'" — E-International Relations, Temmuz 2024. İsrail'in "non-identification" politikası ve Soğuk Savaş'ta çok cepheli silah ticareti. https://www.e-ir.info/2024/07/11/great-power-rivalry-and-israeli-selective-neutrality-walking-between-the-drops/

[7] "Israeli Foreign Policy Strategy towards the Great Powers" — ResearchGate, Ekim 2025. Yom Kippur travmasının İsrail güvenlik elitine etkisi. https://www.researchgate.net/publication/389763826

https://www.researchgate.net/publication/389763826_Israeli_Foreign_Policy_Strategy_towards_the_Great_Powers_Historical_Foundations_and_Contemporary_State

[8] "'Not Just Another Country': The Olmert Family Sojourn Through China" — Jewish Culture and History, Vol.11, 2009. Mordechai Olmert'in 1908 doğumu, 1919 Harbin'e göç, Mandarin'le geçen 14 yıl, "son sözlerini Mandarin Çincesi ile söyledi" ifadesi. https://www.tandfonline.com/doi/abs/10.1080/1462169X.2009.10512128

[9] "The Long View from China: Harbin Jews and Israeli Diplomacy" — Moment Magazine. Harbin Yahudi mirası, Uzak Doğu'nun en büyük Yahudi Mezarlığı, sinagog restorasyonları. https://momentmag.com/the-long-view-from-china/

https://www.jewsofchina.org/JOC/userdata/SendFile.asp?DBID=1&LNGID=1&GID=77

[10] "Netanyahu Says Israel-China Cooperation 'Marriage Made in Heaven'" — Times of Israel, Mayıs 2013. "Cennet nikâhı" ifadesinin ilk kullanımı. https://www.timesofisrael.com/netanyahu-says-israel-china-cooperation-marriage-made-in-heaven/

https://il.china-embassy.gov.cn/eng//sgxw/201305/t20130510_1873481.htm

[11] "Israel Joins China-Based Fund Boycotted by US" — Times of Israel, Nisan 2015. Netanyahu'nun AIIB kurucu üyelik imzası. https://www.timesofisrael.com/israel-joins-china-based-asian-investment-bank/

 

[12] "Netanyahu: Israel-China Trade Ties Are a Marriage Made in Heaven" — Jerusalem Post, 2015. AIIB döneminde nikâh vurgusunun tekrarı. https://www.jpost.com/Israel-News/Netanyahu-Israel-China-trade-ties-are-a-marriage-made-in-heaven-395055

https://www.jpost.com/israel-news/benjamin-netanyahu/after-saudi-king-visit-china-steps-up-mideast-engagement-with-netanyahu-484679

 

[13] "Israel's Defence Exports Pivot to Asia" — Observer Research Foundation, Aralık 2025. 2024 rekor 14,8 milyar dolar savunma ihracatı, Hindistan, Brezilya, Latin Amerika kanalları. https://www.orfonline.org/expert-speak/israel-s-defence-exports-pivot-to-asia

[14] "Pro-Zionist Letter by 'Father of Modern China' Sun Yat-Sen Resurfaces in Israel" — JNS / National Library of Israel, 10 Şubat 2021. Sun Yat-sen'in 24 Nisan 1920 tarihli Nissim Ezra'ya yazdığı imzalı mektup, mektup 1938'den beri İsrail Milli Kütüphanesi Schwadron Koleksiyonu'nda. https://blog.nli.org.il/en/sun-yat-sen/

[15] "Wang Yi on His Visit to Israel" — Çin Halk Cumhuriyeti Dışişleri Bakanlığı resmi sitesi, 19 Aralık 2013. https://www.fmprc.gov.cn/eng/

https://tl.china-embassy.gov.cn/eng/xwdt/201312/t20131224_1139129.htm

[16] "Co-hosting Trade Conference With Netanyahu, China's VP Hails Israeli Technology" — The Times of Israel, 25 Ekim 2018. Wang Qishan'ın Yad Vashem ziyareti ve dördüncü JCIC toplantısı. https://www.timesofisrael.com/co-hosting-trade-conference-with-netanyahu-chinas-vp-hails-israeli-technology/

[17] Xi Jinping, "Deepening Exchanges and Mutual Learning Among Civilizations for an Asian Community with a Shared Future" — Asya Medeniyetleri Diyalog Konferansı açılış konuşması, Pekin, 15 Mayıs 2019. Talmud'un kanonik metinler arasına dahil edilmesi. https://www.fmprc.gov.cn/eng/xw/zyjh/202405/t20240530_11341293.html

[18] "Chinese Media Keeps Referencing the Holocaust — Here's Why" — The Times of Israel / JTA, Nisan 2022. Çin devlet medyasının Holokost retoriğini Doğu Türkistan'daki baskıları yatıştırma aracı olarak kullanması. https://www.timesofisrael.com/chinese-media-keeps-referencing-the-holocaust-heres-why/

[19] "Biden's Belated Invite: Netanyahu and the Washington Cold War" — Al Jazeera, Temmuz 2023. Biden'ın yedi aylık davet boykotu. https://www.aljazeera.com/news/2023/7/18/biden-makes-belated-invite-for-israeli-pm-netanyahu-to-visit-us

[20] "Netanyahu Set to Visit China Next Month in Trip Seen Likely to Annoy Biden" — Times of Israel, Haziran 2023. Pekin ziyareti ilanı. https://www.timesofisrael.com/netanyahu-set-to-visit-china-next-month-in-trip-seen-likely-to-annoy-biden

[21] "Snubbed by Biden, Netanyahu Uses China Card" — Al-Monitor, Haziran 2023. "Pekin kartı" eksen şantajı analizi. https://www.al-monitor.com/originals/2023/06/snubbed-biden-israels-netanyahu-will-visit-china-it-expands-influence

[22] "With Israeli-US Ties Troubled, China Says Xi Looking Forward to Netanyahu Visit" — Times of Israel, 2023. Xi'nin gerginliği fırsata çeviren daveti. https://www.timesofisrael.com/with-israeli-us-ties-troubled-china-says-xi-looking-forward-to-netanyahu-visit

[23] "'A Strategic Mistake': Security Chiefs Slam China Visit" — Times of Israel, Haziran 2023. Yadlin, Ben Barak ve Hayman'ın eleştirileri. https://www.timesofisrael.com/strategic-mistake-netanyahu-panned-for-planning-china-visit-as-signal-to-biden

[24] "Israel-China Relations: Innovative Comprehensive Partnership" — INSS, 2019. 2017 Partnership ve JCIC mekanizması. https://www.inss.org.il/publication/israel-china-relations-innovative-comprehensive-partnership/

[25] "Ambassador Xiao's Article on Technological Innovation Cooperation" — Çin Büyükelçiliği / Jerusalem Post, 7 Nisan 2025. Changzhou ve Şanghay parklarındaki şirket-girişim-fikri mülkiyet rakamları. https://il.china-embassy.gov.cn/eng/sgxw/202504/t20250409_11590914.htm

[26] "Netanyahu admits Israel economically isolated, says will need to become 'super-Sparta'" — Times of Israel, 15 Eylül 2025. Netanyahu'nun "Çin İsrail karşıtı kampanya yürütüyor" beyanı, teknoloji akışının bu beyana rağmen sürdüğü. https://www.timesofisrael.com/netanyahu-admits-israel-is-economically-isolated-will-need-to-become-self-reliant/

[27] "China signals willingness to boost Israel ties despite strains from Gaza conflict" — South China Morning Post, 16 Şubat 2025. Çin Dışişleri Bakanı Wang Yi'nin İsrailli mevkidaşına "Çin-İsrail yenilikçi kapsamlı ortaklığını ilerletme" beyanı; 2017 Partnership'in resmi teyidi. https://www.yahoo.com/news/china-signals-willingness-boost-israel-093000173.html

[28] "China-Israel Economic Cooperation: Still Important for Both Sides?" — NUS Middle East Institute, Eylül 2025. Mayıs 2025 Tel Aviv yaşam bilimleri eşleştirme etkinliği: enerji yönetim sistemleri ve karbonat teknolojileri dahil altı İsrail projesinin Changzhou Parkı'na giriş anlaşmaları. https://mei.nus.edu.sg/publication/china-israel-economic-cooperation-still-important-for-both-sides/

[29] "Guang-Israel Tech Changzhou Innovation Institute 2025 Açılış Töreni" — China-Israel Changzhou Innovation Park resmi açıklaması, 2025. On tohum proje, beş erken aşama girişim, üç sanayi-akademi-araştırma işbirliği anlaşmasının eş zamanlı imzalanması. Ayrıca: NUS Middle East Institute analizi, Eylül 2025. https://www.gtiit.edu.cn/en/viewNews_4931.aspx

[30] Xiao Junzheng, "China's growth can usher in a new era for China-Israel cooperation" — Calcalist (İsrail), 20 Ağustos 2025. Çin'in Tel Aviv Büyükelçisi'nin imzalı makalesi; "İsrail AR-GE + Çin üretimi + küresel pazarlar" modelinin yapay zekâ, biyoteknoloji, sağlık ve temiz enerji alanlarında devamı. https://www.calcalistech.com/ctechnews/article/rj00fjgmklx

[31] "Trends in Israel–China Trade in 2024" — INSS, Mayıs 2025. 2017 sonrası doğrudan yatırımın düşüşü, ticaret hacminin artışı: sermayenin azalması, entegrasyonun derinleşmesi. https://www.inss.org.il/publication/israel-china-2024/

[32] "U.S. Aid to Israel in Four Charts" — Council on Foreign Relations, Ekim 2025. ABD'nin 1948-2025 İsrail'e enflasyon ayarlı 310+ milyar dolar yardımı, FMF özel ayrıcalığı. Ayrıca: "U.S. Foreign Aid to Israel" — Congressional Research Service, Ağustos 2024: 2019-2028 MOU 3,8 milyar dolar/yıl. https://www.cfr.org/articles/us-aid-israel-four-charts

[33] The Washington Institute - What Is the New Israeli Government's China Policy? https://www.washingtoninstitute.org/policy-analysis/what-new-israeli-governments-china-policy